ئاپامنى ئىزدەپ

Will you make a small €5 gift today?

We need your help.

€5.00

ئاپامنى ئىزدەپ

ئاپتور: خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي

كونۇپكا تاختىسىدىكى بارماقلىرىم بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان بېشىمدىن كەچۈرگەن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى ئەڭ يىنىك تىلدا يېزىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، كۆز ئالدىمدا  شۇ كۆرۈنۈشلەر زاھىر بولىۋاتىدۇ، ئەڭ ئازاپلىقى يۈرىكىمنىڭ ئېغىر تىۋىشلارغا سوقۇشى بىلەن روھىمنىڭ چوڭقۇرلىرىدا ھۇۋلىغان يالغۇزلۇق خۇددىي قارلارغا قاپسالغا ئورماندا يالغۇز قالغان قوزىغا ئېتىلغان بۆرىلەردەك مېنىڭ روھىمنى ئوۋلىماقتا. يالغۇز پەرزەنتنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەش ھېكايىسىنى يېزىشنى ئەزەلدىن ئۈمۈد قىلمىغانىدىم، ئۇنى شۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ياشىدىم مانا ئەمدى ئۈچۈنچى يىلىنىمۇ ياشاپ بولاي دېدىم. تۇيغۇلىرىم دېڭىز ياقىسىدىكى يالغۇز كەپىدە ئاچچىق موخۇركىسىنى چىكىپ يىراقتىن كۈننىڭ پېتىشىغا قاراپ خىياللارغا كەتكەن تەنھا بوۋايغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. چارچىغانىدىم، جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى باتىنىي جەھەتتىنمۇ چارچىغان، تۇيغۇلار تېڭىرقىشىدا ئاچچىق موخۇركىنىڭ ئىسىدا ئۆزىنى تۇنجۇقتۇرماقچى بولغان بوۋاينىڭ مىسكىنلىكىگە چۆككەندەك قىلاتتىم.

ئاپامنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىدىم، كىچىكىمدە قالغان ئەسلىمىلىرىم ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئاتام ۋە ئاپام بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقتىم ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قالدۇرغان بالىلىق ئەسلىمىلىرىممۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. باشلانغۇچنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقىتلىرىم، ئاتام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتتى، ئاپام بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەتتى، ئاتام ئۆگەي ئاپام بىلەن توي قىلدى. شۇ چاغلاردا ئاپامنى يىلدا بىر قېتىم كۆرەتتىم، شۇ بىر قېتىم كۆرۈشۈممۇ ئۆگەي ئاپام تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچىرايتتى، نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۆگەي ئاپام خۇددىي ماڭا ئۆز ئاپامنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۆزى ئاپا بولماقچى بولغاندەك. ئۇنىمۇ ئاپامدەك كۆرەتتىم، ئەمما يەنىلا ئۆز ئاپام ئەمەس ئىدى. ئاناملارنىڭ، يەنى ئاتامنىڭ ئاتا ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇم، ئەسلىدىمۇ شۇ يەردە كۆپ تۇرۇپ چوڭ بولغانىدىم، ئاتام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كېتىشتىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرگە تۇرۇپ، كېيىن دادام ئاناملارنىڭ ئۆيىگە يەنە قايتىپ كەتكەنىدىم، ھازىر ئويلىسام، شۇ چاغلاردىلا ئاتام بىلەن ئاپام ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان ئىكەن. ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى تاكى ئاتام ئۆگەي ئاپام بىلەن توي قىلغىچە ئېنىق بىلمىگەنىدىم. كېيىن ئەنۋەر بىلەن بىللە ئاپىمىزنى ئىزدەپ ئۆيدىن قاچقانلىقىم مەھەللىدە رىۋايەت بولۇپ، تارقالغانسېرى رەڭدارلىشىپ، مەزمۇنلىشىپ كەتكەنىدى. شۇ بەك قىزىقارلىق ھىكايە، ئاپامنى ئىزدەپ ناملىق بۇ راست ئىشلات خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى ھىكايىسى قىلىپ شۇنى كىتابخانلارغا ئېيتىپ بەرگۈم كەلدى.

– سېنىڭمۇ ئاپاڭنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ؟ – دەپ سورىدى ئەنۋەر، بارات تەرجىماننىڭ يالغۇز ئوغلى. ئۇ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇيتتى، بارات تەرجىمان ئالتۇن چىشى بار، قويۇق جەنۇپ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇ كىشىمۇ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغانىكەن، قانداق بولۇپ تۇرپانغا، توغرىسى توقسۇنغا ئورۇنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. يادىمدا قېلىشىچە ئۇ كىشى ھاراقكەش كىشى ئىدى، ھاراق ئىچىۋالسىلا ھەممىمىز ئۇ ئادەمدىن قورقۇپ قاچاتتۇق. مەن مەھەللىمىزدىكى ئادەملەر ئىچىدە بىر شۇ ئادەمدىن ھەزەر ئەيلەيتتىم، چۈنكى ئۇ ئادەم ئوڭ ۋاقتىدا ھەممىگە كۈلۈپ، خۇشچاقچاق مۇئامىلە قىلغىنى بىلەن، ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى ئەلپازى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ ئايالى ئاجرىشىپ كەتكەنىكەن. دېمەكچى بولغىنىم ئەنۋەرنىڭ ئۆز ئاپىسى باشقا بىر يەردە تۇراتتى، ئەمما نەدە تۇرىدىغانلىقى يادىمدا قالماپتۇ، شۇ چاغدا قاچقان ۋاقتىمىزدا نىمە دەپ قاچقانلىقىممۇ يادىمدا يوق.

– بەك سېغىندىم،- دەپ جاۋاب بەردىم ئۇنىڭغا، ئۇ چاغلاردا تېخى باشلانغۇچقا ئەمدىلا كىرگەن ۋاقتىمىز ئىدى. ئۇ مەندىن بەلكى بىر قانچە ياش چوڭ بولسا كېرەك، ئۇ خىتاي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇۋاتقىلى بىر ياكى ئىككى يىل بولغان ۋاقىتلارلىقى يادىمدا قاپتۇ. ئۇ خىتايچە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغانىدى. مېنىڭ ساۋادىمنى نەۋرە ئاچام چىقىرىپ قويغانىدى، نەۋرە ئاچا دېگىنىم ئەمەلىيەتتە ئاتامنىڭ چوڭ ئاچىسىنىڭ بىرىنچى قىزى ئىدى، ئۇنى نىمىشقا داداملارنىڭ بېقىۋالغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈنى سوقۇشاتتىم. ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ ئاپامنى ئىزدىمەكچى بولغانلىقىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىمۇ شۇ ئاچام سەۋەبلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ئەمدىلا ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىم ئىدى، دادامنىڭ ۋېلسىپىنى ئېلىپ قېچىشنى پىلان قىلدۇق، كېيىن ئۇنىڭدىن يالتايدۇق. ئەنۋەرنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ ئاپىسى تۇرپاندا ئوخشايدۇ، مېنىڭ ئاپام بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمىسەممۇ تۇرپانغا بارساق، تۇرپانغا يېقىن بىر يەر دەپ ئويلايتتىم. بولمىسا ئاپام قانداقمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ ئوقىسۇن، بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ تۇرپاندا ئ‍ىدى، مەن تۇرپانغا بېرىۋالساملا ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كېتەلەيدىغانغا كۆزۈم يېتەتتى. قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيتتۇق، ئەمما قاتناش بېكىتىگە بېرىۋالساقلا، ئۇ يەردە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا بارالايدىغانلىقىمىزنى بىلەتتۇق. داداملارنىڭ ئۆيى بازارغا يېقىن يەردىكى شاھ يېزىسىدا ئىدى، ئۇيەردىن بازارغا ئىشەك ھارۋىسىنىڭ ئارقىغا ئەگىشىپ بېرىۋالدۇق، يادىمدا شۇنداق ئېنىق قاپتۇ، سېرىق چاپان دېگەن يەرگە بارغاندا ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەيدىغان ئادەم بىزنىڭ پۇلۇڭلار بولمىسا ھارۋامغا ئېسىلماڭلا دەپ قامچىسى بىلەن ئۇرغانىدى، قامچا ئەنۋەرنىڭ بېلىكىگە تەگكەنىدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدا قارا ياغاچنىڭ ئاستىدا يېشى بىلەن ماڭقىسىنى يېڭىگە ئېرتىپ خېلى ئۇزۇن يىغلىغانىدى. ئاتىسىدىن ئۇنداق تاياقنى كۆپ يىگەنلىكىنى كۆرگەنىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ نىمىش ئۇنچە يىغلىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئاپىسىنى سېغىنىپ شۇنداق يىغلىغان بولسا كېرەك. ئاپىسى يېنىدا بولغان بولسا ئۇنى ئاۋۇ قاسماق ھارۋىكەش ھەرگىز ئۇرالمايتتى. بەلكىم ئۇنىڭ يىغلىشى باشقا ئىشتىن ئەمەس، بەلكى ھارۋىچىلىق قىلىدىغان ناتۇنۇش بىرىدىنمۇ بىكارغا تاياق يىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. راستىمنى دېسەم، ئەنۋەرگە ئۇ تاياق تەگمىگەن بولسا ماڭا تىگەتتى، مەن قانداق قىلار بولغۇيتتۇم؟

– تۇرپانغا بارىدىغان ئاپتۇبۇس بېلىتى ئىككى كويگەن، – دەپ كەلدى ئەنۋەر، بىزنىڭ يېنىمىزدا بەلكىم بىرلىشىپ شۇنچە پۇل بولۇشى مۇمكىن. پۈرلىشىپ كەتكەن موچەن پۇللارنى يىغىپ ساناشقا باشلىدۇق، يادىمدا قېلىشىچە تۆت كويغا يەتمەيتتى. ئۇ پۇللارنى ئىككىمىز قۇتا سېتىپ، سۆڭەك سېتىپ تاپقانىدۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا قۇتا تاپماقمۇ تەس ئىدى، قۇتىلارنى قانچە كۈن يىغقانلىقىمىزنى بىلمەيمەن، ئىككىمىز مەھەللىدىكى دۇكاندىن، كەچلىك بازاردىن قۇتىلارنى تەرگەنىدۇق. سۆڭەكلەرنى مەھەللىدىكى ئەخلەت تاشلايدىغان يەردىن تەرگەنلىكىمىز يادىمدا بار، سۆڭەك سالىدىغان خالتا تاپالماي ئەنۋەرلەرنىڭ ئۆيىدىكى كونا ئۇن خالتىسىنى ئوغۇرلىغانىدۇق، كېيىن ئەنۋەر شۇ سەۋەبلىك بارات تەرجىماندىن قاتتىق تاياق يىگەنىدى. مېنى ھېچكىم تىللىمايتتى، ھېچكىم ئۇرمايتتى. ئاتامنىڭ ئىككىنچى ئاچىسىنىڭ يولدىشى سەمەتتىن باشقا ھېچكىم ئۇنداق قىلمىغانىدى. بىر قېتىم قانداق بولدى، بالىلار بىلەن ئويناپ، مەن سوقمىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتىمەن، داڭگال ئاتتىممۇ ياكى لايمۇ يادىمدا يوق، بىر نەرسىنى ئاتقىنىمنى بىلىمەن، ئۇ نەرسە شۇ سەمەتنىڭ ئالدىغا چۈشتى، ئۇ ماڭا:

– ئاتىسى بىلەن ئاپىسى تاشلىۋەتكەن شۇمتەك ماڭا بىر نەرسە ئاتقىدەك بولدۇڭما؟- داپ ۋارقىۋاپ كېلىپ، قانداق قىلدى پۇتۇمدىن سۆرەپ ئادەم بۇيى تامدىن يىقىتىپ، يەردە ئىڭراپ ياتقىنىمدا قۇرسىقىمغا دەسسىگەنىدى. كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم قاتتىق تاياق يېيىشىم شۇ بولغانىدى. ئەمما ئۆيدىن قېچىشىم ئۇ ئىش بىلەن ئاقىسى يوق ئىدى، چۈنكى سەمەتتىن تاياق يېيىشىم ئۆيدىن قېچىپ، تۇتۇلۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىش ئىدى.

بېلەت ساتىدىغان يەردىن چىقىپ، ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ يېنىغا كەلدۇق، ئۇنىڭغا يېنىمىزدا بار پۇلنى بېرىپ، بىزنى ماشىنىسىغا سېلىۋېلىشنى ئېيتتۇق، ئۇ بىزنىڭ بورۋاي بۇيىدىكى دوقمۇشتا ساقلاپ تۇرۇڭلار دېدى. شۇنداق قىلدۇق، ئەمما ئۇ ماشىنىسىنى توختاتمايلا ئۆتۈپ كەتتى، ماشىنىنىڭ ئارقىدىن قوغلاشتۇق، يېتىشەلمىدۇق. بەك ئاچچىقىمىز كەلگەنىدى، قاتناش بېكىتى ئەتراپىدا كەچكىچە ئايلىنىپ يۈردۇق، تاكى قاراڭغۇ چۈشۈپ، ئالدىدىكى ئادەمنى تۇنىيالمىغان بولغىچە. نىمە قىلىشىمىزنى بىلمەي يۈرگىنىمىزدە، تۇرپانغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن ھېچلىقى شوپۇرنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۇق، ئۇنىڭ ماشىنىسى بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى يەرگە توختىتىلغانىدى. ئەنىۋەت ئىككىمىز دېيىشىۋالغاندەكلا يەردى تاش تېرىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ قانچە دېرىزىسىنى چېقىپ بولۇپ قېچىشقا ئۈلگۈردۇق، خۇددىي كىنولاردىكى كىچىك لۈكچەكلەردەكلا. شۇ يۈگىرىگىنىمىزچە قانچىلىك يۈگۈرگىنلىكىمىز يادىمدا يوق، كەچلىك بازار بولىۋاتقان بىر يەرگە بېرىپ قالدۇق. توقسۇننىڭ بۇنداق چوڭلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بالىلىق تەسەۋۋۇرىمدىكى دۇنيا شۇ قەدەر كىچىك ئىدى، بىزنىڭ مەھەللىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىلا مېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇنيا ئىدى.

– خالمۇرات، بالام بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرەيسەن؟ – دادام رەھمەتلىك ئىسمىمنى چاقىردى. گەرچە راست ئىسمىم خالمۇرات بولمىسىمۇ، دادامنىڭ مېنى چاقىرغان ئىسمى ئۇ بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار تونۇلغان ئىسمىم شۇ بولغاچقا، شۇ ئىسىمنى قوللىنىۋېرىشنى توغرا تاپتىم. دادام رەھمەتلىك مېنىڭ قاچقانلىقىمنى بىلمەي قالغاندەك ئىدى، ئۇ بىزگە كاۋاب ئېلىپ بەردى. مەن سېرىق ئاش بىلەن راڭپىزىغا ئامىراق ئىدىم، ئۇلارنىمۇ يىدىم، قۇرساقنىڭ ئاچقان يېرىگە بارمىغاندەك، قورسىقىم يەنە ئاچتەك ھېس قىلغانىدىم. بەلكىم ئۇ كۈنى بولغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدە، بىر كۈن ھېچنىمە يىمىگەنلىكتىنمىكىن، بەك ئېچىرقاپ كەتكەن بولسام كېرەك. ئەنۋەرنى دادامنىڭ ۋېلسىپىتىنىڭ ئارقىغا ئولتۇرغۇزدى، مېنى ئالدىدىكى تۆمۈرىگە ئولتۇرغۇزۇپ مەھەللىمىزگە قايتىپ كەلدۇق. ئەنىۋەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا تاياق يىگەنلىكىنى جەزىم قىلالايمەن، چۈنكى ئەتىسىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن ئۇنى كۆرمىگەنىدىم، كېيىن ئۇنىڭ دوختۇرغا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. شۇ قېتىم قاچقاندىن كېيىن ھايات ئۆزگەرگەندەك بولدى، دادام رەھمەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدە يېقىنلاپ كەتتى. ئەنۋەرنىڭ ھاياتىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولدى، ئۇنىڭ ئاتىسى بارات تەرجىمان ئايشەم دوختۇر بىلەن تونۇشۇپ، تويىنى قىلدى. ئۇلارنىڭ تۇيىدا ئەنۋەر بىلەن بىرلىشىپ پولوغا باسىمىز دېگەن قۇرۇق ئۈزۈم، قاق ۋە قوغۇم قېقىنى ئوغۇرلاپ ئ‍ۆگزىگە چىقىپ يىگەنلىكىمىز يادىمدا، شۇ كۈنى كەچتە ھەممىسى ئۇنئالغۇنىڭ مۇزىكىسىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا، ئەنۋەر ئىككىمىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە يېتىپ قوغۇن قېقى يىگەنىدۇق. ئاپامنى ئىزدەش ھىكايەمنىڭ تۇنجى قىسمى شۇنداق خاتىمىلەنگەنىدى.

كېيىن ئاتام بىلەن ئۆگەي ئاپام ئاجرىشىپ كەتتى، ئاتام بىلەن ئاپامغا ئايرىم ئايرىم يازغان خېتىمنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار يارىشىپ قاپغانىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ تۆھپىنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋالغۇم يوق، چۈنكى دادام رەھمەت بىلەن ئانام رەھمەتلىكنىڭمۇ تۆھپىسى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ يارىشىۋېلىشىغا ئاپام تەرەپنىڭ تۇغقانلىقى قوشۇلمىغانىدى، بولۇپمۇ رابىخان چوڭ ئاپام قاتتىق قارشى تۇرغانلىقى يادىمدا. رەھمەتلىك چوڭ ئاپام مېنىڭ ئانام ھىسابلىناتتى، چۈنكى ئاپامنىڭ ئاپىسى كىچىكىدە تۈگەپ كېتىپ، چوڭ ئاچىسى ئۇلارغا ئاپىسىدەك قاراپ چوڭ قىلغانىكەن، شۇڭا چوڭ ئاپام ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئانىمىز ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىنلاشقۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ ماڭا ئامىراقلىقىنى بىلىمەن، ئەمما نىمىشقىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا قانداقتۇر بىر تام باردەك، قانداقتۇر يېقىنلىشىش تەس بىر ئارىلىق باردەك ھېس قىلاتتىم. مۇشۇ ئىككى يىلدا ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلدىم، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنىمدە ئۇ ئوكسىگىن تەمىنلەيدىغان ماشىنىدا نەپەسلەنمىسە نەپەسلىنەلمەس بولۇپ قالغانىكەن، يۈرەك ئاجىزلىقى ئېغىرلاپ كەتكەنىكەن. رابىيە چوڭ ئاپام بىلەن ئەسلىيەلىگىدەك بىرەر پۈتۈن ۋەقەلىك يادىمدا يوق، ئەمما 2017-يىلى ئۇنىڭدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەك ئازابلانىدىم، ئاپامغا ئاپىلىق قىلغان بۇ ئايالدىن ئايرىلىش، ئاپامنىڭ خەۋىرىنى ئالالماسلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئائىلىۋىي ئادەتلىرى بار ئىدى، مەسىلەن بىز تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەيتتۇق،  ئاتىلارنىڭ ئىسمىنى يادلايتتۇق. بەلكىم بۇ سوۋېتنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياكى دادام- ئاناملارغا ئۇلارنىڭ چوڭلىرىدىن قالغان ئادەت بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلار روستلاردىن ئۆگەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنى كىشىلەر خالمۇرات دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمما ئۇ مېنىڭ راست ئىسمىم ئەمەس، بۇ ھەقتە يۇقىرىدىمۇ توختالغان بولدۇم. ئاتامنىڭ ئىسمى سېتىنىياز، توقسۇندا تۇغۇلغان، بەزىلەر بۇ ئىسىمنى سەئىد ۋە نىياز ئىسمىنىڭ بىرىكمىسى دېيىشىدىكەن. دادام رەھمەتلىكتىن سورىسام، بوۋىمىز ئاتامغا شۇ ئىسىمنى قويىسىلەر دەپ چىڭ تۇرىۋالغانىكەن. سېتى، يەنى سېتىۋالدىنىڭ قىسقارتىلمىسى، نىياز ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ سېيىتنىياز بولغانىكەن. ئاتام تەرجىمانلىق قىلاتتى، كىچىكىدىن خىتاي مەكتەپتە ئوقۇغانىدى. بۇ ھەقتە سۆزلىسەم ئۇزۇن بىر ھىكايە چىقىدۇ، شۇڭا بۇيەردە بۇ ھىكايىنى باشلىماي تۇراي. ئاتامنىڭ ئاتىسى غوپۇر، ماناستا تۇغۇلغان، سۇ ئىشلىرى ئېنژىنېرى، سوۋىتلىكلەر تەرىپىدىن تەربىيلەنگەن. بىلىشىمچە روسچە بىلىشى مۇمكىن. دادام رەھمەتلىكنىڭ سىلاۋىيانچە يېزىلغان كۆپ كىتابلىرى بارلىقى غۇۋا يادىمدا بار. كېيىن قانۇنسىز كىتابلارنى تەكشۈرەۋېتىپتۇ دېگەندەك گەپلەر تارقالغاندا ئۇلارنى قەيەرگە يوقاتقانلىقىنى بىلنەيمەن. دادام رەھمەتلىكنىڭ كىتابخۇمارلىقىدىن ئۇ كىتابلارنى يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم بىريەرگە كۆمۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. مەن شۇلاردىن بىرىنى ئېلىۋالغانىدىم. كېيىن سىلاۋىيانچە ئوقۇشنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن روسچە كۇرسقا قاتنىشىپ، ساۋادىمنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئۆزبەكچە كىتابلىقىنى بىلىپ، روسچە ئوقۇشتىن چىقىۋالغانىدىم. ئابدۇللاھ جۇلقۇنباينىڭ مىھراپتىن چايان ئەسىرى ئىدى، ھەممىنى سىلاۋىيانچە ئوقۇپ بۇلالمىغان بولساممۇ، ئۇ مەن ئوقۇغان تۇنجى رومانلاردىن بىرى ئىدى. دادامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھەمدۇل، قاسسۋاپلىق قىلىدىكەنتۇق. مىللىي ئارمىيىگە قېتىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانىكەن، بىرەر خىزمەر كۆرسۈتۈپ قەھرىمان ئالغانلىقىنى بىلمەيمەنم، ئەمما ئۇ دادامنىڭ قەھرىمانى ئىدى، رەھمەتلىك دادام ئاتىسىنىڭ ھىكايىسىنى ماڭا قانچە قېتىملاپ ئېىتىپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ھىكايىسى ھەمدۇل بوۋامنىڭ ئاتىسى قادىر بۇۋامدىن باشلىناتتى. قادىر بوۋام ياغاچچى ئىكەن، ئۇنى غوپۇر دادام خارەتچى دەيتتى، كېيىن بىلسەم خارەتچى دېگەنلىك ياغاچچى دېگەنلىككەن. قادىر بوۋامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى  ساتتار، .ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى جۇلقۇن دەيتتى دادام، مەن يالقۇنمۇ دەپ قانچە قېتىم سورىغانىدىم، غوپۇر دادام ياق، جۇلقۇن دەپ جەزىملەشتۈرگەنىدى. كېيىن بىلسەم، بۇ ئىسىم قازاقچە يالقۇن دېگەن ئىسىم ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئوشەن، ئۇ سودىگەر ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى قاۋۇل، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى قاۋان، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پالتا، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى تۆمۈر، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يادىمدا قالمىدى، ئەمما ئەرەپچە ئىسىم ئەمەس ئىدى. دادام رەھمەتلىك ماڭا ئۇ ئىسىملارنى ياتلاتقانىدى، 12 ئاتىمىزغىچە ياتلىيالايتتىم، ئۇنىڭغا ئاتام بىلەن دادام قوشۇلسا 14 بولاتتى، ئەمما ھازىر پەقەتلا 9 ئاتىمىزنىڭ ئىسمىنى ياتلىيالىدىم، ئاتام بىلەن دادام قوشۇلسا 11 بولىدىكەن. غوپۇر دادامنبڭ قەبرىسى توقسۇن ناھىيىسى گۇڭشاڭ قەبرىستانلىقىدا، ھەمدۇل دادامنىڭ قەبرىستانلىقى بوستان يېزىسى تاغاقچىلان قەبرىستانلىقىدا، قادىر بۇۋامنىڭ قەبرىسى قاراغۇجىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا، ئۇنىڭدىن باشقا ئاتىلىرىمنىڭ قەبرىسىنىڭمۇ شۇ ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى دېگەنىدى دادام. ھەمدۇل دادام قازا قىلغاندا قەبرىسىنى قاراغۇجىدىكى شۇ قەبرىستانلىققا قويۇشنى ئارزۇ قىلىپتىكەن، ئەمما ئۇ زامانلاردا قاتناش قولايسىز بولغاچقا توقسۇنغا دەپنە قىلىنىپتىكەن.

ئاپا تەرەپنىڭ شەجەرىىسى تۆۋەندىكىچە:

ئاپامنىڭ ئىسمى گۆھەرخان، ئاتىسىنىڭ ئىسمى تۆمۈر، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى خېۋىر، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ساتتار، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پەتتار، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇت، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئەھمەت، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ. ئاپامنىڭ تېگى سودىگەرلەردىن ئىكەن، خېۋىر دادام ھەجگە بېرىپ شۇ يەردە قازا قىلغانىكەن، ئۇنىڭ ئاتىسى ساتتار ھەجدىن يېنىشىدا پاكىستاندا قازا قىلىپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

ئاتامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە چوڭ ئۆيگە باراتتۇق، ئانام رەھمەتلىك ئاتامغا لەغمەن قىلىپ بېرەتتى. ئانامنىڭ ئىسمى قەمەرخان ئىدى، ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئىسمى مەڭلىخان ئىدى. مەڭنىخان ئانام قەمەرخان ئانامنى كومما دەپ چاقىراتتى، مەڭلىخان ئانامنى قەمەرخان ئانام مىريا دەيتتى، بۇ ئۇلارنىڭ قسىقارتىلغان ئىسىملىرى بولسا كېرەك. ئانام رەھمەتلىك بۇ ئادەتلەرگە ھېچقانداق چۈشەنۈرۈش بەرمەي كېتىپ قالدى. ئانام رەھمەتلىك ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى تىپىك ياۋرۇپالىق چىرايدىكى كىشىلەر ئىدى. شۇڭا بەزىلەر چاقچاق قىلىپ سېنىڭ ئاناڭ ئورۇس دەپ قوياتتى، مەن ئانامدىن سىز ئورۇسمۇ دەپ سورىغانىدىم، ئانام ئۆزىنىڭ ئورۇس ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنىدى. تۇرپاندا بەزى ئۇيغۇرلار شۇنداق ياۋرۇپالىق چىراي چىقىپ قالاتتى، ئۇلارنى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن دەپ پروگرامما ئىشلىگەنىدى بىر چاغلاردا نەشىنال جۇغراپىيىسى. بەلكىم، ئاناملار شۇلارنىڭ ئەۋلادى بولسا كېرەك. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئاۋۇسترالىيە ئاقتەنلىكلەرگە بىۋاستە ۋەتەنداشلىق بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغانىكەن، ئانامنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى شۇ چاغلاردا ئاۋۇسترالىيىگە چىقىپ كەتكەنىكەن. يادىمدا قېلىشىچە، مەن باشلانغۇچقا يېڭى كىرگەن يىللىرى بىزنىڭ ئۆيگە ئاۋۇسترالىيىلىك تۇغقانلار يوقلاپ كەلگەنىدى، ئۇلار پۈتۈنلەي چەتئەللىك چىراي كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلمەيتتى.

ئەمدى ھىكايىنى قادىر بوۋامدىن باشلايمەن، قادىر بوۋام خارەتچى ئىكەن، قانچە بالىلىق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. ياش ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، غوجانىياز ھاجىم كەپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، مەھەللىسىدىكىلەر بىلەن يىغىلىشىپ لۈكچۈنگە بېرىپتۇ. شۇيەردە مۇھىتىلارنىڭ ئەسكىرى بولۇپتۇ، پىچاندا كۆپ ئۇرۇشلار بولۇپتۇ، ئەڭ قاتتىق سوقاش لۈكچۈندە بولۇپتۇ. شۇ ئۇرۇشتا مەخسۇت مۇھىتى شېھىت بولۇپتۇ. بىر قىسىم ئەسكەرلەر قاراغۇجىغا چېكىنىپتۇ، ئورۇس ئەسكەرلەر پىچاندىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، توقسۇنغا قېچىپتۇ، توقسۇندا خوجانىيازنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قايتا تېپىشىپ، شۇيەردە كورلىغا، ئاندىن جەنۇپقا قاراپ كېتىپتۇ. قادىر بوۋام ئۇرۇشتا يارىلىنىپ، تۇرپانلىق باشقا ئەسكەرلەر بىلەن توقسۇنغا كېلىۋاپتۇ. كېيىن غوجانىيازنىڭ سابىت داموللامنى يالاپ ئۈرۈمچىگە باشلاپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ خەۋەرچىسى توقسۇنغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن كېتىشنى راۋا كۆرمەي، قارا غۇجىغا قايتىپ كېتىپتۇ. غوپۇر دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ چاغلاردىكى ئەسكەرلەر ئۇنچە مۇنتىزىم ئەمەس ئىكەن، شۇنداقتىمۇ شەرىقتىن جەنۇپقا قەدەر مۇساپىنى بېسىپ ئۇرۇش قىلىشقا قادىر بۇلالىغانىكەن. مۇھىتىلارنىڭ ئەسكەرلىرى  ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ مۇنتىزىم ھېساپلانسىمۇ، ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇرال يېتىشمەيدىكەن. قادىر بوۋام شۇ چاغلاردا نەيزە ياساشقا مەسئۇل بولغانىكەن، توقسۇندا قارا مىلتىقلارنى ئۆزگەرتىپ ياسايدىغان بىر زاۋۇت قۇرۇپ، تېخى رەسمىي ئىشقا كىرىشمەيلا ئۇيەردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانىدىكەن. بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىرچە قالدۇرۇلغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ تارىخىي قىممىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ماڭا ئېنىق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ دادام رەھمەتلىكتىن ئاڭلىغانلارنى يېزىپ قالدۇرغۇم كەلدى.

ھەمدۇل دادام بويى پاكارراق، چوقۇر يۈز ، قىززىققان كىشى ئىكەن، مەھەللە گاڭگۇڭى سانىلىدىغانكەنتۇق. قاسساپلىق قىلىدىكەنتۇق، كىشىلەر ھەمدۇل ھاڭگۇل دەپ ئاتىشىدىغان ئىكەنتۇق. چېلىشىش بولغاندا ئاستانىدىن كەلگەن بىر چېلىشچى ھەمدۇل بوۋامنى يەرگە قاتتىق ئۇرىۋېتىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھەمدۇل بۇۋام

– چېلىشىشتا سەن يەڭدىڭ، نوچا بولساڭ مۇشتلىشىپ كۆرەيلى ،- دېسە، ئاستانىلىق چېلىشچى ئۇنىڭغا:

–  قانداقلا قىلسام سېنى يېڭىۋالىمەن، – دەپ پو ئېتىپتىكەن. ھەمدۇل بوۋام ئۇنى ئ‍ۇرۇپ يىقىتىپ قويۇپ، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن بايلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قېچىپ تۇرپانغا، كېيىن ماناسقا كېتىپتىكەن. ماناستا تۇنجى ئوغلى دادام غوپۇر تۇغۇلۇپتىكەن. كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ غۇلجىغا بارغانىكەن، ئۇيەردىن تۇرپانغا ئەسكەر ئالغىلى بارغانىكەن. بىر يېزىغا بارسا، ئۇيەردىكى

– كىشىلەر خاماننى ئېلىپ بولۇپ بارايلى – دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئاچچىقىدا خامانغا ئوت قۇيىۋەتكەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىغا قايتقاندا جازالانغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى. كېيىن ھەمدۇل داداممۇ يارىلانغانمىش، شۇنىڭ بىلەن ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانمىش. مىللىي ئارمىيىنىڭ بىرقىسمى تارقىتىۋېتىلگەندە ھەمدۇل دادام توقسۇنغا بېرىپ غولبۇيىغا جايلاشقان ئىكەن. دادامدىن سورىسام، قادىر بۇۋام ھەمدۇل دادامنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، ئۇيەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغانمىش. كېيىن ھەمدىل بوۋام شۇيەردە بوزيەر ئېچىپ يەرلىشىپ كەتكەنمىش.

ھەمدۇل دادام ياشانغان بولسىمۇ ساغلام ئىكەنتۇق، بەلكىم شۇ چاغلاردا 50 ياشلاردىكى كىشىلەرنىمۇ ياشانغان دەيدىغان بولسا كېرەك. قانداقلا ھىسابلىسام ھەمدۇل دادامنىڭ يېشى شۇ چاغلاردا ئەڭ جىق بولسا 60 ئەتراپىدا چىقتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىش ئالدىدا ۋاكسىنا ئۇرىمىز دېگەن باھانىدا ھەمدۇل دادامغا ئۇرغان ئۇكۇل سەۋەبىدىن قازا قىلغانىكەن. بىلىشىمچە شۇ چاغلاردا ھەمدۇل بوۋام دېمەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپى شۇنداق ۋاكسىنا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنىكەن.

غوپۇر دادام ماڭا، يەنى يالغۇز ئوغلىنىڭ يالغۇز ئوغلىغا جەمەتىمىزنىڭ ھىكايىلىرى ئېيتىپ بەرگەنىدى. غوپۇر دادام خىتايلارنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ بېرەتتى، شۇڭا ئەڭ ياخشى چارىنىڭ ئۆزىمىزنى ئاشكارىلىماسلىق، كۆپ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق دەيتتى. شۇڭلاشقىمۇ ھەمدۇل دادام قازا قىلغاندىن كېيىن، ھېچكىم ھەمدۇل دادامنىڭ مىللىي ئارمىيىدە خىزمەت قىلغانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى سىرتقا تىنمىغانىكەن. غوپۇر دادام سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى قايتا قايتا دېگەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭ جەمەتىمىزنىڭ ھىكايىسىنى ئېتىپ بېرىشى ئەمەلىيەتتە سۈكۈتنى ئەمەس، بەلكى ئاتىلىرىمىزدەك ياشاپ بېقىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

دادام رەھمەتلىك مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا كالا قوتىنىغا سولانغانىكەن، قانچە يىللاپ <سېسىق زىيالىي > نامىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنىكەن. دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر سائىتى بىلەن بىر بەكىسى بار ئىدى، بەكىسىنى ھەمدۇل دادامنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. سائىتىنى بىللە ياتقان سەمەت ئىسىملىك بىر روست ئادەمنىڭ بەرگەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدى، دادام ئۇ سائىتىغا بەك ئامىراق ئىدى، ئۇنى سوقمىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويۇپ، قانچە يىللاردىن كېيىن ئالسا يەنە ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ ماختاپ كېتەتتى.

غوپۇر دادام ئالغۇيدىن توقسۇنغا كېلىدىغان تاش ئۆستەڭنى لاھىيلىگەپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە قاتناشقانىكەن. توقسۇندا دادام رەھمەتلىك بىلەن بىر دەۋرنىڭ ئادەملىرىدىن دادام رەھمەتلىكنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بەك ئاز ئىدى. دادام رەھمەتلىك بىلەن يېزىلارغا بارساق، كىشىلەر دادام رەھمەتلىكنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ، ئۇزاق ئۇزاق مۇڭدىشاتتى. شۇ كىشىلەر بەلكىم دادامنىڭ كونا سەبداشلىرى بولسا كېرەك. دادام سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققانىدى، ئۇنى بەزى كىشىلەر غۇپۇر جۇرۇن دېسە، بەزىلىرى غۇپۇر مىراپ دېيىشەتتى، يەنە بەزىلەر غۇپۇر جۇجاڭ دېيىشەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ دادام بىلەن ئوخشىمىغان دەۋرلەردە تونۇشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دادام مىراب بولۇپ ئىشلىگەندە تونۇشقانلىرى دادامنى مىراب دەيتتى، سېكىرتار بولۇپ ئىشلىگەندە تونۇشقانلىرى جۇرۇن دىيىشەتتى، سۇئىدارىسىغا باشلىق بولغاندا تونۇشقانلىرى بولسا جۇجاڭ دەيتتى. دادام رەھمەتلىكنىڭ ئىككى ئىنىسى بىر ئاچىسى بار ئىدى.  ئاچىسىنىڭ ئىسمى پاتمىخان ئىدى، <مەن پاتىمەنىڭ كۆڭلەكى، يەتمىش يەردە ياماقى> دېگەن ناخشىنى سۈپۈرگىنى دۇتتار قىلىپ چېلىپ ئېيتىپ ئويناۋاتقىنىمدا پاتمىخان چوڭ ئانام ھاسىسى بىلەن بىرنى قويۇپ:

– ھۇي شەيتاننىڭ شۇمتىكى،- دەپ تىللاپ قوغلات كەتكەنىدى. پاتمىخان چوڭ ئانام قاچانلا مېنى كۆرسە قولياغلىقىغا چىگىۋالغان جىگدە، چىلانلىرىنى بېرەتتى. ئۇ چوڭ ئانامنىڭ قاچان تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، يادىمدا قېلىشىچە، پاتمىخان چوڭ ئانام ئاتامغا:

– مايناق كاتتا بالاڭ تۇرسا تىرىك يىتىم قىلىپ، گۆھەرخاننى نەدىن بولمىسا تېپىپ يارىشال جۇمۇ،- دەپ ھاسىسىنى شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلغانىدى. ئۆگەي ئاپامغا:

– ھەي گۆھەرخان، ۋوي، بالام، سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمىتى، ئاۋۇ سېتنىيازنىڭ ئايالى، شۇ گۆھەرخانلا يادىمدا قاپتۇ، ھەجەممۇ ئايىقى يىنىك يىتىمدى، ھايت دىگىچە تاماقلارنى قىلىپ بولىدىغان، – دەپ ئۇنى تەتۈر قىينايتتى. بەزىدە ئۆگەي ئاپامغا ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى، دادام رەھمەتلىكلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرغان بىردىنبىر تۇغقىنى شۇ پاتمىخان چوڭئاپام بولغاچقا، دادامنىڭ چوڭ ئاچىسى بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭغا يانالمايتتى. ئۇ چاغلاردا ئانام رەھمەتلىك تېخى نان ياقالايتتى، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى، بەلكىم ئۇ چاغلاردا ئانام رەھمەتلىك 50 ياشلار ئەتراپىدا بولسا كېرەك. ھازىر ئۇلار مېنىڭ خاتىرەمدىلا قاپغاندەك، ئۇلارنىڭ ياشىغان ۋاقىتتىكى ئىزنالىرى پەقەت مېنىڭ ئەسلىمەمدىلا قالغاندەك قىلاتتى. راستىمنى دېسەم، ئۇلار كۆمۈلگەن قەبرىستانلىقلارنى گوگۇل خەرىتىدىن ئىزدەشكىمۇ پېنىتالمايمەن، ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇگۈنكى كۈنىگە شۇ رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەنلەرمۇ شېرىك بولۇشتىن مۇستەسنا بولالمىدى، ئۇلارنىڭ سۆگەكلىرىنىڭ ئىگىسىز مۇردىلار قاتارىدا قەيەرلەرگىدۇر دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز كۈندۈزلەر ئارىلىقىدا يەنە ئۇيقۇسىز كېچىلەرگە ئۇلايمەن. قانداق بولۇپ بۇنداق بىر تەغدىرنىڭ بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەنلىكىگە ھەيرانلىقىمدا تۈگىمەس سۇئاللارغا تۈگىمەس جاۋابلارنى ئىزدەپ قىينىلىمەن.

 ئاتام دادامنىڭ بىردىنبىر ئوغۇل پەرزەنتى ئىدى، ئاتام تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىن كېسەل سەۋەبىدىن بالدۇر پېنسىيىگە چىققانىدى. ئاتام خىتاي تىللىق مەكتەپتە ئوقۇغان، خىتاي تىلىنى پۇختا بىلىدىغان بىرى، ئەمەلدارلار چەمبىرىكىدە ياشاپ باققان، كېيىنچە پېنسىيىگە چىقىپ ئۆزى بەگ ئۆزى خان تۇرمۇشتا ياشاشنى تاللىغان بىرى. ھەمدۇل بۇۋامدىن كېيىن بىزنىڭ جەمەتىمىز سىياسەت ياكى قارشىلىق ھاياتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنىدى. خۇددىي باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا سۈكۈتتە ياشاشنى، <بىزنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن> سۇئارىنى مىزان قىلىشنى تاللىۋالغانىدۇق. ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، ئائىلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سەبىردە ياشاشنى تاللىغانىدۇق. ھايات قېلىش ۋە كۆپۈيىش ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق دەپ تونۇش قاچانلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قارشىلىق شەكلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شۇنداق بىر ھايات شەكلىدىكى تۇرمۇشقا تۇغۇلغان ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنىمىز شۇنداق ياشاشنى ئۆزىمىزگە ئۇدۇم قىلىپ كېلىۋاتقانىدۇق. سۈكۈتىمىزدىن مۈگدىگەن ھاياتلىقىمىزنى 2017- يىلى باشلانغان جازا لاگېرلىرى سىلكىپ ئويغاتتى. دەرھار ئەمەس، بەلكى ئاستا ئاستا، تاكى 2018-يىلىنىڭ بېشى بولغىچە شۇنداق بولدى.

تۇغۇلغان كۈنۈمدە جەمەتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە ئاپامغا تېلفۇن قىلدىم، ئاپامغا:

– ئاپا، مېنى تۇغقان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، رەھمەت سىزگە! – دېسەم،  ئاپام ماڭا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بۇ ئادىتىمىزنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن باشقانغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئاتاممۇ شۇنداق قىلاتتى، دادامنىڭ ئۇنداق قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.، چۈنكى دادامنىڭ ئاپىسى مەن تۇغۇلغاندىلا يوق ئىكەن. ئەمما دادامنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزەتتۇق. تولۇق ئوتتۇرىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرىدا ئوقۇدۇم، قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇيتتۇم. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئۆمەر ئابدۇللاھ ئىدى، ئۇ خېلى تۇنۇلغان يازغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان، ھەتتا بىرقانچە كىتابى نەشىر قىلىغان ئىدى. ئۆمەر مۇئەللىم بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ بۇنداق بىر ئادىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ يىللىرى تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلىدا <ئاپا مېنى تۇغقان كۈنىڭىز مۇبارەك بولسۇن> دېگەن بىر نەسىرنى ئېلان قىلغان. يادىمدا قېلىشىچە، ئۇ نەسىرى نۇرغۇن غۇلغۇلا قوزغىغان، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش مەدەنىيىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى مۇنازىرىلەر قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنمىش، ئۆمەر مۇئەللىم ماڭا شۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەنلىكى يادىمدا.

2017-يىلى ئاپرېلدا ئاپامغا تېلفۇن قىلدىم، ئۇنى كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئاپامنىڭ تېلفۇننى ئېلىشىنى، ماڭا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىشىنى ئۈمۈد قىلغانىدىم، ئەپسۇس تېلفۇنى قايتا- قايتا جاۋابسىز قالدى.

– ئاتا، ئاپامغا شۇنچە قېتىم تېلفۇن قىلسام ئالمىدى، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ — دەپ سورىدىم ئاتامدىن، ئاتاممۇ بىرقانچە قېتىم تېلفۇن قىلغاندىن كېيىن تېلفۇنۇمغا جاۋاب بەرگەنىدى. ئاتامنىڭ ئاۋازىدىكى تىترەشتىن بىر ئەنسىزلىكنى تۇيدۇم. كاللامغا ھەرخىىل خياللار كېلىشكە باشلىدى. ئاپام شۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇن ئۆسمە سەۋەبىدىن چوڭ ئوپېراتسىيىگە چۈشكەنىدى، كاللامغا مەن ئەڭ خالىمايدىغان خىياللار كېلىشكە باشلىدى.

– ۋەي ئانا، دادامغا تېلفۇن قىلسام نىمىشقا ئالمايدۇ؟ — دەپ سورايتتىم چوڭ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ، بىر يېرىم يىلغا يېقىن دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغانىدىم. دادام بەك قىززىقچى ئادەم ئىدى، دادام بىلەن مۇڭداشقاندا ئۇنىڭ سورايدىغان سۇئاللىرى بەزىدە مېنى كۈلدۈرسە، بەزىدە مېنى ئويغا سالاتتى.

– بالام، سىلەر تۇرۋاتقان يەردە قار جىق ياغامدىكەن؟ دەريا- ئۆستەڭلىرى قانداقكەن؟ — دەپ سۇ ھەققىدە كۆپ سورايتتى دادام. فىنلاندىيىنىڭ ئىلگىرى روستلارنىڭ بىر كېنەزلىكى ئىكەنلىكىنى، كېيىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ فىنلاندىيىگە ئۇرۇش باشلاپ، فىنلاندىيىنىڭ شەرقىنى بېسىۋالغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرگەنىدى دادام رەھمەتلىك. ئۇنىڭ بۇ بىلىملەرنى قەيەردىن قاچانلاردا ئىگەللىگەنلىكىگە ھەيران ئىدىم. دادام رەھمەتلىك كومپىيۇتېردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ياشىغان كىشى، ئۇلار گوگىلدىن، ۋىكىپىدىئادىن ياردەم ئالمايتتى. ئۇلارنىڭ بىلىملىرى قاچانلاردا قايسىدۇر كىتابلاردىن ئۆگەنگەن ئۇچۇرلار بىلەن چەكلىنەتتى. ئۇنتۇپ قالسا شۇ كىتابنى قايتا تېپىپ ۋاراقلىشىغا توغرا كىلەتتى. دادامنى يۇقۇتىشىم، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىتىشلارنىڭ بىرى ئىدى. دادامنىڭ سوراپ قوشنىمىزنىڭ ئوغلىغا، بالىلىقتىكى دوستۇم ئابلەقجانغا تېلفۇن قىلدىم:

– ئاداش، دادامغا تېلفۇن قىلسام ئاممايۋاتىدۇ ، ئەنسىرەپ قالدىمغۇ؟

– ئېغىنەم، سىزگە دەقويمىسام بومايدۇ ئەمدى، غوپۇر دادام بىر يېتىم يىلچە بۇقالدى تۈگەكىتقالدى،- دېدى بالىلىقتىكى دوستۇم. تېلفۇنۇمنى تۇتۇپ يەرگە تىزلىنىپ قالغانىدىم. بۇ يەردە ئاشۇرمىچىلىق قىلمىدىم، راستلا يەرگە، فىنلاندىيىنىڭ شېخللىق يېرىگە تىزلىنىپ قالغانىدىم. دادام رەھمەتلىك تۈگەپ كېتىپ، تاكى بىر يېرىم يىلغىچە  ئۆيدىكىلەر ننىڭ ماڭا ئۇنى دېمىگەنلىكى ماڭا ھار كەلگەنىدى.

– خالمۇرات، ئەگەر بىلگەن بولساڭ بارالامتىڭ؟ سېنى ئالقىنىغا ئېلىپ چوڭ قىلغان داداڭ رەھمەتلىكنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرەلەمتىڭ؟- دەپ ئۆز ئۆزەمدىن سورىدىم، ئۇنداق قىلالمايتتىم. مۇساپىرچىلىقتىكى تۇنجى يۇقىتىشىم دادام بولۇپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىدىم. شۇ چاغدا، ئۇلار بىلەن خوشلاشقان شۈ كۈنى مېنىڭ قوللىرىمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، بالام، يىراق يەرگە سەپەرگە چىققىلىۋاتىسەن، يېنىڭغا بۇنى سېلىۋالغىن دەپ ماڭا قولياغلىقىغا چىگىلگەن تۇپىنى بەرگەنلىكى يادىمدا. بىردىنلا خاتىرەم يىللار بۇرۇن سەرسانلىق ھاياتىم باشلانغان شۇ چاغلارغا كەتتى.

ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، بەشىنچى ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن قاتتىق باستۇرۇش بىلەن ۋەتەندىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلفۇن ئالاقىسى چەتئەل بىلەن ئۈزۈلگەنىدى. ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي يۈرگىنىمدە، كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك ئىش بولدى. كەچلىك بازارنىڭ يېنىدىكى <ئانتىپ پىلازا> دېگەن سودا سارايدىكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بانكا كارتامنى يۇتىۋەتتى، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكنىڭ نىمە ئىكەنلىكى شۇ چاغدا چۈشەنگەندەك بولدۇم. ماشىنا ئالدىدا تۇرۇپ قالغانىدىم، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقانىدى. ۋارقىرۇغۇم، ماشىنىنى تېپىپ چېقىپ ئىچىدىن كارتامنى ئېلىۋالغۇم كېلىۋاتاتتى. نىمىلا ئىش بولسا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان تايلانتلىقلار، يېنىمدىن ئۆتكەچ، قېتىپ قالغان ئېكراننىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىراپ ئۆتۈپ كەتمەكتە.
– ساۋادىكاپ، چانجاتۋىي ئاراي داي باڭنې كاپ؟- دەپ سورىدى بىرى يېنىمغا كېلىپ يېنىك تەلەپپۇزدا، ئوتتۇرا ياشلىق بىرى كېلىپ تايچە مەندىن ياردەم لازىممۇ دەپ سورىغانىدى، شۇ چاغدا چىرايى تۇرپانلىقلارغا ئوخشاپ قالىدىغان بۇ ئادەمنى كۆرۈپ قۇچاقلاپ يىغلىغۇم كەلگەنىدى. بولىۋاتقان ئىشلار ماڭا بەك ھار كەلگەنىدى، بەشىنچى ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئاشكارىلانغان ۋىدىئولارنى قايتا قايتا كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى، تونۇشلىرىنى ئىزلىگەنىدىم. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالماي، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بىلەلمەي ئۇيغۇرسىز بۇ مەملىكەتتە يالغۇزلۇقنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتاتتىم. ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا چۆلگە بېرىشنى، چۆلدە يالغۇز قېلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. قانچە قېتىم تۇرپاندىن ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقىپ، لۈكچۈن بازىرىدىن ئۆتۈدىغان 106- نومۇرلۇق تاش يولدىن چىقىپ شەرىققە قاراپ مېڭىپ قۇملۇققا كىرىپ كېتەتتىم، قۇملۇققا دائىم شەپەقنىڭ چىقىشىنى تاماشا قىلغىلى بارىدىغان ساياھەتچىلەر بارىدىغان يەر بار ئىدى، شۇ يەردىن ئەسلىھەلىرىمنى ئېلىپ، غەربىي جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەتتىم. پىيادە قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشىم ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى، دائىم ئىككى كۈنگە يەتكۈدەك سۇ ئېلىۋالاتتىم. شۇ چاغلاردا ئۆزەمنى ئاجايىپ ھېس قىلاتتىم. قۇملۇقتا سەندىن باشقا ھېچكىم يوق، ئۆزەڭ يالغۇز، سىرتقى دۇنيانىڭ ئەمەس، بەلكى باتىنىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايسەن، ئۆزەڭ بىلەن مۇڭدىشالايسەن، ئۆزەڭنى شۇ چاغدا ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيسەن. شۇ چاغدىكى يالغۇزلۇق ماڭا شۇنداق ھوزۇر بېرەتتى.
– كەچۈرۈڭ، مەن تايچە بىلمەيمەن. – دەپ جاۋاپ بەردىم ئۇ تۇرپانلىق چىراي ئادەمگە، ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېگەندەك قىلدى، مەنمۇ تايلانتلىقلارغا ئوخشاشلا كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم. ماڭا بازارنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە باشقا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ بارلىقىنى دېگەنلىكىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم. ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ، كىمگە دەردىمنى ئېيتىشنى بىلمەي ۋېلىسىپىتىمنى مىنىپ چاڭمەي شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى چىڭداشقا باشلىدىم. تروپىك بەلۋاغ رايونىنىڭ كىلىماتىغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنغان ئۆيلەر ئارىسىدىكى كوچىلاردا كېتىپ بارىمەن، شۇ كوچىلاردا بۇتخانىلارنىڭ ھويلىلىرىدا ۋە دوقمۇشلاردا خاتىرجەم سالقىنداپ ياتقان ئىتلارنىڭ يېتىشىغا قاراپ، داداملارنىڭ مەھەللىسىدىكى شۇ ئىتلار يادىمغا كېلىپ قالغانىدى.
– ماۋۇ تەلەڭگىنى ئاپىرىپ كۆرۈكنىڭ يېنىدىكى جۈجەمنىڭ تۈۋىدىكى داسقا تۆكۈپ قوي، لالما ئىتلارنىڭ رىسقىكەن.- دەپ شورپىغا، سۆڭەكلەرنى ۋە قاتقان نانلارنى چىلاپ بېرەتتى رەھمەتلىك ئانام. بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئىتلىرى بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيتتى، باشقا مەھەللىلىكلەر بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىپ قالسا، ئۇلار تاكى بىرەرىنىڭ ئۆيىگە كىرگىچە ئارقىدىن ئەگىشىپ ماڭاتتى. يولدا ماڭماي، بىرەرىنىڭ بېغىغا ياكى ئارقا ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭغان زامان قاۋشىپ، ئۇلارغا خرىس قىلاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، بىزنىڭ مەھەللە بازارغا يېقىن بولسىمۇ، بىرەر قېتىپ بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىردى دېگەننى ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق.
– ئانا، مەھەللىدىكى ھېلىقى ئىتلار يوق بۇكىتتىغۇ، نەگە كەتتى ئۇلار؟- دەپ سورىغانىدىم رەھمەتلىك ئانامدىن، چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن چوڭ ئۆيگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بارغىنىمدا.
– ۋاي، ئۇ ئىتلارنى پاتقۇزامدۇ بۇ خىتايلار، قۇرلۇشقا كەلگەن خىتايلارنىڭ بىرسىنى چىشلەقۇيتىكەنتۇق، غالجۇر ۋۇقاپتۇ دەپ تۇتكېتتۇ دەيدۇ، قىشنى كۈنى ئىت يىمىسە سوغى ئېشكىتىدۇ دەيدىكەنغۇ خىتايلانىڭ، بىز خەققە ئوخشىمادىغان چېغۋا، ئەۋەيدۇلكەم شۇ خىتايلار ھەقىچان يە قويدى ئۇ ئىتلارنى، دەپ يۈرگەن بىر ۋاقلاردا. قارا، ئاۋۇ پاتىمخان باغۇ، تىزى ئاغرىپ بۇماي، ئىتنىڭ تېرىسىنى تۆگىۋاپتىكەنتۇق ساقىيقاپتۇ دەيدۇ…- دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى ئانام رەھمەتلىك. بەكمۇ گەپكە ئۇستا ئايال ئىدى ئانام، مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دادام رەھمەتلىك ياساپ بەرگەن سېمونت سۇپىغا يىغىۋېلىپ پاراڭ قىلىپ بېرەتتى.
– كومسىمۇلنىڭ ۋاقىتلىرى ئىدى، بىزنىڭ ئەدەمنى ئوقىغانكەن دەپ تۇتكەتمەمدۇ، مېنى گۇڭشىنىڭ ئاشخانىسىدا بۆلقويدى ھەجەرغايلام، ئابدان ئايال ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنى كالا باقىدىغانغا ئاپىرۋاپتىدەك، ئېغىلدىلا ياتقۇزىدىكەن، بىر كۈنى ئىسەرخايلام رەھمەتلىك مونداق بىر خالتىنىڭ بۇرجىكىدە قۇناق ئۇنى ئەكەپ ئوغۇرلۇقچە بېرقويدى، غوپۇرغا نان قىپ ئاپىر بېرىڭ دەپ، ئۇ چاغلاردا تونۇرغا ئوت ياققىلى بولامدۇ، بىردەمدە تۇتىۋاماي تونۇرغا ئوت يېققويساق، گوڭشىنىڭ ئۇنىنى ئوغۇرلىغان دەپ پىپەن قىىپ ساق قويمايدۇ. شۇنداق قىپ كۆمەش قىپ بەدىم، جەنۇپتا جىق قىلدۇ دەيدۇ ئۇنى، ئالتە شەلىك بىر خوتۇن بادى بىزنىڭ گۇڭشىدا، ئابدۇۋېلكام رەھمەتلىك بېرىپ خوتۇن قىپ ئەكىكەنتۇق، كېيىن نەگە كەتتىكىن تاڭ ئاشۇ خوتۇن، كۆمەشنى دايناق پەيزى قىلىۋاتىدىغان، ناندەكلا بولدىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلە ھەبىبۇلغا ماۋۇنى ئاكاڭغا ئاپىرىپ بە، ئ‍ۆزەڭ يەۋاما جۇمۇ دەپ، يانچۇقىغا بىر سىقىپ ئۈزۈم تىقىپ، بىزنىڭكىنىڭكىگە ئەۋەتكەن – دەپ ھىكايە سۆزلەپ خوتۇنلارنى ئاغزىغا قارىتىپ ئولتۇراتتى رەھمەتلىك ئانام.
– ئاناڭ نان ئەۋەتىپتىكەنتۇق، ئۇنى كۆرقاسا بومايدۇ، باشقلارغا كۆكەزمەي يىمىسەڭ، پىپان قىلىپ ئۇرىدىغان خۇڭۋېيبىڭلا. قۇرساققا نىمە بېرىدۇ دەيسە، سۇيۇق ئۇماش چېلىپ بېرىدىغان، سەمەت دەپ بىر سېرىق چاچ ئورۇس ئادەم بىر ئېغىلدا ئىدى مېنىڭ بىلەن، مەنمۇ ئورۇق بومايمەنمۇ، ئۇنى كالىنى ئىمىۋاپسەن دەپ بوزەك قىپ ئۇرۇپ بىر قۇلىنى سۇندۇرۋەتكەنىدى پەتتارچوقۇر دېگەن گۇي. شۇنىڭغا ئاناڭ بەگەن بىر پارچە ناننى بەرگەن، ماڭا سوقمىنىڭ يېرىقىغا تىقىپ قويغان سائىتىنى ئۇنىمىسام ئۇنىماي بەرگەنىدى. قاراپ باقا، ھازىرغىچە ئوبدان ماڭىدۇ. يىراققا ماڭغىلىۋاتىسەن، ئەسلى بەكەمنى بېرەي دېگەن، بۇنى ھەقىچان ئېلىپ ماڭالمايسەن، مۇشۇ سائەتنى ساڭا بەسەم، مېنىڭ يادىكارىم دەپ ساقلاپ قوي.- دەپ ماڭا سوۋىتنىڭ ئىشلىگەن سائىتىنى بەرگەنىدى دادام رەھمەتلىك مەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن.
بېلىكىمدىكى سائىتىمگە قارىدىم، كەچ سائەت سەككىز بولغىلىۋېتىپتۇ. چاڭمەي شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى كېزىپ ھارغان، سۇسىزلانغان ۋە قورسىقىم ئاچقانىدى. يانچۇقىمنى ئاختۇردۇم، يانچۇقۇمدا يۈز باتلا پۇل قالغانىدى. ئەتە بانكا ئېچىلغاندا بېرىپ، كارتامنى قاچان ئېلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ پۇلنى ئىشلىتەي دەپ ئويلاپ، قورسىقىم ئاچ ھالدا ئىجارە ئالغان ئ‍ۆيگە قايتتىم.
– سىزنىڭ كارتىڭىز چەتئەلنىڭ كارتىسىكەن، ئادەتتە چەتئەلنىڭ كارتىسىنى مەركىزىي بانكىغا ئەۋاتىدۇ، ئاندىن بىز ئىلتىماس قىلساق، بىزگە ئەۋەتىپ بەرسە، مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ،- دەپ جاۋاپ بەردى سۇئالىمغا چىرايلىق گىرىم قىلىۋالغان تاي قىز.
– تەخمىنەن قاچانلاردا ئېلىۋالالايمەن؟- دەپ سورىغان سۇئالىمغا <ئىككى ھەپتە> دېگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىم يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلاشقاندەك قىلدى. ئەمما، باشقا چارەم يوق ئىدى. ئۇنىڭغا تېزرەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تاپىلاپ، تېلفۇن نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ناتونۇش شەھەرنىڭ كوچىسىدا، ناتونۇش تاۋۇشلاردا، ناتونۇش مەنزىرىدە كېتىپ بارىمەن. ناتونۇش پۇراقلار، ناتونۇش چىرايلار، ناتونۇش مەدەنىيەت مېنى يەكلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ۋەتەنسىزلىكنى تۇنجى ھېس قىلماقتا ئىدىم، بۇ ئۇيغۇرسىز يۇرتتا كىمگە تېلفۇن قىلىشىمنى، كىمگە دەرت ئېيتىشىمنى، كىمدىن ياردەم سورىشىمنى بىلمەيتتىم. يېنىمدىكى پۇل، ئىككى ھەپتىلىك سۇ پۇلىغىمۇ يەتمەيتتى. قەدەملىرىم مېنى ناتونۇش كىشىلەر توپى ئارىسىدا سۆرەپ كېتىپ بارماقتا، كۆزلىرىم ياشقا تولماقتا، ئەمما ئۇلارنى مەجبۇرىي يۇتىۋېتىشكە تىرىشىۋاتىمەن. يالغۇزلۇق، كىشىلەر توپىدىكى بۇ خىل يالغۇزلۇق ئادەمنىڭ روھىيىتىنى ئۆلتۈرەتتى.
– خالمۇرات، بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز،- دەپ بىرىنىڭ كېلىپ مېنى چاقىرىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم. ئۇيغۇرچە تاۋۇشلارنى ئاڭلاشقا تەشنا بولغانىدىم، ئۇيغۇر چىرايىنى كۆرۈشكە، ئۇيغۇر كوچىلىرىدا يۈرۈشكە چاڭقىغانىدىم. ئادەم تولغان كوچىدا كېتىپ بېرىپ، ھەتتا چۆلدىمۇ ھېس قىلمىغان يالغۇزلۇقنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. يېنىمدىكى پۇلنى ئىشلىتىشكە كۆزۈم قىيماي، نەچچە كۈن تاماقسىز يۈردۈم. ئەڭ ئەرزان تەييار چۆپ ئېلىپ يېسەممۇ، ئىككى ھەپتىگىچە پۇل يەتمەيتتى. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، ئاپام ئەۋەتىپ بەرگەن پوسۇلكىنى ساندۇقۇمغا سولاپ قويۇپ، ئاز ئازدىن چىقىرىپ يەتتىم. قۇرۇق ئۈزۈم، قاق، بادام، ياڭاق، نان دېگەندەك نەرسىلەر بولاتتى ئادەتتە. شۇنداق نەرسىلەر چىقىپ قالىدىغاندەك، ئىشكابىمنى قانچە قېتىم ئاختۇرۇپ باقتىم. ئاچلىقتىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقان، قوللىرىم تىترەشكە باشلىغان، ماغدۇرسىز جىسمىم ئۇيقۇدىن باشقىنى خالىماس بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئاتام بىلەن ئاپامغا تېفۇن قىلساممۇ ئۇلانمايتتى، ھېچ بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بولسىمۇ بىر ئاڭلىۋالسام، دەپ ئويلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم.
– قازان چۆرىسىگە پۆرە قىلىپ قويدۇم، بىنشاڭدا مۈزدەك تاۋۇز بار، ئۇسسىغان بولسىڭىز، شۇنى بىر تىلىم تىلىپ يەۋېلىڭ، ئاتاش يامان قورساقلىق قىپ يەۋالمىسۇن يەنە، تاڭنوبىڭبا ئادەم قۇرساققا بەزە دىققەت قىلمايدۇ ھەي، – دەپ ئاتامغا دوق قىلىپ، قەستەن ئاۋازىنى يۇقىرى چىقىرىپ گەپ قىلاتتى ئاپام. ئەمدى، شۇ ئاۋازلارنى چۈشلىرىمدە كۆرمىگىممۇ تەس بولۇشقا باشلىغانىدى.
– خالمۇرات، خىىتايچە، ئېنگىلىسچە بىلىدىغان بىر تەرجىمان لازىم بولۇپ قالدى، سىز ئىشلەشنى خالامسىز؟- دەپ سورىدى يىغىلىشتا تونۇشۇپ قالغان چەتئەللىك بىرى. كۆزلىرىم يۇرۇپ كەتتى، ئەلۋەتتە خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. مېنىڭ ئەتىسىلا دېيىلگەن ئادرېسقا كېلىپ خىزمەت توختامى قىلىشىمنى ئېيتتى. مۇئاشنىڭ ئىككى ھەپتىدە بىر چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا ئالدىن ئىككى ھەپتىلىك مۇئاشنى بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ بىر ھازا تۇرىۋەتكەندىن كېيىن، <بولىدۇ، ئەتە تەييار قىلىپ قوياي.> دەپ كەسكىنلا جاۋاب بەردى. ياراتقۇچىم ئاللاھقا مىڭ مەرتە ھەمدۇ سانالار ئېيتقاندىن كېيىن، يۈز باتتىن ئېشپ قالغان، يانچۇقۇمدا چىڭ سىقىمدىۋالغان ئەللىك بات پۇلنى قولۇمغا ئېلىپ، تايلانتنىڭ پادىشاھىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ پۇلغا قاراپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى.

ۋېلىسىپىتىمنى مېنىپ، كەچلىك بازارنىڭ ئاشخانىلار كوچىسىدىكى ھېلىقى مۇسۇلمانچە كاۋاپخانىغا ئ‍ۇدۇل كېتىپ بارىمەن، بىر زىق كاۋاپ، ئىككى پارچە نان، بىر قاچا قېتىق ۋە سالات دەل ئوتتۇز بات ئىدى. شۇ يەرگە قاراپ كېتىپ بارىمەن، نەم شامال يۈزلىرىمنى پۈۋلىمەكتە. تۇرپاننىڭ قۇرغاق ھاۋاسىغا كۆنگەن تېرىلىرىم، نەم ھاۋادا بۇغۇلماقتا، روھىم بولسا ۋەتەنسىزلىكتە بۇغۇلماقتا ئىدى.
– ۋەتەنسىز ئىنسان ئۇۋىسىز قۇشقا ئوخشايدۇ، ئۇۋىسىز قۇشلارغا ئۇۋىسىزلىقى يامغۇردا، جۈدۈندە بەكرەك بىلىنىپ كېتىدۇ، ۋەتەنسىز ئىنسانغا بولسا سەرگەردان بولغاندا بەكرەك بىلىنىدۇ. چەتئەلگە چىققىلىۋاتىسەن، مۇشۇ بىر چىمدىق توپىنى يېنىڭغا سېلىپ يۈر. سەپەردە بولساڭ ساڭا ھەمرالىق، ئەگەر بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالساڭ روھىڭغا ئامانلىق بولسۇن.- دەپ بىر سىقىم توپىنى قول ياغلىقىغا يۆگەپ بەرگەنىدى دادام رەھمەتلىك. بىر قولۇم بىلەن يانچۇقىمدىكى قول ياغلىقنى چىڭ سىقىپ، ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ پۇرىقى سىڭگەن ئالقىنىمنى بۇرنۇمنىڭ ئۇچىغا ئېلىپ كېلىپ چۇڭقۇر نەپەس ئالدىم. سەرسان روھىم، چاڭقىغان دىلىم، ئېچىرقىغان ۋۇجۇدۇم دەقىقىلىك ئارامىغا چىققاندەك بولدى. دادام رەھمەتلىكنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى يىللار ئۆتكەنسېرى بارغانچە چوڭقۇر چۈشىنىۋاتقاندەك قىلاتتىم.

 بىردىنلا يادىمغا ئانام كەلدى، بىچارە ئانام، ھەر قېتىم تېلفۇن قىلغىنىمدا ئۆزىنىڭ يىغىشىنى قانداقمۇ تۇتۇپ تۇرالىغاندۇ؟ ئاتمىش يىللىق رەپىقىسىدىن ئايرىلىپ، دادام رەھمەتلىك ئۆز قولىدا لاھىرلەپ سالدۇرغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، دادام رەھمەتلىك بىلەن بىرگە ئەسلىمىلەر ھەربىر بۇلۇڭىدا قالغان شۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، مېنىڭ دادامنى سېغىنغانلىقىمنى ئۇنىڭغا دەپ ئۆتۈنۈشلىرىمنى ئاڭلاپ، تۇرۇپكىنى چىڭ سىقىمداپ يىغىسىنى قانداق كونترول قىلغاندۇ؟ ئاتامنىڭمۇ شۇنداق بىر ئازاپقا مەجبۇر بولۇشىنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئىنچىكىلەپ سوراشقا پېتىنالمىدىم، مەيلى ماڭا دېيىشنى خالىماي يالغان ئېيتىۋاتقان بولسا، تاكى ماڭا دېگىچە ئۇنىڭدىن سورىماي دېگەن قارار بىلەن، ئاتامدىن ئاپام توغۇرلۇق كاللامغا كەلگەن، مەن ئەڭ قورققان سۇئاللارنى سوراشقا پېتىنالمىدىم. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى دادام رەھمەتلىك.

– ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش قىلما، ئوبدان ئولتۇرۇپ ئويلان، زادى ئويلىنالمىساڭ ئۇخلا، ئۇخلىيالمىساڭ ھەممە خىياللار كاللاڭغا كېلىدۇ، شۇچاغدا ھەممە نەرسىنى ئويلىيالايسەن. ئۇخلىيالىساڭ تېخى ياخشى، چۈنكى ئۇخلاپ قوپقاندا تېخىمۇ سەگەك ۋە سوغۇققان ھالدا ئويلىيالايسەن،- سەپ نەسىھەت قىلاتتى دادام رەھمەتلىك. دادام رەھمەتلىك بىلەن بىللە ئىش قىلغان ئادەم دەسلەپتە زېرىكىپ قالاتتى، چۈنكى دادام رەھمەتلىك تەرتىپكە، تۈرگە سېلىپ تۇرۇپ ئىش قىلاتتى. مەسىلەن ھەر يىلى قىشتا كۆمۈر چۈشۈرسەك، كۆمۈرلەرنى چوڭ كىچىكلىكى بويىچە تىزىپ، ئۇۋىقىنى بىر يەرگە، گادىرىنى يەنە بىر يەرگە، چوڭ پارچىلىرىنى يەنە ئايرىم يەرگە تىزاتتى، تۇپىسىنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كومزەك قىلىپ تىزىپ قۇياتتى. دادام رەھمەتلىكنىڭ كۆمۈرخانىسى بىلەن ئوتۇنخانىسىغا كىرگەن ئادەم ھەيران قالاتتى، چۈنكى ھېچكىمنىڭ كۆمۈرخانىسى بىلەن ئوتۇنخانىسى ئۇنداق رەتلىك بولمايتتى.

– بۇ تاز شىپالىقتا ئاشۇرۋىتىدۇ،- دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى دادامنى ئانام رەھمەتلىك، ئۇلار ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە قاراشلىرىدىن يىللارنىڭ ئاجىزلاشتۇرىۋېتەلمىگەن مۇھەببىتىنى ھېس قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش شەكلىمۇ ئاجايىپ ئىدى، كىنولاردىكى بوۋاي مومايلارنىڭ رومانتىك تانسا ئويناشلىرىنى كۆرمەيتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرگە ئىش قىلىشى، ياغاچ سۇپىدا پالاق بىلەن چىۋىن قورىغاچ پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ ئولتۇرۇپ:

– ئاۋۇ ھېلىمخانايلامنى باللارنىڭ يېنىغا كۈچىكىتتۇ دەيدىغۇ، قانداقمۇ قىلۋاتىدىكىنتاڭ، بىلەكچىلا گەپچى خوتۇنىدى،- دەپ گەپ باشلايتتى ئانام رەھمەتلىك.

– قاۋۇ ھېلىمخانايلا، نىمەتكامنىڭ قۇشناجىسىما؟— دەپ ياندۇرۇپ سورايتتى دادام رەھمەتلىك.

– ھېي، بىلەكچىلا بىلمەس ساۋاپسەنغۇ، خودۇڭلۇقچۇ، كىچىك ۋاقتىمدا ئاشۇلارنىڭ بېغىدىن چىلان ئوغۇرلاپ بېردىغانغۇ ماڭا، ئۇنتۇقالدىڭما؟- دەپ پالاق بىلەن دادامنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قۇياتتى ئانام رەھمەتلىك.

– قاچانقى گەپلەنى قىۋاتسەنكىنتاڭ، ھېلقى تۈۋەنكى مەلىدىكىما؟ ھازىرغىچە بامىكە ئاشۇ ئايلام؟-دەپ ھەيرانلىقىدا بېشىدىكى دوپپىسىنى ئېلىپ، بېشىنى تاتلاپ بولۇپ، دوپپىنىڭ ئىچىدىكى شاپاق دوپپىسىنى چىقىرىپ بېشىغا قايتا كىيىپ، دوپپىسىنى ئۈستىگە كىيىۋالاتتى دادام رەھمەتلىك.

– ئاپىسى ئەمەس، ئاشۇ ئۆيدە ئولتۇرىغان، قېرىغانسىرى ئۇنتۇغاق بۇكىتباغىننى بۇنىڭ، – دەپ دوق قىلاتتى ئانام رەھمەتلىك. ئۇلارنىڭ شۇنداق مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشلىرىغا مەن ياندىكى ئۆيدە شامالچىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇغاچ دېرىزىدىن ماراپ قۇياتتىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتتىرىدىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىۋالغان شۇ ۋاقىتلىرىم ئەڭ خاتىرجەم ۋە ئەڭ يېنىك ئەسلىمىلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ شۇنداق بىللە قېرىپ، شۇنداق ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ كېتىشلىرىنى كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما تەغدىر مېنىڭ ئۇنداق ئارزۇلىرىمنى ۋەيران قىلماقتا ئىدى.

– ئوغلۇم، ئاپاشنى شېچۈنىڭكىلەر ئوقۇشقا ئەۋەتىۋەتكەن،- دەپلا گېپىنى يۇتىۋەتتى ئاتام. ئاۋازىدىكى تىترەشتىن بىر خىل شۇملۇقنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئاتامنىڭ قانداقتۇر بىر ئەندىكىش، تېڭىرقاش، ھەتتا قوقۇنچ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايتتىم.

– پىنسىيىگە چىكەتكەنلەگە نىمە ئوقۇشكەن ئۇ،- دەپ سورىدىم ئاتامدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىپ ئەمىن بولۇش ئۈچۈن.

– دۆلەت تىلى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى دەمنىمە، ئاناق ئەنسىرەكەتمەڭ، بىر ئىككى ئايدا بىرنىمە بوقالدۇ دەمنىمە،- دېدى ئاتام مېنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك.

– قاناق ئۆگۈنۈشكەن ئۇ، تېلفۇن قىلسام نىمىشقا ئامايدۇ ئەمىسە،- دەپ سورىدىم ئاتامدىن ياندۇرۇپلا:

– تېلپۇنلىرىنى تاشلاقويدى، ئاپاغۇزمايدىكەن ئۇيەگە،- دېدى ئاتام، ئەۋازىدىكى تىترەش، نىمىلەرنىدۇر ماڭا دېگىسى بار، ئەمدى گېپىنىڭ ئايىقىنى يۇتىۋېتىشلىرى مېنى ئەنسىزلەندۈرمەكتە. قانداقتۇر بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىدىن شەپە بەرمەكتە ئىدى. ئاتامغا:

– ئاتا، راست گەپ قىلىڭ، ئاپامغا نىمە ئىش بولدى؟ سالامەتلىكى ياخشىمۇ؟ ئاپام ھاياتمۇ ياكى دادامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى مەندىن يوشۇرغاندا ئوخشاش بىر نەرسىنى مەندىن يوشۇرۋاتامسىز؟- دەپ سورىغۇم كەلدى، ئەمما تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن شۇ خىياللىرىمنى سۆز دولقۇنلىرىغا ئايلاندۇرمايلا يۇتىۋەتتىم.

– ئاناق بولسا تېلفۇنلاشقىلى بومامدىما؟- دەپ سورىدىم ئاتامدىن.

– ۋاي ئوغلۇم، كېڭىر ئەنسىرگىدەكمۇ ئىش يوق، بارىمەن دىگەنلا ئەدەمنى ئاپامايدىكە ئىيەگە، جىق سوراۋەمىسىڭزا، باللا قاناق كىتباردۇ؟- دەپ سۆزنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى ئاتام. ئەمما مېنىڭ كاللام شۇ ئاپامنىڭ نىمىشقا تېلفۇننى ئالمىغانلىقىدا ئىدى.

– ئاپام ھاياتمىدۇ ، ياكى…. راستىنلا ئۆگۈنۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنمىدۇ؟— دېگەن سۇئال جاۋاب تېپىشىم ئۈچۈن مېنى ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار قىلماقتا ئىدى. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇنى ئېنىقلىشىم كېرەك. بۇ سۇئاللارنىڭ قىينىشىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئىدى. بىر سۇئالغا يولۇقسام، ئۇنىڭغا جاۋاب تاپماي تۇرۇپ قولۇم باشقا ئىشقا بارمايدىغان جاھىل مىجەزىم بار ئىدى. بۇ مىجەزىمنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن بولدۇم، ئەمما تىبابەت ئوقۇش جەريانىدا، بۇ مىجەزىم سەۋەبلىك بىر سۇئالغا كىرىشىپ قېلىپ، شۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن گوگۇلسىز دەۋردە كۈتۈپخانىمۇ كۈتۈپخانا يۈرۈپ ئوخشىمىغان كىتابلار دۆۋىسىدە ئۆمىلەپ قالغۇچە جاۋاب ئىزدەپ كېتىشلىرىم يادىمغا كەلسە، شۇنداق چاغلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى ئەسلەپ كۈلكىلىك ئىشلار كۆز ئالدىمغا قايتا كېلىدۇ.

سىتافىلوكوكۇس ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان پاتوگېن، ئۇ يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى ياكى بىر قىسىم دېرماتىك ياللۇغلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەلتۈرىدۇ. ئەمما نورمال مۇھىتتا ئادەتتە ئادەمنىڭ تېرىسىدىنمۇ تېپىلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان باكتېرىيە. شۇ چاغلاردا تۇيۇقسىز كاللامغا، ئادەمنىڭ تېرىسىدىمۇ ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى نىمىدۇ؟ دېگەن سۇئال كېلىپ قالدى. ئوقۇشلۇق كىتابىمىزدا بۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلار يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كىرىپ پاتوگېنلارغا، پاتولوگىيىگە، مىكروبىئولوگىيىگە ئائىت كىتابلارنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم. مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئاستىدا ئۆگۈنۈش قىلىدىغان زال بار ئىدى، كۈندە ئەتىگەندە ئۆچرەتتە تۇرۇپ شۇ زالدىن ئورۇن ئېلىپ قۇياتتۇق، ئۇ چاغلاردىكى ئ‍وقۇش ئاتمۇسفىراسى ھەقىقەتەن ئۆگۈنۈش خوشياقماس كىشىنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ قويغىدەك دەرىجىدە قۇيۇق ئىدى. شۇ مۇھىتنى ياخشى كۆرەتتىم، سىرتتا نۇرغۇن مەكتەپداشلىرىمنىڭ ئالدىدا غەمسىز شوق بالىلارنىڭ ئوبرازدا كۆرۈنسەم، ئۇ مۇھىتتا خۇددىي كەلگۈسىدە چوڭ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشى پىشانىسىگە پۈكۈلگەن ئوقۇش مەستانىسى، كىتابخالتىسى ھالىتىدە كۆرۈنۈپ قېلىشىم تەبىئىي ئىدى. چۈنكى ئەتراپىمغا دۆۋىلىۋالغان قېلىن كىتابلارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىرى مېنىڭ قانداقتۇر ئىرادىلەردە قانداقتۇر مەنزىللەر ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىرى ئىكەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى، ئەمما مېنىڭ ئىزدەۋاتقان جاۋابىمنىڭ نەقەدەر ئەخمىقانە ئىكەنلىكى كېيىن سىرداش دوستۇم بولۇپ قالغان بىرىنىڭ شۇ چاغدا يېنىمدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، دەم ئېلىش ئارىلىقىدا مەن بىلەن چىقىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا دېگەن گېپىدىم تونۇپ يەتكەنىدىم.

– نىمانداق قېلىن كىتابلارنى ئەكىلىۋالدىڭىز، شۇلارنى ئۆگۈنىۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا كاللامدا ئويلىغانلىرىمنى ئامال بار ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. چۈنكى ئۇ ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئوقۇيتتى، تىبابەتكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ ئەڭ ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرمىسەم چۈشەنمەيدۇ دەپ قىياس قىلغانىدىم. ئەمما ئۇنىڭ بىر ئېغىز گىپى مېنىڭ بېشىمغا سوغۇق سۇ قويغاندەك بولغانىدى:

– خالمۇرات سىز مۇنچىغا چۈشمەمسىز؟ ئادەمنىڭ تېرىسىدە بولسا، ئەتتىر سوپۇندا مۇنچىغا چۈشسىڭىزلا ئۇنى تازلىيالايسىزغۇ؟- دېدى ئۇ نىمە مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمنى بىر قۇر بىلگەندىن كېيىن. دەقىقە تېڭىرقاپ قالغاندىن، ئوڭايسىزلانغاندىن كېيىن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىككىمىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. ئۇ مېنى:

– خالمۇرات، ھەمدەم خىياللىق قىلماڭ، ئۇنداق مۇرەككەپ ئويلاپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس،- دەپ دائىم شۇنداق سۇئاللار توزىقىغا ئۆزەمنى ئاتقىنىمدا تارتىپ چىقىرىۋالاتتى.

مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا ئىشلەشكە باشلىدىم، ئەمما ئۇزۇن ئىشلىيەلمىدىم. چۈنكى ئىچكىردە ئوقۇغان ۋاقىتلاردا تونۇشقان چەتئەلىك دوستلىرىم ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگەنىدى، شۇلار بىلەن بىللە بىر قانچە كۈن ئۈرۈمچىدە بىللە بولدۇم. ئۇلار قايتقاندىن كېيىن مېنىڭ بېشىمغا بالا بولدى. جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىشلەپ، 24 سائەتلىك سىمىنانى تۈگىتىپ شىنجاڭ داشۇنىڭ يېنىدىكى ئولتۇراق رايوندىن ئىجارە ئالغان ئۆيۈمگە قايتىپ كارۋاتقا بېشىمنى ئەمدىلا قويۇپ تۇرۇشۇمغا، ئىشىكنى چېقىپ كىرگەن دۇبۇلغا ساۋۇتلۇق ساقچىلار ھەش – پەش دېگۈچە قولۇمنى ئارقىغا قىلىپ مېنى كىشەنلەپ بولغانىدى. كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا مىلتىقنىڭ قاپقاتا تۈشۈكى بېشىمغا توغۇرلانغان ھالەتتە كۆردۈم، راستىمنى دېسەم شۇ چاغدىك قورقۇنچنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن.

– نىمە بولدى؟ نىمە قىلغىنىمغا ماڭا بۇنداق قىلىسىلەر؟ بۇ يەردە قانۇن باردۇ؟- دەپ توۋلىدىم مېنى قوپاللىق بىلەن يالاپ ئېلىپ مېڭىۋاتقان ساقچىلارغا ۋارقىراپ، كىمدۇر بىرى كىشەنلەنگەن قۇلۇمنى ئارقىغا كۈچۈپ تارتىپ تۇرۇپ:

– ماڭە جىم، شۇ قانۇن بار يەرگە ئاپىرىمىز،- دەپ يېنىدىكى قۇرال تۇتقان دۇبۇلغا ساۋۇتلۇققا قاراپ كۈلگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم. كىنولاردا كۆرۈدىغان بۇنداق بىر ئېپىزوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم. دوستلۇق دوختۇرخانىسىكى يېنىدىكى بىر تار كوچىغا جايلاشقان ساقچىخانىغا ئېلىپ كىلىنگەندىن كېيىن، تۇرپانلىق بىر ساقچى تەرىپىدىن تەڭرىتاغ رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كېلىندىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە سەيۋوپو رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بارماقچى ئىكەنتۇق، ئەمما بوش ئورۇن بولمىغاچقا تەڭرىتاغ رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بارغانمىش، چۈنكى مېنىڭ مەسىلەم ئېغىرمىش، ماڭا ئوخشاشلارنى ئېلىپ بارىدىغان يېرىدە ئورۇن قالمىغانمىش. ئۇنىڭ گەپلىرىدىكى پوپوزىدىن، قورقۇتۇشتىن چۆچۈگەنىدىم.

– نىمە قىلغىنىمغا مەسىلەم ئېغىر بولۇپ قالدى؟- دەپ سورىدىم

– بارغاندا بىلىسەم،- دېدى ماڭا خۇددىي راستىنلا كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك يالغان مىھرىبانلىق بىلەن. ئون كۈنگە يېقىن ئېلىپ بېرىلغان سوراقتىن بىلگىنىم شۇ بولدىكى، مېنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم گۇمانلىقمىش، چەتئەل بىلەن بولغان قۇيۇق ئېلخەت ئالاقەم، چەتئەللىكلەر بىلەن بولغان دائىملىق تېلفۇن ئالاقەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانداقتۇر خەتەرلىك بىر ئىش ئىكەن. ئۇلارنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنگۈسى يوقتەك قىلاتتى. ئۇ ئون كۈنلۈك سوراق جەريانىدا كۆرگەنلىرىمنى يازسام بەلكىم ئايرىم بىر كىتاب بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئىلگىرى <ئەلسۆي ئەسەرلىرىدىن تاللانما> دېگەن كىتابىمدا شۇ كەچمىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەرنى، ئاڭلىغان ۋە تەسەۋۋۇر قىلغانلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىققان بىرقانچە ھىكايە بار. بەزىدە شۇ ھىكايىلەرنى قايتا ئوقۇپ، ئۆزەمنى خۇددىي شۇ ۋاقىتقا قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئاخشىمى قار بېسىپ قالىدۇ. ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق ۋاقىتلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇ ئون كۈن بولمىغان بولسا، مەن يۇرتۇمنى تاشلاپ چەتئەللەرگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىش قارارىنى ئۇنچە تەنتەكلىك بىلەن ئالالماس ئىدىم. چۈنكى يالغۇز بالا ئىدىم، ئاتا -ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايتتى، دادام ئانامنىڭ يالغۇز ئوغلىنىڭ ئوغلى ئىدىم، ئۇلارنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈش ماڭا چۈشكەن ئەڭ ئەقەللىي پەرزەنتلىك بۇرچ ئىدى.

يوغان تۆمۈر دەرۋازىغا كەلدۇق، ئېگىز تامنىڭ ئۈستىدە كۆزىتىش مۇنارى بار ئىدى، بەلۋىغىمنى يېشىۋالدى، مېنى تامغا قارىتىپ قويدى، يەردە سىزىق بار ئىدى، شۇ سىزىق بەلگىلىگەن يەردە تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. تامدىن ئېچىلغان كىچىك پەنجىرىدىن ھەربىي كىيىم  كىيگەن گۇندىپاي مېنىڭ 360 گىرادۇس ئايلىنىشىمغا بويرۇق بەردى، بەلكى شۇ تامنىڭ ئىچىدە رېنتگېنلىك نەرسە بولسا كېرەك. دەرۋازىنىڭ كىچىك ئىشىكى ئېچىلدى، قۇراللىق ئىككى ھەربىي بىلەن، ساقچى فورمىسى كىيگەن ئۇيغۇر گۇندىپاي كېلىپ، مېنى ئېلىپ كەلگەن ساقچى بىلەن ئىككىمىزنى ئىچىگە ئالدى.

– سېرىق سىزىققا كەلگەندە دوكلات دەپ ۋارقىرايسەن، بولمىسا ھەربىي سېنى ئېتىۋېتىدۇ،- دېدى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكى بىلەتتىم. سېمونت مەيداندىن ئۆتۈپ تۆمۈر رىشاتكىلىق ئىشىكنىڭ تېشىدىكى رىشاتكىنى ئېچىپ، ئاندىن ياغاچ ئىشىكنى ئېچىپ ئىچىگە كىردۇق. سېرىق سىزىق بار ئىدى، گۇندىپاينىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن دوكلات دەپ ۋارقىرىدىم. مېنى 801-نومۇرلۇق كامېرغا سولىدى. بايا كىرگەن ئىشىكتىن ئوڭغا بۇرۇلغاندا، ساقچى ئىشخانىسى بار ئىدى، شۇ يەردىن سولغا بۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۆمۈر ئىشىكنىڭ ئىچىدىكى ئوڭدىن بىرىنچى كامېر ئىدى. مەن كىرگەن كۈنى مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەتىسى ئىجرا قىلىدىغان كۈنى ئىكەن. كەنشۇسو دېگەنلىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، ئەمما ئۇ يەردە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغانلارمۇ، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭمۇ بولۇشى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە خىتاينىڭ جازالاش سېستىمىسىدا ئالدى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇيەرنى قىسقارتىپ قاماقخانا دەيدۇ. سوتنىڭ قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈرمىگە يۆتكەيدۇ، ئۇيەردە جازا مۆھلىتىنى ئۆتەيدۇ. بەلكىم تۈرمىلەر توشۇپ كېتىپ، قاماقخانىلاردىمۇ تۈرمىگە تەۋە مەھبۇسلار قامالغان بولسا كېرەك. كېيىن بۇ ھەقتىكى ماتېرياللار ئاشكارىلانغاندا ئۇلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.

– مېنىڭ ئىسمىم باتۇر، ئاتۇشلۇق، مەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېلىشچىسى ئىدىم، بۇرۇن جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ قازاقىستانغا، روسسىيىگە بېرىپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. گۇاڭجۇدىكى بىرى پۇل بېرىپ تۇرغۇن دىۋىدى، ئۇنىڭغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرغانىدىم. كىم بىلسۇن، ئۇ گۇي زەھەر ساتىدىكەن، مېنىڭ پۇلۇمنى ئېلىپ ئۇزۇن بولماي تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئۇنى تەكشۈرۈپ مېنىڭ پۇل ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى زەھەر سودىسىغا دەسمايە سالغان دەپ تۇتىۋالدى،- دېدى يوغان بەستلىك، سەل قارامتۇل پالدۇركۆز كىشى. ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىگە باھا بەرگۈم يوق، ئۇ ھەققىدە ئۇنچىلىك كۆپ ئۇچۇرۇممۇ يوق. ئەمما ئۇنىڭ سوراق قىلغاندا سوراقچىلارغا تاياقچى بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭ بىلىكىچىلىك كېلىدىغان ياش بالىلارنى رەھىمسىزلەرچە ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرغانلىقىنى، گۇندىپايلارنىڭ، سوراقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ماھارىتىدىن تاماشا كۆرگەندەك تاياق يىگۈچىگە مەسخىرىلىك قارىغانلىقىغا شاھىت بولغانىدىم.

– يېنىڭدا پۇلۇڭ بارمىدى؟- دەپ سورىدى باتۇر، مەن ئۇنىڭغا كۆپ ئەمەسلىكىنى دېدىم. ئۇ ماڭا:

– مىڭ سوم بەرسەڭ سېنى ئۇرغاندا يالغاندىن ئۇرىمەن،- دېدى پوپوزىلىك تەلەپپۇزدا. دەسلەپتە ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭ بەستىدىن، تامنىڭ بولۇڭىغا بېرىپ، يوشۇرۇنچە ناماز ئۆتىگەنلىكىدىن ئۇنىڭغا تۇغۇلغان ھۆرمىتىم، دەرھال ئۇنىڭدىن يىرگىنىشكە ئۆزگەرگەنىدى. ئاتام – ئانامنىڭ ئارقا ئىشىك قىلىشى بىلەن، باتۇر تەرىپىدىن ئېتىلمايلا ئۇيەردىن قۇتۇلۇپ چىقتىم. ئەمما، ئۇ يەردە ئون كۈن جەريانىدا كۆرگەنلىرىم مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئەسلىشىمگە يىتەتتى.

– ئاپا، مەن چەتئەلگە چىقىپ كېتەيمىكىن؟- دېدىم ئاپامغا، چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، مېنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىم ئۈچۈنمۇ ئاز جاپا چەكمىگەنىدى ئاپام. ئاتام كىسەل سەۋەبىدىن پېنسىيىگە چىققاندىن بۇيان، ئاپام ئاتامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى بەلكىم مېنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. مېنىڭ قاماقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىم ئۈچۈنمۇ يۈز مىڭ سومدىن ئارتۇق ئارقا ئىشىك قىلىپ ئېلىپ چىققانىدى.

– قانداقسىگە ئۇنداق جىق بولىدىكەن؟ بولدى قىلسىڭىزلار بولمامدۇ، مەن ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرسام.- دېدىم ئاپامغا ئىچىم ئاغرىپ.

– بالام، سىزنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن گۇمانلاندۇق دەپ تۇتۇپتۇ، ئۇنى يوق قىلمىساق، سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىز تۈگەيدۇ،- دېدى ئاپام ماڭا رەددىيە بېرىپ. چەتئەللىك بىلەن دوست بولغانغا شۇنداق ئېغىر بىر جىنايەتكە گۇماندار بولغانلىقىمغا ئىشەنگىم كەلمەيتتى. ئادالەتنىڭ بۇنداق قالايمىغان بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم.

– مەيلى بالام، بىر ئامالىنى قىلىمىز، سىز تەييارلىق قىلىڭ،- دېدى ئاپام. مېنىڭ ئېنگلىس تىلى نەتىجەم بار ئىدى، مەكتەپ ئىلتىماس قىلساملا بولاتتى. مەكتەپنىمۇ چەتئەللىك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ياردىمىدە ئىلتىماس قىلدىم، ئامېرىكىغا بارماقچى بولدۇم. ئەمما، مەن بىلەن بىرگە رەسمىيەت ئۆتىگەن بالىنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى، ئۇ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئىلتىماس قىلغانىدى، مەن ئەكسىچە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنىدىم. چىقىپ كېتىشىم كېرەك، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ شۇ چاغدا تايلانتتىكى پاياپ ئۇنۋېرسىتېتىغا تىلشۇناسلىققا ئوقۇشقا تونۇشتۇردى بىر تونۇشۇم، قوبۇل قىلىندىم، تايلانتقا يولغا چىقتىم. مۇساپىرلىق ھاياتىم شۇنىڭ بىلەن باشلانغانىدى.

2017-يىل بېشىدىن باشلاپ ھېچ پىلانسىز ھالدا پائالىيەتچى بولۇپ قالدىم، دەسلەپكى بىر يىلدا قىلغان ئىشلىرىم ئاساسەن يوشۇرۇن بولدى، تاكى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئالاھەزەل ئۈچ يىل جەريانىدا كۆپنى كۆردىم، نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقتۇم، نۇرغۇن قېتىم ئۆز چېكىمدىن ئېشىشقا مەجبۇر بولدۇم. دەسلەپتە ئاپام تۇتۇلغانىدى، ئۇ چاغلاردا سىرتقا ئاشكارىلىمىغان ئاساستا، تۇرپاندىكى مۇناسىۋەت تورىم ئارقىلىق، بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىمەكچى بولدۇم، تۇرپاننىڭ يەرلىك مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى رەسمىي قاناللاردىن بىلمەكچى، ئۇنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدۇم. ئەڭ يېقىن سانىغان دوستلىرىممۇ مېنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلارغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم، ئۇلارنى توغرا چۈشەندىم. ئاپاملار تۇرۇشلۇق رايۇننىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خادىملارغا، شۇ دائىرىگە مەسئۇل ساقچىخانا خادىمىغا قانچە قېتىملاپ تېلفۇن قىلدىم، ئەمما ئېرىشكىنىم ھاقارەت ۋە كەمسىتىش بولدى. بەرداشلىق بەردىم، كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇلارغا قايتا ئاڭلىتىپ تەھدىت سالغانمۇ بولدۇم. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولدۇم، ھېلسىنكى ئامنېستى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمدا، ئۇلار ماڭا بۇنداق ئىشنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، مېنىڭ ھوڭكوڭ بىلەن ئالاقىلىشىم كېرەكلىكى ئېيتتى. يۈزلىگەن ئېلخەتنى مېدىيالارغا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئەۋەتتىم، جاۋابسىز قالغانىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلفۇن قىلغىنىمدا، مېنى كەمسىتىپ، ماختىنىش تەلەپپۇزىدا بىر ئۇيغۇر خادىم:

– ھەي سولتەك، چەتئەللىك بولىۋالساڭ نېمە بوپتۇ، نوچى بولساڭ بۇ يەرگە كېلە، بىز نىمە قىلغۇمىز كەلسە قىلىمىز، قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ لاتا!- دېگەن تەھدىتىدىن كېيىن، ئاقىۋەت ئاتام تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىسسىنىشىنى 2017-يىلى قىشتا ئۈزىۋەتتى، ئاتامغا تېلفۇن قىلغىنىمدا ئاتام سوغۇقتا تىترىگەن ھالدا، نائىلاج ئاۋازدا:

– ئوغلۇم، سىزگە دىگەنىدىم، ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەڭ دەپ،- دېدى. بۇ ئاتام بىلەن لاگېرغا كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۆزلەشكەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇنداق نەسىھەتنى ئاڭلىشىم ئىدى. ئاتامنى سوغۇق ئۆيگە نەزەربەنت قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىمۇ لاگىرغا ئېلىپ كەتتى. يىگىتلىك، ئوغۇللۇق غورۇرۇم دەپسەندە بولغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانامنىڭ، يەنى ئاتامنىڭ ئاپىسىنىڭ سەكراتتا ياتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، چىداپ بۇلالمىدىم. ئۇ كۈنى ھېلسىنكىدە ئىدىم، ماشىنا توختاش مەيدانىدا ئىلاجىسىزلىقتىن يىغلىۋەتتىم، شۇ ۋاقىتتا ئاتام سوغۇز ئۆيدە يوتقانغا يۆگۈنۈپ پۇتلىرىنى ئالقانلىرى بىلەن ئىسسىتىپ ئولتۇراتتى. ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭ نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز، كېچىلىرى يالغۇزلۇقتا تاڭ ئاتقۇزۇۋاتقان ئاتام، سالامەتلىكى ناچارلاشقان، ياش تۇرۇپ قېرىلىق يەتكەن ئاتام سوغۇق ئۆيدە تىترەۋاتقانىدى. ماشىنىنىڭ دېرىزىدىنى ئېچىپ قانچە سائەتلەپ سوغۇقتا قالدىم، ئاتام سوغۇقتا تىترەۋاتقاندا ئىسسىقتا ئولتۇرۇش ماڭا ھارام ئىدى. ئاپامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئاپامنى قۇتقۇزۇپ چىقماي تۇرۇپ كېچىلىرى ئۇخلاش ماڭا ھارام ئىدى. روھىيىتىمدە ئېغىر بۇزۇلۇش بولماقتا، يالغۇزلۇق، مېنىڭ تۇيغۇمنى بىلىدىغان بىرى يوق قالغان يالغۇزلۇق مېنى قىينىماقتا. ئىنساننىڭ شۇنداق چاغدا ئەڭ كۈتىدىغان نەرسىسى تەسەللىي ئەمەس، ئۇلۇغۋار غايىلەر ئەمەس، بەلكى يېنىدا تۇرالايدىغان، ئاغزى ھىم ئىتىلگەن قەلبنى ئېچىشقا تىرىشىدىغان بىرى بولىدىكەن. شۇنداق بىرى يوق، يالغۇز قالدىم، ھالال جۈپتۈممۇ ئۇنى بېرەلمىگەنىدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ تۇيغۇمنى ھېس قىلىپ بولالمىغانىدى، ھېس قىلالمايتتى. ئۇ ياخشى ئايال، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ھېچ يېرىم يوق. ئەمما، روھىيىتىمدىكى يالغۇزلۇققا ھېچكىم ئەسرار بولالمىدى، بولالمايتتى. دوستۇم دېگەنلەرمۇ ئۇنداق قىلمىدى، قىلالمايتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ مېنىڭ قانداق بىر روھىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتى. كۈلكەمنىڭ، ئىرادىلىك سىرتقى كۆرۈنۈشىمنىڭ ئارقىدا يوشۇرۇنغان ناتىۋانلىقىمنى ھېچكىم ھېس قىلمىغانىدى.

– يا ئاتام بىلەن ئاپامنى قويىۋەت، ياكى بولمىسا ماڭا ۋىزا بەر، مەن بېرىپ ئانامغا قارايمەن،-دەپ ۋارقىرىدىم ھېلسىنكىدىكى خىتاي كونسۇلىغا كىرىپ. بىلىمەن، ھېچ ئىش قىلالمايتتىم، غەزەپتىن پۇت قوللىرىم تىترەت كەتكەنىدى، مېنى ئالقىنىغا ئېلىپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ سەكراتتا يالغۇز ئوغلىغا، ماڭا تەلمۈرۈپ جان تالىشىپ ياتقانلىقىنى ئويلىسام، ھازىرقى شۇ ئەھۋالدىكى ئىلاجىسىزلىقتىن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي، ئۆزەمنى شۇ قەدەر ئاجىز، شۇ قەدەر كۈچسىز ھېس قىلماقتا ئىدىم. يالغۇز پەرزەنت بولغانلىقىم ئۈچۈن، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۆزەمنى يوشۇرۇپ، خىتاينىڭ قارا تىزىمىگە چۈشۈپ قالماسلىققا تىرىشىپ كەلگەنىدىم. چۈنكى ئاتام بىلەن ئاپام ياشانغاندا ئۇلارغا قارايدىغان مەندىن باشقا بىرى يوق ئىدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بىردىن بىر پەرزەنتى، ئوغلى ئىدىم. ئۇلارنىڭ يېشى چوڭلاۋاتقانىدى، سالامەتلىكى ناچارلاۋاتقانىدى. ئاپام ئۆسمە سەۋەبىدىن ئوپراتسىيىگە چۈشكەندە يېنىغا بارالمىغانىدىم، دادام رەھمەتلىك، ئاتامنىڭ ئاتىسى تۈگەپ كەتكەندە ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشكە بارالمىغانىدىم، مېنى ئالقىنىدا بېقىپ چوڭ قىلغان شۇ سۆيۈملۈك دادامنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمىغانىدى. ئاتامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئاتام بىلەن ئاپامغا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلالماسلىقتىن قورقاتتىم.

– سېنىڭ ئاتا- ئاناڭ يوقمۇ، ئانام سەكراتتا ياتىدۇ، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈپ، تاۋۇتىنى كۆتىرىۋالسام، مېنى نىمە قىلساڭ مەيلى!- دەپ ۋارقىرىدىم كونسۇلخانىنىڭ ۋىزا بېجىرىدىغان ئورنىغا كىرىپ فىنلاندىيە پاسپورتىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ، مېنى كۆرۈپ پاسپورتىمنى ئېلىشنى رەت قىلغان خىتاي خادىمغا. ئىلاجىسىز ئىدىم، نىمە قىلالايتتىم؟ ئۇ قەدەر ئىلاجىسىزلىققا ھېچ زامان دۇچار بولمنىغانىدىم، ئەمما شۇ چاغدا شۇ قەدەر ئىلاجىسىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، ماڭا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما شۇنداق بىر كىچىك ئۈمۈتتە بارغانىدىم. قوللىرىم باغلانغان ھالەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئارقىغا ئىككى بەستلىك ساقچى تەرىپىدىن بېسىلىپ ئېلىپ كېتىلدىم، شۇ چاغدا ئۆلۈشنىمۇ خىيال قىلدىم، ئەمما پايدىسى يوقلىقىنى بىلەتتىم. مېنى خىتاي كونسۇلىغان بېسىپ كىردى دەپ خۇددىي كىنولاردىكىدەك تىك ئۇچار ئايرۇپىلان، قۇراللىق ۋە قالقانلىق ماشىنىلار، دوبۇلغا ساۋۇتلىق قۇراللانغان ساقچىلار كېلىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىنى قورشىۋالغانىكەن. قولۇم ئارقىدىن قىلىنىپ باغلىنىپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقىلدىم. كۆلىرىم قان ئىدى، ئىلاجىسىزلىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېگەنىدىم.

مېنى سولىمىدى، ئالدىمغا قەھۋە ۋە پىرەنىكلەرنى قوۇيۇپ تۇرۇپ، چىرايلىق سوراقتىن كېيىن قويۇپ بەردى. ماڭا ھېچقانداق جىنايەت تۇرغۇزۇلمىدى، چۈنكى ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىغانىدىم، قىلالمايتتىم، ئۇيغۇرغا خاس نائىلاجلىققا مەنمۇ گىرىپتار ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كونسۇلغا ۋىزا بېرىش ئۈچۈن قات قات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدىغان بولدى.

 ئۇزۇن ئۆتمەي ئانام  تۈگەپ كەتتى، بىر قانچە ئۇيغۇر دوستۇم كەلدى، فىنلار كەلدى، يەھۇدىيلار كەلدى، ھەتتا سىگانلار كەلدى. دىنسىزلار، خىرىستىئانلار كەلدى، ئەمما مېنىڭ ئۇيغۇرلىرىم كەلمىدى. چۈنكى ھېلسىنكىگە 60 كىلومېتىر كىلىدىغان يەردە ئولتۇراتتىم، يول ئۇلارغا ئۇزۇن كەلگەنىدى. مەيلى توي بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن مەن قالمىغانىدىم، قولۇمدىن كېلىدىغاننى قىلغانىدىم، ئەمما بېشىمغا مۇسىبەت چۈشكەندە يالغۇز قالدىم. كېيىن ئۆز ئاكامدەك چوڭ بولغان نەۋرە ئاكام قازا قىلدى، ئوخشاشلا ھېچكىم كەلمىدى، كەلگەنلەر كۆڭلۈمنى ئاغرىتىپ كەتتى. يېقىنلىرىمدىن تۆتىنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم، ھېچقايسىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈش نېسىپ بولمىدى، مۇسىبەتتە يالغۇز ئورمانلاردا كېزىپ، تاغلارغا چىقىپ ۋارقىراپ، سوغۇق دېڭىزغا ئۆزەمنى ئېتىپ ئۈزۈپ ئۆتكۈزدۈم.

2017-يىلى يۈزلىگەن مۇخبىرغا ئېلخەت يازغانىدىم، ئاخىرى بىر مۇخبىر ماڭا جاۋاب قايتۇردى، ئۇ مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئائىلەمنىڭ پاجىئەسىنى دېدىم، ئۇ 2018-يىلنىڭ بېشى ئىدى، يانۋار ۋە فېبرال ئايلىرى ئىدى. باشقىلارنىڭمۇ ئائىلىسىدە لاگېرلارغا تۇتۇلغانلارنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدى، مەن ئاڭلىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۆزەمچە گۇۋاھلىق بېرىدۇ دەپ ئىشەنگەن كىشىلەردىن سورىدىن، توغرىسى ئىلتىجا قىلدىم. ئەپسۇس، ئۇلار مۇخبىر بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپ، ئۇچۇر بېرىشتىن باش تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدىلا سۆزلىدى، ئائىسىدىكىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمىدى. يەتمىش كىلومېتىر يولنى بېسىپ بېرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگىنىمنىڭ نەتىجىسى:

– ئۇ ئادەم مۇخبىرمۇ؟ خىتاينىڭ ئادىمى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىسىز؟ سىز زادى نىمە قىلماقچى؟- دېگەن سۇئالى بولدى. تاكى شۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىچە ئۇلارنىڭ مەندىن گۇمان قىلغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ مۇسىبەتتە پىچىلانغان يۈرىكىمگە قىززىق تۈمۈر يېقىلىپ داغلانغاندەك بولدۇم. ئارقا ئارقىدىن مۇخبىرلار زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. چېچىمنى چۈشۈرۈپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئاتا – ئانامنى قويىۋەت دەپ  فەسبوكقا چىقارغان ۋىدىئو كەڭ تارقالدى، فىنلاندىيىنىڭ چوڭ گېزىتلىرى مېنى زىيارەت قىلدى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ رادىئوسىدا يېرىم سائەتلىك پروگرامما ئىشلەندى. ئۆزەمنى ئاشكارىلاپ ھەركەت قىلىشقا، باشقىلارنىڭمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشىگە دەۋەت قىلىشقا باشلىدىم، قانچە ئونلىغان ۋىدىئولارنى ئىشلىدىم، سوتسىيال مېدىيادىن پايدىلىپ ۋىدىئولارنى ئىشلەپ تارقاتتىم. مۇخبىرلار ۋەتەنگە بارغىچە ئۇلارغا سەپەر پىلانى تۈزۈشكە ياردەملەشتىم. بۇ بىر ئۇزۇن جەريان، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلايدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس يازما يېزىشىم مۇمكىن. ئەمما <ئاپامنى ئىزدەپ> دېگەن كىتابىمدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمايمەن.

ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنى ۋە مىلىيونلىغان ئۇيغۇرنىڭ، قازاقنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى تاغقا چاقىرسا تاغقا، باغقا چاقىرسا باغقا بېرىپ سۆزلىدىم. قانچە قېتىم تەھدىتكە، ھايات خەۋپىگە ئۇچرىدىم. سوتسىيال مېدىيادا ئاشكارە قىلغان پائالىيەتلىرىمدىن سىرت يوشۇرۇن قىلغان پائالىيەتلىرىم بولدى، مۇناسىۋەت دائىرەم كېڭىيىپ، سۈرىدىكى كۈرتلەردىن تاكى ئامېرىكىدىكى ئېۋانجېلىكوللارغىچە، ئىسرائىلىيىدىن ياۋرۇپاغىچە، ئامېرىكىدىن تەيۋەنگىچە كېڭەيدى. تېلفونۇمدا يۈزلىگەن مۇخبىرنىڭ نومۇرى توپلاندى، قانچىلىغان سىياسەتچىلەر، دېپلوماتلار بىلەن كۆرۈشتىم. چەكلىك ئېنگلىس تىلى سەۋىيىم بىلەن ئالتە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى گوگىلدىن ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن. ئەڭ چوڭ نەتىجىسى بەلكىم ئاتا- ئانامنىڭ تۇنجى قاراردا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار قاتارىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ سۇئالغا دۇچار بولدۇم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ يەنە بىر قېتىم ئ‍ۆز چېكىمدىن ھالقىش سىنىقىغا دۇچار بولغانىدىم، ھازىرغىچە قىلغان ئىشلىرىمدا ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا ئاتا-ئانامنى قۇتقۇزۇش بولغانىدى. بۇنىڭلىق بىلەن پەرزەنتلىك بۇرچۇم ئادا بولمايتتى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەمدى مۇمكىنچىلىكىم قالمىغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. پەقەت كوممۇنىست رىجىم ئاياقلىشىپ، ۋەتەنگە خاتىرجەم بېرىپ كېلىش مۇمكىن بولمىغىچە ئاتام – ئاپامغا ۋاپادارلىق قىلالىشىم مۇمكىن بولمايتتى. ھەركىتىمنى تاكى شۇنداق بىر كۈن كەلمىگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي ياخشى پۇرسەت كەلدى، <مەنمۇ ئۇيغۇر> ھەركىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقلىق مېدىيالارغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەمما بۇ پائالىيەت سەۋەبلىك نۇرغۇن ھاقارەتكە، تەھدىتكە ئۇچرىدىم. ئەمما ۋاز كەچمىدىم، قولۇمدىن كېلىشىچە ئىشىمنى داۋام قىلدىم، داۋاملىق سەپەرۋەر قىلدىم، ئۆزۈم سەپەرلەردە بولۇپ قەيەرگە بېرىپ، قەيەردە تۇرۇشۇمنى ھېچكىمگە دىمەستىن پائالىيەت قىلدىم، سۈرەت مودېللىقى قىلمىدىم. نۇرغۇن دۆلەتلەرگە باردىم، شۇ يەرلەرگە بارغاندا كوچىدا تاساددىپىي ئۇچراپ قېلىپ، مېنى تونۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچكىمگە سوتسىيال مېدىيادا نىمىلەرنى قىلغانلىقىمنى داۋراڭ سالمىدىم. چۈنكى ئۇنداق قىلىشىم خەتەرلىك ئىدى، قانچە قېتىم ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلغانىدىم. 2019-يىلى ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىم ئىككى ئايدىن ئاز بولدى، قالغان ۋاقىتتا سەپەردە بولدۇم، ئاسىيادىن ئامېرىكىغىچە سەپەردە بولدۇم. ئۇنۋېرسىتېتلاردا، چەتئەل ئەلچىخانىلىرىدا، ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا، ھەتتا چىركاۋلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىدىم. بەزىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ھاقارەتلەندىم، ئېغىر كەلمىدى. ئەمما، ئەڭ ئېغىر كەلگىنى 2019-يىلى ياز ئاياقلىشىش ئالدىدا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن تەھدىت تېلفۇنلىرى بولدى.

– خالمۇرات، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قويىۋېتىلدى، ئەمدى تور بېتىڭىزدىكى ۋىدىئونى ئۆچۈرۋېتىڭ، بولمىسا ئۇلارنى قايتا ئېلىپ كىرىپ كەتسە بولمايدۇ. – دېدى، ماقۇل دېدىم، چىقارغان ۋىدىئولار ئازلاشقا باشلىدى.

– خالمۇرات، سىز تونۇشتۇرۇپ قويغان مۇخبىر يازغان ماقالىنى تور بېتىدىن ئۆچۈرۋەتسە بوپتىكەن، ئۆيدىكىلەرنى قويىۋەتكەنىدى، ئۇلارنى قايتا تۇتىۋالمىسۇن- دېدى يەنە باشقىلار، ئۇلارغا مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا تەلىپىنى تەتكۈزۈشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

– ھەي، سەن مۇخبىرلارغا بىزنى تونۇشتۇرۇپ قويۇپ قانچە پۇل ئالدىڭ، بۆرىكىمنى سېتىپ بېرەي مەن ساڭا شۇ پۇلنى، ئۇ خەۋەرنى ئۆچۈرۋەتسۇن. ئۆچۈرۋەتمەي ئۆيدىكىلەرنى يەنە تۇتۇپ كەتسە، سېنىڭ نەدە ياشايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن جۇمۇ،- دەپ تەھدىت سالدى جاۋابىمدىن قانائەتلەنمنىگەنلەر. ھەتتا قىزلىرىمنىڭ رەسىمىنى ماڭا ئەۋەتىپ تەھدىت سالدى. چۆچۈدۈم، ھەيران قالدىم، چۈنكى دەل شۇ ئىنسانلار ئەينى ۋاقىتتا:

– خالمۇرات، بەك ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز، بولسا بىزنىمۇ مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، گۇۋاھلىق ۋىدىئوسىنى ئەۋەتىپ بېرەيلى، تورغا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز،- دەپ يېلىنغان، ماڭا مەدھىيە ئوقۇغان كىشىلەر ئىدى. شۇنداق دىئالوگلاردىن قانچە ئونىغا جاۋاب بەرگەن بولدۇم، قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ، مەن <جېنىم پىدا> دەپ تويلىغان شۇ مىللەتنىڭ كىشىلىرىنىڭ شۇنداق تەھدىتلىرىگە ئۇچرىدىم. مەسخىرە قىلىندىم، يالغۇز قالدۇرۇلدۇم. قىلىۋاتقان ئىشىمدىن گۇمان قىلىشقا، ئۆزەمدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدىم. مەن زادى نىمىگە ئېرىشتىم؟ دەپ سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. قانچە يىللىق قان تەرىم بەدىلىگە يىغقان ئىقتىسادىمنى سەرپ قىلدىم، ئىككى يىل ۋاقتىمنى تولۇق سەرىپ قىلدىم، ھەركۈنى ئەڭ ئاز 15 سائەت ئىشلىدىم، سەپەرلەردە بولدۇم، ئاتا-ئانامنىڭ ھاياتىنى تەھدىتكە قويدۇم، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئەڭ تاتلىق ئىككى يىل ۋاقتىدىن قۇرۇق قالدىم، نىكاھ مۇناسىۋىتىم كىرىزىسكە دۇچار بولدى، ئاقىۋەت نىمىگە ئېرىشتىم؟ يالغۇزلۇققا، چۈشكۈنلۈككە ئېرىشتىم، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ۋىجدان راھەتلىكىگە ئېرىشتىم.

تېلفونۇمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا كىمگە تېلفۇن قىلىشىمنى بىلەلمەيمەن، ئاتا-ئانامغا تېلفۇن قىلالمايمەن، ئۇلارنىڭ تېلفونۇم سەۋەبلىك بىرەر ئىشقا دۇچار بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. يالغۇزلۇق، روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇق مېنى قىينىماقتا. بىرەر ئەسرارىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلدىم، ئەمما بىر كىم بىلەن مۇڭدىشىشقا كۆڭلۈم تارتماس بولدى، مەسىخىرىگە، تەھدىتكە دۇچار بولۇشتىن قورقتۇم. ئاق خالىتىمنى كىيىپ يۈرسەم، ھەممە كىشى ئېگىلىپ سالام قىلىدىغان سالاپەتلىك بىر دوختۇردىن، ئۆز نامى ئاستىدا ئۈچ شىركىتى بار روھلۇق بىر ياشتىن،  چېچىنىمۇ تاراش خوشياقمايدىغان، ساقىلىنى ھەپتىلەپ ئالمايدىغان بىرىگە ئايلاندىم. ئائىلەم بىلەن يىلدا قانچە قېتىم ساياھەتلەرگە چىقىدىغان بىر ئائىلە بېشىدىن، ئائىلىگە ئايلاپ قايتمايدىغان بىرىگە ئايلاندىم. پۇشايمان قىلامدىم، ياق، پۇشايمان قىلمايمەن، ئۇيغۇر توپلانغان يەرلەردە رەسىمگە چۈشسە مېنىڭ چىقىپ قېلىشىمدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان شۇ كىلشىلەر ئارىسىدا، ئ‍ويۇنى، ئۇيقۇسى جايىدا شۇ كىشىلەر ئارىسىدا يالغۇزلۇقنى ھېس قىلساممۇ، كىشىلەرنىڭ ماڭا قىلغان سالاملىرىدىن، كۈلۈپ بېقىشلىرىدىن تەسەللىي تاپالمىغىدەك دەرىجىدە يوقۇتۇشلارغا دۇچار بولغان بولساممۇ، پۇشايمان قىلمايمەن. سالامەتلىكىمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، روھىيىتىمدە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت سۇسلاشقان بولسىمۇ، پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن بىر نورمال ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم. مەن سىياسەتچى ئەمەس، سىياسەتچى بولۇشنىمۇ ئويلىمىدىم، كاشكى نورمال بىر ئادەمدەك ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى بولسا، ئاتا -ئانامغا يالغۇز پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالىسام، ئۆلسەممۇ ئارمىنىم قالماستى.

ۋەتەننى ئازات قىلىش دېگەندەك ئويلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپلىقىنى كۆرۈپ ئۈمۈتسىزلىنىشكە باشلىدىم، مەن كىشىلەرگە ئۈمۈت بېرەتتىم، ئەمما مەن ئۈمۈتسىز قالدىم. مەن ئۈمۈتسىز قالغىنىمدا ماڭا ئۈمۈت بېرىشنى خالايدىغان بىرى چىقمىدى.

– سەن ماڭا نىسبەتەن ئۆلدۈڭ – دېدى بەزىلەر، ئۇ گەپلەر ماڭا ئ‍ېغىر كەلگەنىدى. ئانامنىڭ ئۆلۈمىگە كەلمىگەن بۇ مىللەتنىڭ ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويغان نىمىسى باردۇ؟ مەن سەپەردە يۈرگىنىمدە ئۆيۈمگە تېلفۇن قىلىپ:

– خالمۇرات سەپەردە بولىۋاتىدۇ، ئەھۋالىڭلار قانداق؟— دەپ سۇئال سورىمىغان بۇ مىللەتنىڭ مەندە نىمە ئېلىشى باردۇ؟

– خالمۇرات، قانداق ئەھۋالىڭ؟ نەدە يېتىپ، نەدە تۇرىۋاتىسەن؟ يەنە ئايرپورتتا ياتتىڭمۇ؟ قورسىقىڭغا ۋاقتىدا يەۋاتامسەن؟ كۆڭلۈڭ يېرىم بولدىمۇ؟- دەپ سورىمىغان بۇ مىللەتنىڭ مەندە نىمە ئېلىشى باردۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما، ئۇنداق ئويلىغىنىم خاتا ئىدى. چۈنكى، مېنىڭ ئائىلەم، مېنىڭ شەخىسىي مەۋجۇتلىقىم بۇ مىللەت بىلەن بىردەك ئىدى. مېنىڭ قىلغانلىرىم قانداقتۇر ئۇلۇغۋار بىر ئىش ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق نورمال ئىنسان قىلىشقا تېگىسلىك ئىش ئىدى. بۇ قانداقتۇر باشقىلاردىن ئېتىراپ قىلىشنى تەمە قىلىدىغان قەھرىمانلىق ئەمەس، بەلكى نورمال ئىنسانلىق ئىدى. چۈنكى نورمال ئىنسان زۇلۇمغا ياق دەيدۇ، ئائىلىسىنى قوغدايدۇ، ئائىلىسى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ. شۇنداق ئائىلىلەر ۋە شۇ ئائىلىلەرنى قوغدايدىغان كىشىلەر توپلاشقاندا ھەقىقىي مىللەت بولىدۇ، ئۆزىنى قوغداش يولىدا ھەتتا بىرلىشىپ دۆلەت بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئويغۇنىۋاتاتتى، بۇنى كۆرۈپ ئۈمۈتلىنىۋاتقان بولساممۇ، ماغدۇرۇم قالمايۋاتقانىدى.

– كاللىڭىزنىڭ دەردى باركەن،- دەپ ھۆكۈم چىقاردى مەن مۇڭدىشىشنى تاللىغان بىرى. راست دەۋاتقانىدى، كاللامنىڭ دەردى بار ئىدى، ئەمدى ئۆزەم ئۈچۈن ياشاشنى تاللىشىم كېرەكتەك قىلاتتى. مەن مۇڭدىشىشنى تاللىغان، يۈرىكىمدىكى گەپلەرنى قىلالىغان كىشىلەر يوق ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا. ئەمما، ئۇ ماڭا پەرۋا قىلمىغانىدى، ھەتتا بەزى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى خۇددىي مەسخىرىدەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭمۇ دەردىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم، ئەمما پېتىنالمىدىم. ئۇيغۇرنىڭ دەرتسىزى يوق بولسا كېرەك، دەرت ئاڭلاپ كەلدىم، ئەمما دەردىمنى ئاڭلاتقىنىم مېنى ساراڭ دېدى، ئۆزەمنى ساراڭدەك ھېس قىلىشقا، كەمسىتىشكە باشلىدىم. ۋاز كەچمەكچى بولدۇم، ۋاز كەچمەيمەن، ئەمما مېنىڭمۇ ئۆزەم ئۈچۈن ياشاشنى تاللاش ھوقوقۇم بار. مەن مۇھىم شەخس ئەمەس، مېنىڭ 24 سائەت 7 كۈن ئىشلىشىمنىڭ، ئۆزەمگە تەمەننا قويۇپ ئىشلىرىمنى مۇھىم چاغلىۋېلىشىمنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. مەنمۇ ئارام ئالاي دەپ ئويلىدىم، چۈنكى روھىيىتىمنى قايتا زەرەتلىشىم كېرەك. ئۇنى نىمىنىڭ زەرەتلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، زەرەتسىزلەنگەن روھىمنىڭ قانداق قايتا زەرەتلىنىشىنى بىلمەيمەن. ئىشىنىمەن، ھەرگىزمۇ تەنقىت ئەمەس، مۇلاھىزە ئەمەس. ئەپسۇس، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى يېرىمىدا توختىتىشنى قارار قىلدىم، ھېچ بولمىسا روھىم قايتا زەرەتلەنگىچە. بىردىن بىر داۋام قىلىدىغان ئىشىم بەلكىم <ئاپامنى ئىزدەپ> نى يېزىش بولسا كېرەك. چۈنكى ئۆزەمدىن باشقا مۇڭدىشىم، قەلەمدىن باشقا سىردىشىم يوق.

ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا مۇڭداشسىز قالغانلار، سىرداشسىز قالغانلار كۆپ ئ‍ىدى. ئىشلگەن ۋىدىئولىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلدۇم. مېنى نۇرغۇن كىشىلەر ئىزدەيدىغان، مەن بىلەن مۇڭدىشىشنى، ماڭا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى خالايدىغان بولدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتقۇم كەلدى. ئېكراننىڭ قارشىسىدا ئۇنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭمۇ يارىلانغان بىر يۈرىكىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئىشەنچسىزلىكتىن شۇنى بىلگەنىدىم. ئۇ ھەممىگە گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىزلەيتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ نىمە ئىزلاۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.

– خالمۇرات ئاكا، كىمگە قانداق ئىشىنىشنى بىلمەيمەن، دائىم قورقۇپلا تۇرىمەن،- دەپ يېزىلغان ئۇچۇرنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتىم. راستىمنى دېسەم قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيتتىم.

ئ‍ۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلايتتىم. جىسمىلا ئەمەس، بەلكى روھىيىتىمۇ قانچە يىللار دەپسەندە بولغانلىقىدىن شەكىللەنگەن بۇ خىل ئۆزىنى قوغداش پىسخىكىسىنىڭ نورمال مېخانىزىمى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. يادىمغا نەۋرە ئاچامنىڭ قىزى كەلدى، ئۇمۇ مۇشۇ سىڭىلچاق بىلەن قۇرداش ئىدى، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆگىنىمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى توغۇرلۇق تۈزگەن پىلانلىرىنى ئاڭلىغانىدىم، ۋىتىلداپ سۆزلەپ كېتىشلىرى كۆز ئالدىمدىلا ئىدى. يەنە بىرقانچە يىلدا مېنىڭ قىزلىرىممۇ شۇ ياشقا يېتەتتى، ۋىتىلداپ سۆزلەيدىغان، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈتلىرىنى شوخلۇق بىلەن خىيال قىلىدىغان. ئەپسۇس، ئېكراننىڭ ئارقىدا تۇرغان شۇ ۋىجىڭ سىمانىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈتلىرى تارتىپ ئېلىنغان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى دەپسەندە قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ جۈملىلىرىدىكى ئۈمۈتسىزلىك تېمىپ تۇرغان سۆزلەر كىشىنى ئۇنىڭ دۇنياسىغا سۆرەپ كىرەتتى، ئەمما ئۇ زۇلمەتنى شۇ زۇلمەتنى كۆرگەنلەردىن باشقىلار يېرىپ ئۆتۈپ كۆرەلمەيتتى. تۇيۇقسىزلا كاللامدا شۇنداق بىر پورترېت شەكىللەندى، ئۇنى كۆرەلمەيتتىم، ئۇ مەۋھۇم ئىدى، ئۇنىڭ روھى سۇغۇرۇپ ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئوي خىياللىرى بىزدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئۆز ۋە يات بولغان بىر سىما، بۇ سىما ئۇيغۇرنىڭ ياتلاشتۇرىلىۋاتقان كەلگۈسى بىر ئەۋلادىنىڭ سىماسى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن قانچە قېتىم ئۇزۇن ئۇچۇرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ماڭا ئ‍ۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

– ئاكا، مەن ھازىر ئەرلەرگە ئىشەنمەيمەن. مېنى قۇرئان ئوقىدى دەپ ئەكىرىپ سوراق قىلغاندا ماڭا زورلۇق ئىشلەتكەنىدى.- دەپ سۆزىنى ئىچىگە يۈتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ماڭا دېيىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانىدىم. بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ دەپسەندە بولغانلىقىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئاسان ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پەردەشەپ مەدەنىيىتى قويۇق بولغان بىر توپلۇمنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى تىلغا ئېلىشىغا ناھايىتى چوڭ جۈرئەت كېتەتتى.

– ئۇ چاغدا 15 ياشلاردا ئىدىم، ئۆيدىكىلەرنىمۇ قانۇنسىز قۇرئان كۇرسى بەردى دەپ تۇتۇپ كەتكەن، مېنى قويىۋەتتى. كېيىن كۆپ قېتىم شۇنداق زورلاندىم، قانچە قېتىم بۇيۇمدا قالدى…- قىز سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. تېلېفوننى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىم تىترەشكە، تېلفۇن بارماقلىرىمغا پېتىشقا باشلىدى. چۈنكى غەزەپتىن تېلفۇننى كۈچەپ تۇتىۋالغانىدىم. قۇلىقىمغا كىرىۋاتقا ۋەقەلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتقانىدىم، بۇنداق تىراگېدىيىلەر، پاجىئەلەر پەقەت يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يېزىلىشى، كىنولاردا ئىشلىنىشى، ئەمما رېئال تۇرمۇشتا ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى. تېلفۇننىڭ قارشىسىدا دەل شۇنداق پاجىئەلەرگە يۇلۇققان بىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن شۇلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمەن. بۇ يەردە ھىكايىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى يېزىشقا بارماقلىرىم پېتىنالمايدۇ، بەلكىم ئۇ سىڭلىمىزنىڭ پاجىئەسىنى كېيىن تەپسىلىي يېزىشىم مۇمكىن. ئۇزۇن ھىكايىنى قىسقا قىلسام، ئۇ سىڭلىمىزنى ئۇنىڭغا قانچە يىل يامانلىق قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى 2015-يىلى پاسپورت بېجىرىپ بېرىپ چەتئەلگە يولغا ساپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ساقچى ئۇ قىز سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ چەتئەلگە چىقىرىۋەتكەنمىش. بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ بەك ئىچىم ئېچىشتى. ھەممىسى ئائىلىسىنى قوغداشنى ئويلايتتى، ئۇيغۇرنىڭ ئائىلە قارىشىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى چۆرىدىگەن ھىكايىلەرنى قانچە كۆپ ئاڭلىغانسېرى شۇنچە كۆپ چۈشىنىشكە باشلاۋاتقانىدىم. خىتاينىڭ سېستىمىسىغا ئىشلەۋاتقانلارمۇ ئائىلىسىنى ئۇلارغا ئىشلىشىنىڭ باھانىسى قىلاتتى، ئائىلىسىنى باقمىسا بولمايتتىم، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىمىسا، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمىسا بولمايتتى. ئەمما، ئۆز ئائىلىسىنىڭ بەدىلىگە باشقىلارنىڭ ئائىلە پاجىئەلىرىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارغا ئىشتىراك قىلاتتى، شۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلاتتى. چەتئەلدىكىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئائىلە پاجىئەلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا يېنىدا بىللە ياشايدىغانلارنىڭ شۇنداق ئائىلە پاجىئەلىرىگە شاھىت بولاتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ئۇنداق بىر تەھدىتكە ئىتتىرىپ بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايتتى.

– ئاداش، ئ‍ۆزەڭمۇ بىلىسە، بىزنىڭكىلەرنى تۇتمىدى، ئەگەر بىزنىڭكىلەرنىمۇ لاگىرلارغا سولايدىغان ئىش بولسا، مەن خىتاينى پۇشايمان قىلدۇرىۋېتىمەن. – دەيتتى مېنى دوستۇم دەپ چاقىرىپ كىشىلەر. ئۇلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇلار ئاڭلاشنى خالايدىغان گەپلەرنى قىلىپ قوياتتىم، ئۇنداق قىلمىسام ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالاتتىم.

– سەنمۇ بىر يىل جىم تۇرۇپسەنغۇ، بۇرۇن نەدە ۋەتەن ياكى مىللەت دەپ چىقتىڭ، ئىككى- ئۈچ پارچە بىرنىمە يېزىپ قويغاننى ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلدىم دېسەڭ، ئۇنداق ئىشنى مەنمۇ قىلغان، مەنمۇ فەسبوكقا يېزىپ كېلىۋاتىمەن، ئۆزەمنى ئەلسۆي ياكى پەلسۆي دەۋالمىساممۇ،- دەپ تەخەللۇسىمنى تىلغا ئېلىپ چاقچاققا ئايلاندۇراتتى. ئۇلار بىلەن بىللە كۈلۈپ قۇياتتىم، چۈنكى ئۇلار مەن ئويلىغاننى ئويلىيالمايتتى، ياكى ئويلاشنى خالىمايتتى. دېمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەنىدى، بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ئۇلار بىلەن ئالاقىسى يوق، پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇلار بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ ساداقەت بىلدۈرىدىغان دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇردىكى ساداقەت ئائىلىگە بېغىشلىنەتتى، بۇنداق ئائىلە مەركەز قارىشى ئۇيغۇردا ئورتاق ھالدا مىللەتچىلىككە كۆتۈرىلەلمىگەن، ئائىلىلەرنىڭ بىرلىكتە ئۆز بىخەتەرلىكى، مەنپەئەتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ ۋە مەسئۇلىيەت تەقسىملىنىشى بولمىغان، ئائىلىدىن چىقىش قىلغان دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى شەكىللەنمىگەنىدى.

نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن مۇڭداشتىم، ئۇلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمۇشلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەمما ئېكراننىڭ ئارقىدا ئولتۇرغىنى  پەرقلىق ئىدى، ئۇ كەچكى شەپەققە ئوخشايتتى. ئۇ شۇنداق بىر سىما ئىدى، جىسمىلا ئەمەس، بەلكى روھىمۇ دەپسەندە بولغان. ئۇ دەل ھازىرقى مەۋجۇت بىر ئەۋلاتنىڭ پورتېرىتى ئىدى. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكىك بىر پۈتۈن ئۇيغۇرغا ئورتاق ئىدى. بىز ھەممىز ئوخشىمىغان توساقلارنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدە ئىدۇق، تاملىرى كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغان. ۋەتەندىكىلەر ياكى تاملىرى كۆرۈنىدىغان لاگېرلارغا سولانغان، ياكى تاملىرى كۆرۈمەيدىغان ۋىجدان قەپىسىگە مەھكۇم، چەتئەلدىكىلەر بولسا قورقۇنچ ۋە ئىشەنچسىزلىك تاملىرىنى ئارىسىغا قوپۇرغان، ھېچكىمنىڭ بوينى تامدىن ئېشىپ قارشى تەرەپنى كۆرەلمەيتتى. ۋەتەندىكىلەر چەتئەلگە، چەتئەلدىكىلەر ۋەتەنگە چىقالمايتتى، ھەممىسى ئۆزى تۇرىۋاتقان يەرلەرگە پالانغانىدى. جىسمىلا ئەمەس، بەلكى روھىيىتىمۇ شۇنداق پالانغانىدى. ئېكران ئارقىدىكى سىڭىلچاق جىسمى دەل بىزنىڭ سىمۋولىمىز ئىدى، بىزنىڭ جىسمىمىزلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن روھىمىز دەپسەندە قىلىنماقتا ئىدى.

بالتىق دېڭىزىغا پېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشقا قاراپ ئولتۇرۇپ خىياللارغا پېتىپ قالدىم، تەسەۋۋۇرۇم مېنى تۇرپاننىڭ كوچىلىرىغا سۆرەپ ئېلىپ بارغانىدى، ئىسسىقتا چىلىق چىلىق تەرلاپ ئولتۇرۇپ پۇرچاق ئاچ يىگەچ دوستلىرىم بىلەن مۇڭدىشىۋاتاتتىم. ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئات ھارۋىسىدىن ياڭرىغان زىل قۇڭغۇراق ئاۋازى ئاستا ئاستا يېقىنلىماقتا، كاۋاپلارنىڭ، ھەرخىل يىمەكلىكلەرنىڭ ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن قۇرغاق ھاۋا پۇرچاق ئاشتىن چىققان ھور بىلەن بىرگە بۇرنۇمغا ئۇرۇلماقتا. ئۇ دەل ۋەتەن تۇيغۇسى ئىدى، دەل شۇ تۇيغۇنى قايتا ھېس قىلىشنى، يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق ۋە ئىسسىق ھاۋاسىدىن قايتا نەپەس ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما، ھۆرلۈك بولمىغان، بىخەتەرلىك بولغان شارائىتتا ئۇ ماڭا ھەشەمەتلىك بىر چۈش ئىدى.

– سىڭلىم، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قەدىرلىشىڭىز، ئۆز قىممىتىڭىزنى ئۆزىڭىز تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ گەپلەرنى قىلىش ئاسان، ئەمما سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ئۆزەمنى قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايمەن. غەزەپ ۋە نەپرەت بىزدەك ناتىۋان مىللەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئادالەت ئۇنى قازىنالىغانلار ئۈچۈن ئېگىلىدۇ ياكى كېچىكىدۇ، ئەمما سۈكۈتنى تاللىغالار ئۈچۈن ئادالەت رىۋايەت خالاس. قولۇمدىن كېلىدىغىنى سىزنىڭ كەچمىشىڭىزنى قىز ئاياللارنى قوغدايدىغان تەشكىلارلارغا تونۇشتۇرۇش، پىسخىكىلىق داۋالاشقا بولغان ئېھتىياجىڭىزنى ۋە سىزنىڭ بىخەتەر يەرگە ئورۇنلىشىش مەسىلىڭىزگە باش قاتۇرۇش. باشقا ئىشقا ۋەدە قىلالمايمەن، ئەمما قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن. – دەپ جاۋاب يازدىم ئۇزاق ئويلاشقاندىن كېيىن. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتنى ۋە ئادالەتنى ئېلىپ كېلەلمەيتتىم، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيتتى، بىر ياراتقۇچى رەببىمدىن باشقا. ئازابلىرىمنى ۋە ھېسسىياتىمنى يوشۇرۇدۇم، ئۇلارنىڭ نەپرەتكە ۋە غەزەپكە ئايلىنىپ مېنى يالماپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىم كېرەك ئىدى. مەسىلىگە مەركەزلىشىشىم، شائىر مىللەتنىڭ ئەۋلادىدەك ئەمەس، بەلكى سوغاققان شىمالىي ياۋرۇپالىقلاردەك ئىش قىللىشنى ئۆزەمگە ئادەت قىلىشىم كېرەك، چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەسىلىگە رېئال نۇقتىدىن يۈزلىنىش ھېسسىياتنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئاقىلانە ئىپادىلەش چارىسى ئىدى.

ئۇ سىڭلىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر ئېپىزوت، توغرىسى بىر پاجىئە ئارىغا قىسىلدى. ئۇ بىرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا ياتلىق بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئالاقىلىشىۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان تەشكىلات ئۇنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پىسخىكا دوكلاتى، بەدەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى چىقىرىپ، ئۇ سىڭلىمىزنىڭ غەرىپتىكى بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭغا نىمە دېيىشىمنى بىلمىدىم، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن يەنە خەۋەر كەلدى.

– ئاكا، مەن دوختۇرخانىدا…- دەپ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى، تېخى كۆرۈپ باقمىغان، ئۆزەمنىڭ سىڭلىسىدەك ھېس قىلىپ قالغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ يىغا ئاۋازىدىن يۈرىكىم ئۆرتۈنۈپ، مېنىڭمۇ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم، ئۇ ماڭا دوختۇرنىڭ قەغىزىنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بەردى، گوگىلنىڭ رەسىملىك خەتلەرنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىدىن ۋە ئۇ قىز تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىدىكى چالا ساۋاتىمدىن پايدىلىنىپ ئوقۇپ چۈشەنگەن بولدۇم. چۈشىنىپ غەزىپىم ئاشتى، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي بېرىپ، ئۇ ئىشنى شۇ ناتىۋان سىڭلىمىزغا قىلىشقا پېتىنغان رەھىمسىزگە ئېتىلىپ بېرىپ، گېلىدىن بۇغۇپ ساقىلىنى يۇلىۋالغىم كەلدى.

– خالمۇرات ئۇكام، مەن ھەممە ئىشىغا ئىگە، ھالاللاپ ئالدىم، ئەمدى ئەنسىرمەڭ،-دەپ مۇغەمبەرلەرچە يالغان تەقۋا تەلەپپۇزدا شۇنداق دېگەنىدى ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە ماڭا يولدىشىم دەپ تونۇشتۇرغان بىرى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان دىنىي كەلىمىلەرنىڭ ئۇنداق بىر ئوبراز بىلەن بىرگە بولماسىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلىرىنى ئەينى يېزىشنى خالىمىدىم.

– سىڭلىمىز دوختۇرخانىغا قانداق كىرىپ قالدى؟ – دەپ سورىدىم ئۆزەمنىڭ غەزىپىنى بېسىپ تەمكىن تەلەپپۇزدا.

– خالمۇرات ئ‍ۇكام، ئۇنىڭ قانداق بىرنىمىلىكىنى بىلمەيلا ئېلىپ قاپتىمەن، قىز چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار دوختۇرىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم بالا چۈشۈرگەن دەپ چىقتى…- دەپ قايناپ سۆزلەشكە باشلىدى ئۇنىغا ئىگە بولىمەن دەپ ھالاللاپ ئالدىم دېگەن ئادەم. ئۇ ئىشنى توسۇپ قېلىشقا ئەسلىدە مۇمكىنچىلىك بار ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ شۇنداق قارار قىلدىم، مۇشۇ ئادەم بىلەن نىكاھ قىلدىم دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان:

– ياخشى كۆرسىڭىز مەيلى، ئەمما ئاتىڭىز بىلەن تەڭ ئادەمگە قانداق كۆڭلىڭىز كۆتۈردى؟- دېگەن گەپنى يۇتىۋەتكەنىدىم. ئۇنىڭ قانداق قارار ئېلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئىدى، مېنىڭ ئۇ قارار ئېلىشتىن بۇرۇن مەسلىھەت بېرىشىم توغرا بولاتتى، قارار ئېلىپ بولغان ئادەمگە، نىكاھىنى قىلىپ بولغان ئادەمگە ئۇ ھەقتە سۆز ئېچىش توغرا ئەمەس، بەلكىم ئەخلاقسىزلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن دوختۇرنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش تەشكىلاتىغا يوللاپ بەردىم، ئۇلار ئۇنىڭ قالغان ئىشىغا ئىگە چىقىدىغان بولدى، كېيىن ئۇ سىڭلىمىز بىخەتەر دۆلەتكە بېرىۋالغاندىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى مۇخبىرلارغا دېيىشىنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغىچە بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ جامائەت ئالدىدا ئاشكارە بولۇپ، ئەمدىلا يىگىرمە قانچە ياشقا كىرگەن بىرىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قايتا باشلاش مۇمكىنچىلىكىنى يۇقىتىشىنى خالىمىغانىدىم.

– ئاكا، سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتسام بۇلار، بۇ ئىشلارنى مۇخبىرلارغا دېگىن دېسىڭىز، مەن گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن،- دېدى ئۇ سىڭلىمىز ماڭا بىخەتەر دۆلەتكە بېرىۋالغاندىن كېيىن قىلغان تېلفۇندا. ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى خۇشالىقنى ھېس قىلىۋاتقانىدىم، ئۇنىڭ ئىشىنى ئۇلارنىڭ بۇنداق تېز بىرتەرەپ قىلىشىغا ئىشەنگۈم كەلمىگەنىدى. بىچارە ئۇيغۇر قىزى، باشقىلار ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى دەپ ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتلىرىنى ئۇ قورقۇنچ، خورلۇق ۋە كەمسىتىلىشتە ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنىڭ سىياسىي تەسىر قوزغاشنىڭ، ئۇيغۇرغا خەلقئارا ھېسداشلىق قوزغاشنىڭ بەدىلى بولۇشىنى بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىمدە خالىمايتتىم. ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىدىم، ئەمما ئويلايمەن، مەن يالغۇز بالا بولماي، بىر سىڭلىم بولغان بولسا، بەلكىم مۇشۇ سىڭلىمچىلىك بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق كۈلپەتلەر كەلسە، مەن قانداق قىلار بولغىيتىم؟ ياق، مۇشۇ قىزمۇ مېنىڭ سىڭلىم، ئۇنىڭ ئەمدى بولسىمۇ خاتىرجەم ۋە خۇشال ياشاش، ھاياتىنى ساغلام بىر مۇھىتتا داۋام قىلىش پۇرسىتى بولۇشى كېرەك.

– ياق سىڭلىم، سىزنىڭ ھىكايىڭىزنى ئاشكارىلىساق بەلكىم بىر مەزگىل مۇھىم خەۋەرلەردىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ كەلگۈسى ھاياتىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا، قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ. مەن سىزگە ياردەم قىلمىدىم، قولۇمدىن كېلىدىغان ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى، بىر ئاكىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم. ئەمدى خۇشال ياشاشنىڭ سىزگە نېسىپ بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن،- دەپ جاۋاب بەردىم. دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنى قايىل قىلىپ، مۇخبىرلارغا ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاشكارىلاشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ئۇيغۇرلار بەك كۆپ بەدەل تۆلىدى، دۇنيانىڭ سۈكۈتى ئۇيغۇرلارنى چارچاتسا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپ قارشىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىدىغانلارنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ سىڭلىمىزغا ھىكايىڭىزنى ئاشكارىلاشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ، ئاشكارىلىماي خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز مەن خۇش بولىمەن دېگەنلىكىمنى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان تەشكىلاتتىكى خادىم بىلگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئۇزۇن تېلفۇنلاشتى. مېنى ئەيىپلەپ ئەمەس، ئەكسىنچە ئىنسانلىقنىڭ ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ نىمە ۋە قانداق بولۇشى توغۇرلۇق پىكىرلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ھەممىز خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتۇق، ئەمما خاتىرجەملىك بىزگە نېسىپ بولمايۋاتقانىدى.

– خالمۇرات، دادامنى لاگىرغا ئېلىپ كەتكىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، قانداق قىلسام بۇلا؟ – دەپ سورىدى يەنە بىرى، شۇنداق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بىر پاجىئەلىك ھىكايىسى بار ئىدى، ھەر بىرى بىلەن كۆرەشكىنىمدە ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى كەچمىشىگە بەكىرەك دىققەت قىلىشقا تىرىشتىم. مەيلى پوزۇر كىيىنگەن، روھلۇق تېتىك كۆرۈنگەنلىرى بولسۇن، چىرايلىق گىرىملىرى بىلەن دۇنيادىن بىخەۋەردەك ھاياتتا ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەنلىرى بولسۇن، ھىجابلىقى بولسۇن، ياكى يالاڭباشلىقى بولسۇن، بېيى بولسۇن، نامىرىتى بولسۇن، ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ بىر ھىكايىسى بار، ھەرقاندىقىنىڭ يۈرىكىدە بىر يارا بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەن بىلەن كۆرۈشكەندە ساڭا ئۆزىنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئويلايتتى، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىقىنى كۆرسەتكىسى بولسا، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ قانداق كەچۈرمىشلەر ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرى ئارىسىدا پەش قىلىپ ئۆتەپ كېتەتتى. ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەڭ تەس يېرى، سەن دېيىشمەكچى بولغان شۇ مەسىلە ئۈستىدە بىۋاستە توختىلىشقا ئامالسىز قالىسەن، چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ باشقا ھېس تۇيغۇلىرىغا تىگىپ قويۇشنى خالىمايسەن. ئۇيغۇرلاردا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ سېنىڭ كۆرسەتكەن سەمىمىيىتىڭدە، ئەمما ئۇ سەمىمىيەت ئۆزەڭنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا چۇشلۇق يەردە ئۆزەڭنى تۇتۇپ قارشى تەرەپكە مۇئامىلە قىلالىشىڭدا ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلاردا <ئۆزىنى بىلمەيدىغان> دەپ ئەيىپلەش ناھايىتى يوللۇق بىرخىل ئەيىپلەش ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئومۇملاشتۇرۇشتىن خالىي بۇلالمىغان بولۇشىم مۇمكىن، ئەمما مەن كۆرگەن ئەھۋاللاردا كۆپىنچە شۇنداق. بىزدە مەلۇم بىر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە خۇددىي ئۇ كىشى ھەممە ساھەنىڭ بىلگۈچىسىدەك مۇئامىلە قىلىش يوللۇقلىشىپ، رۇتىنلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىلىرىدىن، ياكى ئىنژىنىرلىرىدىن ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇرەككەپ مەسىلىلىرىگە جاۋاب سورايتتۇق، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىلىمىنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ بىزگە ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۆزىمىز ئىزدىنىشتىن، ئ‍ۆز ئالدىمىزغا قارار چىقىرىشتىن قورقاتتۇق، چۈنكى ئۆز قارارىمىزغا مەسئۇل بولۇشقا كۆنمىگەنىدۇق.

– راستىمنى دېسەم، سىزگە قانداق مەسلىھەت بېرىشنى بىلمەيمەن، ئەگەر تىبابەتكە ئائىت سۇئال بولغان بولسا، ئۆزەمنىڭ بىلگەن دائىرەم بويىچە جاۋاب بېرەلەيمەن، بىلمىسەم قەيەردىن جاۋاب تېپىشنى بىلىشىم مۇمكىن. ئەمما، بۇ سۇئالغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرەلەيدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز. – دەپ سۆزۈمنى باشلىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نارازىلىق ھېسسىياتىنى كۆرۈۋاتاتتىم، ئۇنىڭ سەبىر چېكىدىن ئېشىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۆزۈمنى توختۇتۇپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ مەندىن ئېنىق جاۋابنى ئالماقچى بولسا كېرەك، ياكى مېنىڭ ئاق بىلەن قارىسى ئېنىق بولغان جاۋابنى بېرىشىمنى كۈتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە تەپەككۇرغا شۇنداق چەك چېگىرىسى ئېنىق ئايرىلغان جاۋابلار بەكىرەك ياقىدىكەن، ئەمما مەن چوڭ بولغان تەپەككۇر مۇھىتى ئۇنداق تەپەككۇرنى رەت قىلاتتى.

– بالام، يا ئۇنداق يا مۇنداق بولىدۇ دېگەن ئىش بولمايدۇ، ئىش دېگەننىڭ باشلىنىشى بولىدۇ، ئاخىرى بولىدۇ. نەتىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىسەن، ئەمما مۇتلەقلەشتۇرەلمەيسەن. شۇنداق بولسىكەن دەپ تۇرۇپ قىلىسەن، ئۇنداق بولماي قالسا شۇنىڭدىن تەجرىبە ئالىسەن، شۇنداق نەتىجىسىمۇ بولىدىكەن دەپ ئۆگۈنىۋالىسەن. ئۇنىڭغا ھېسسىياتىڭنى ئۆلچەم قىلىۋالساڭ قانداق بولىدۇ؟- دېگەنىدى دادام رەھمەتلىك ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قويلارغا ئوت ئالغىلى چىققاندا. ئۇ چاغلاردا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تۇلۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقتىم ئىدى. ئاتام بىلەن ئاپام قايتا يارىشىۋالغان، ئۈچىمىزنىڭ بىللە ياشىشى ئۈچۈن مېنى تۇرپانغا قايتا ئېلىپ كەتمەكچى بولىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.

– بالىنى خالىغاندا ئەكىلىپ قويۇپ، خالىغاندا ئېلىپ كېتىدىغان ئىش يوق. خالمۇرات ئۆزى قانداق ئويلايدۇ، ئۇنىڭدىن سوراپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇ قارارنى ئېلىشتىن بۇرۇن، خالمۇراتنىڭ ئۆزىنىڭ قارارىغا قاراش كېرەك- دەپ ئاچچىقلانغانىدى دادام رەھمەتلىك ئاتام – ئاپاملار بىلەن بىللە ئېچىلغان ئائىلە يىغىنىدا. دادام رەھمەتلىك دائىم ئائىلە يىغىنى ئاچاتتى، ھەممىزنىڭ پىكىرىنى ئالاتتى، گەرچە ئاخىرقى قارار يەنىلا دادام تەرىپىدىن چىقىرىلسىمۇ، چوڭىدىن كىچىكىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالاتتى.

– پىنسىيىگە چىقىپ، قىلىدىغان ئىشى يوق بىزنى باشقۇرۇپ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدۇ بۇ – دەپ چاقچاق قىلاتتى دادامغا رەھمەتلىك ئانام.

– ۋاي، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى كىچىك بولمايمەنمۇ، بۇ تاز خېلى ئەپلىكلا بىرنىمىدى، بويلىرى ئېگىز قاملاشقان،- دەپ سۆزىنى باشلايتتى ئانام رەھمەتلىك دادام بىلەن قانداق تونۇشۇپ توي قىلغانلىقىنى سۆزلەپ.

– بىر تال كىگىز بىلەنلا ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىقويدى، ئۇ چاغلاردا نەدە كېڭىر ئاشلىق بار دەيسىلە، شۇ مەلىدىكىلەرنى چاقىرىپلا، ئۇماچ بىلەنلا مېھمان قىلىدىغان. ھەمدۇل داداڭ قاسساپ ئىدى قارا، شۇ قوي سويمامدۇ بىزنى توي قىلىدۇ دەپ، ھەمدۇل قوي سۇيۇپ توي قىپتۇ دەپ ھەممىسى كەگەن،- دەپ ماختىنىپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى ئانام. ئۇرۇشتىن كېيىنكى نامراتچىلىق يىللىرىدا توي قىلغان دەيتتى، قاچانلاردا توي قىلغانلىقى ماڭا تازا ئايدىڭ ئەمەس. ئەمما ئۇلار بىر بىرىگە سادىق بولۇپ قانچە يىللارنى بىللە ئۆتكۈزدى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئوخشىمىغان يەرلەرگە پالاندى، دادام رەھمەتلىك كالا قوتىنىغا، ئانام رەھمەتلىك گۇڭشىنىڭ ئاشخانىسىغا.

– ۋاي، ئۇ ئاشخانىدا شۇ جوتاڭ چالىدىغانلا ئىش بار، باشقا نىمە قىلالايسە، يەيدىغان ھېچنىمە يوق، ھەممىسىنى سوۋىتقا قەرز قايتۇرمىز دەپ ئوما قىغاندىلا ئەكەتكەن. ھەممىمىز شۇ كۈزلۈك قۇناقنىڭ ئۇنى بىلەن چامغۇردا جوتاڭ قىلىپ يەيدىغان، ئۈستىگە قوينىڭ مېيىنى سېقويسا ھەجەپلا كاتتا تاماق بۇكەتمەي، شۇ قوينىڭ يېغىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان،- دەپ ئەسلەپ بېرەتتى ئانام رەھمەتلىك شۇ ۋاقىتلارنى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەشەمەتنى ياكى ئابروينى ھېس قىلالمايتتۇق، ھېس قىلىدىغىنىم ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي تۇيغۇلار، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت ئىدى. ئانام رەھمەتلىك دادام رەھمەتلىك بىلەن بەش بالىلىق بولغانىدىكەن.

– بەشنى تۇغدۇم، ئۈچى ئەي بولدى، مۇشۇ سېتنىيازنى تۇغقاندا قاپقارا كىچىكلا ئىدى، قوي مېيىنى ئاغزىسا سېقويسا شۇنى شوراپلا ياتىدىغان، بۇنىڭ ئاكىسى قىزىل چىقىپ چاچراپكەتكەن، ھەمدۇل داداڭ ئوغۇل نەۋرەم دەپ قولىدىن چۈشەمەي باققان، شۇ ھەمدۇل داداڭ ئەي قىقويغان ئاتاڭنى،- دەپ بېشىمنى سىلاپ، مېنى پىشانەمگە سۈيۈپ قۇياتتى ئانام. بەلكىم مېنىڭدىن شۇ ئ‍ۆلۈپ كەتكەن تۇنجى ئوغلىنىڭ سىماسىنى كۆرگەن، مېنىڭ ھىدىمدىن ئۇنى ھىدلىغاندەك ھېس قىلغان بولسا كېرەك.

ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ ئاجراشقانلىقى ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىنىمدىكى ھېسسىياتىمنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەيمەن. يۈرىكىم كۆپۈپ، مەيدەمگە پاتماي قالغاندەك ھېس قىلغانىدىم، مەيدەمنى تاتىلاپ يىرتىپ، يۈرىكىمنى قولۇمدا پەپىلەپ تەسەللىي بەرگۈم كەلگەنىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئانام رەھمەتلىك بىلەن دادام رەھمەتلىك مەن بىلەن مۇڭداشمىغان بولسا، مېنىڭ پىسخىكامدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ۋاقتىدا بايقىمىغان بولسا، ماڭا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلدۇرمىغان بولسا، بەلكىم مەن بۇ دۇنيادىن نەپرەتلىنىدىغان بىرىگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ ئاجراشقانلىقىنى ئاڭلىغان يات كىشىلەرنىڭ ماڭا قىلغان مۇئالىمىسى تامامەن ئۆزگەرگەن، ھېچكىم مېنىڭ ھسىسىياتىمنى ھېس قىلىشنى خالىمىغان، ھېچكىم ماڭا تەسەللىي بەرمىگەن، ئەكسىنچە مېنى بوزەك قىلىشقانىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئەر ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشى كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنداق ئائىلىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمىگەن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنى چەتكە قېقىش نورمال بىر ئىجتىمائىي رېئاكسىيە ئىدى.

– سىز ئاتىڭىز بىلەن ئاپىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىڭىز، ھەقىچان يولىنى بىلىسىز، شۇ سىزنى مەسلىھەت كۆرسىتەمدىكىن دەپ ئويلىغان،-دېدى چىرايلىق ئۇيغۇر چوكان جاۋابىمغا بولغان نارازىلىقىنى ماڭا چىرايلىق شەكىلدە ئەسكەرتىپ. بۇ قىزنىڭ ھىكايىسى ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ھىكايىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچار بولىۋاتقان قىسمەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يورۇتۇپ بېرەلەيتتى. شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھىكايىسىنى مۇشۇ قىزنىڭ پورتېرىتىغا مۇجەسسەملەپ بۇ كىتابقا يېزىشنى قارار قىلدىم.

– مەن ئادەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنداق بىر يەرلەرگە چىقىپ قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرمايمەن،- دەپ يەنە ئەسكەرتتى قىز ماڭا ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ.

– خالمۇرات، قارىسام ئاۋۇ بىرنىمىنىڭ چىقارغان نەرسىلىرىگە باش مالتىقىڭىزنى چىقىرىپ كېتىپسىز، ئۇنىڭدىن دىققەت قىلىڭ. مەكتەپكە بېرىپ چەتئەللىك بالىلار بىلەن قالايمىقان ئ‍ويناپ يۈرگەن. ئۇنىڭ نامى ياخشى ئەمەس، يۇۋاش بىر بالىنى ئالداپ تېگىۋالدى، بىر ئۆيگە كىرمەيلا تۇغقان، ھەنىم بولسا بالىسى چەتئەللىكنىڭ چىقمىدى. – دەپ مېنى ئەسكەرتتى بىر ياخشى نىيەتلىك ئاچاش. ئۇنداق ئەسكەرتىشلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم، بەزىدە بىرەرسىنىڭ خىتاينىڭ ئادىمى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە گۇمانلىرىنى ماڭا ئىزھار قىلسا، قانداقتۇر بىرىنىڭ قاچانلاردا قانداق بىر ئىشلارنى قىلىپ سالغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ، ئۇنداق ئادەملەردىن يىراق تۇرۇشقا ئەسكەرتەتتى. ئۇلارنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ نۇقسانى بولۇشى مۇمكىن، ھەرقانداق كىشى گۇناھلاردىن مۇستەسنا ئەمەس.

– خۇدايىمغا يۈرىكىڭدىن چىقىرىپ تۇرۇپ دۇئا قىلساڭ شۇ ئەڭ مۇھىم، مەن ساڭا دەپ شۇنداق دۇئا قىلىمەن. ئادەم دېگەن پاك پاكىز بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى تۆۋبە قىلىش، خاتالىقلىرىڭدىن تەجرىبە توپلاش. ئاپامنى بىر نىمە دېدى دەپلا خەقنى ئۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟ قارا كۆزلىرىنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى…- دەپ مېنى ئەرز قىلىپ بالىسىنى سۆرەپ كىرگەن قوشنىمىزنىڭ ئالدىدا مېنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ ماڭا نەسىھەت قىلغانىدى ئانام. ماڭا قاتتىق نەسىھەت قىلىپ، مېنى دۈشكەرلىمىگىنىگە نارازى بولغان قوشنىمىز.

– قاناق دىگەن گەپ بۇ، قاراپباقسىلىرى يۈزلىرىنى قىقويغىننى، ئاران تۇغۇپ چوڭ قىغان مەن، تاشلاپ قويغان بالا ئەمەس، خەقنىڭ تىرىك يېتىمىگە بوزەك بولىدىغانغا،- دەپ ئانامغا دوق قىلدى ئۇنىڭ ئاپىسى.

– ماڭە، چىقە ئۆيدىن، بېرىپ قېيناتاڭنى باشلاپ كەل، قانداق دېگەن قائىدىسىز نىمە سەن؟ مېنىڭ بالامنى تىرىك يىتىم دەيدىغانغا قانداق پېتىندىڭ! يوقال، سەندەك نىمە بىلەن دولىيلىشىدىغان تەيلو يوق بۇيەردە، قېيناتاڭنى باشلاپ كەل، تەربىيە كۆرمىگەن!- دەپ ۋارقىراپ چىققانىدى دادام ياش چوكاننىڭ ئانامنىڭ ئالدىدا مېنى <تىرىك يىتىم> دېيىشىنى ئاڭلاپ چىداپ بۇلالماي.

– ھېچكىمنى بوزەك قىلما، سېنى مۇشۇنداق بوزەك قىلىمەن دەيدىغانلار بولسا قورقماي بېشىنى يېرىۋەت، ئۆزەم دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىمەن. قانداق دېگەن بولمىغۇر قائىدىسىز خەق بۇ!- دەپ ۋارقىراپ كەتكەنىدى دادام. كېيىنچە دادامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىگە پۇشايمەنمۇ قىلدۇرۇپ قويغانىدىم. ئەمما مېنى خەققە بوزەك بولماي، ھەقتە چىك تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ چوڭ قىلغانىدى دادام.

– باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىل، ئەدەپنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى كۆرسەت. ئەمما، سېنى بوزەك قىلماقچى بولسا، ياكى سېنىڭ ئالدىڭدا باشقىلارنى بوزەك قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا ياق دىيەلەيدىغان جۈرئىتنىڭ بولسۇن. بوزەك قىلما، ئەڭ مۇھىمى ھەرگىز بوزەك بولما،- دەپ نەسىھەت قىلغانىدى شۇنداق ۋاقىتلاردا دادام. مەيلى تەنتەكلىكتە قانداق ئىشلارنى قىلغان بولسۇن، بىر ئۇيغۇر بالىسىنى ئاپىسى ياكى قېيىن ئاپىسى يوق بىر ياقا يۇرتتا يالغۇز تۇغقان، ئۇنى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلىۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئارقىدىن قىلىنغان بۇنداق گەپلەر مېنىڭ ئوغامنى قايناتقانىدى.

– ئاچا، ئۇ قىز بىلەن ئاراڭلاردا قانداق ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما سىزنى ئۆز ئاچامدەك كۆرىمەن. ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ماڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىسىز. ئەمما، مېنى دەپ ئۇ قىزنىڭ ئۆتمۈشىنى دەپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىشىڭىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. مەيلى ئۇ كىملەر بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلغان بولسۇن، ئۇ بىر ئۇيغۇر ئانا، ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر بالىسى تۇغىدى، مەيلى ئاتىسى كىم بولسۇن، ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى ئۇيغۇر بولىدۇ. ئۆمرىدە خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن كىم بار، ئۇنى مايماق، بۇنى چاپاق، ئۇنى سۇيۇق، بۇنى بۇزۇق دېسەك، بۇ مىللەتنىڭ ئادەملىرىنى تاسقاپ ئازلىتىشقا ھېچ قۇربىتىمىز يوق. مەيلى ئۆتمۈشىمىز نىمە بولسۇن، ئالىمىمىز بىلەن زالىمىمىز ئوخشاش كۈننى كۆرىۋاتىمىز. مەيلى قانچە ئەجنەبىيگە خوتۇن ياكى ئاشنا بولغان بولسۇن، ئۇيغۇرلا بولىدىكەن ئوخشاش كۈننى كۆرىۋاتىدۇ، بىز مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما بىرلىكتە ھەركەت قىلالىساق بىز كۈچلۈك بولىمىز، ھەممىز ساق قالىمىز. – دەپ رەددىيە بەردىم مەن ئۈچۈن ناتىۋان بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكچى بولغان بىرىگە. بىزدە بىر بىرىمىزگە بولغان ھىسداشلىق بولمىسا، ياردەم بولمىسا، بىزدە ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىش بولمايدۇ. بىرلىشىش ھەرگىزمۇ تەشكىللىنىش ئەمەس، ئورتاق سىياسىي قاراشتا بولۇش ئەمەس، بەلكى ئىستىخيلىك ھالدا ھەممىزنىڭ ئۆز ئىقتىدار ۋە ئىشەنچىمىز بىلەن ئورتاق مىللىي مەنپەئەتىمىزگە تۆھبە قوشۇشىمىزدا، بۇنىڭ ئىلگىرىكى تارىخ ياكى شەخسىي تۇرمۇش بىلەن چەكلەنمەسلىكى ياكى ئ‍ۆلچەنمەسلىكى كېرەك. يۇقىرىدىكىگە ئوخشىغان سەۋەبلەر بىلەن مېنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشىمنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتەتتى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار. ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرنى تاسقايدىغان نە قۇمى نە شېغىلى قالغانىدى.

– مەن سىزنىڭ ۋە دادىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، يېتەرلىك ئۇچۇر بولمىسا مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆز ئەھۋالىڭىزنى سىز ئەڭ ياخشى بىلىسىز. مەن سىزگە ھەركەت قىلسىڭىز دادىڭىزنى چوقۇم قويىۋېتىدۇ دىيەلمەيمەن،- دەپ يەنە تىلىمنى چاينىدىم ئۇنىڭ نەزىرىدە. بىلىمەن، ھېچكىمگە يالغان ئۈمۈت بەرگۈم يوق.

– دادامنى ئەكىرىپ كەتكىلى شۇ ئىككى يىل بولغان، ھازىر ئاڭلىسام كېسىپتۇ دەيدۇ، قانچە يىللىق كەستى بىلمەيمەن. مەن باشتىلا چىقىپ گەپ قىلغان بولسام، گۇۋاھلىق بەرگەن بولسام بەلكىم ئۇنداق قىلماس بولغىيتتى، دادام ئۈچۈن ھېچ قىلىپ بېرەلمىدىم. ئاپام بىلەن ئاچامنىمۇ ئېلىپ كەتمىسۇن دەپ قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ ئۈندىداردا مېنى جىم تۇر، ھەممە ئىش ياخشى دەپ تۇرىدۇ،- دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى ئۇيغۇر چوكان. شۇ تۇرقى كۆز ئالدىمدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرغان قىز خۇددىي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پورتېرىتىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ھەشەمەتسىز، ئەمما چىرايلىق كىيىنگەن، قويۇق ئەمەس، ئەمما لايىقىدا گىرىم قىلغان. مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما يېقىشلىق. ئۇيغۇرلار دەل كۆز ئالدىمدىكى مۇشۇ قىزغا ئوخشايتتى، قولى سۇنسا يەڭنىڭ ئىچىدە، يۈرىكىدە قانچىلىك ئازاپ بولسۇن، يەنىلا يۈزىدە يالغان كۈلكە. چۈنكى بۇ مىللەت ھاياتلىقنى سۈيىدىغان مىللەت، ئاكتىپ قارشىلىققا پېتىنالمىسىمۇ، پاسسىپ سۈكۈتتىمۇ ئ‍ۆزىنى تاشلىۋەتمەيدىغان مىللەت. ھېچكىمنى ئەيىپلىگۈم يوق، چۈنكى مەنمۇ شۇنداق سۈكۈتتە 10 ئاينى ئۆتكۈزگەنىدىم. شۇ چاغلاردا مېنى توختاتقىنىمۇ دەل شۇنداق قورقۇنچ ئىدى. ئاتامنىڭ ماڭا:

– ئوغلۇم، ئاناش چوڭ بوپ قالدى، ئاناشقا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن يالغۇز ئوغلى، شۇ ئاناشنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋالغاندىن كېيىن، مەيلى سىز نىمىلا قىلسىڭىز.- دەپ ماڭا يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدا نەسىھەت قىلىشى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە.

– ئاناش تۈگەپ كەتتى، سىزگە دەپ قۇياي دېگەن، ئەتە يەرلىككە قۇيىمىز،- دەپ سۆزنى قىسقىلا قىلغان ئىدى بالىلىقتىكى دوستۇم، ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ تەۋەككۇل قىلىپ مەن بىلەن ئۇچۇرلشىپ بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈرلۈك دوستلۇق قەرزى بولغانىدىم. <مەن ئورۇق ئاۋۇ سېمىز> دەپ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ئالدىغا بىر بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ ماڭا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىدىكى جاسارەت مېنى تەسىرلەندۈرگەنىدى.

– ئاتامنىمۇ تۇتىۋاپسىلەر، ئانامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، ئەتە يەرلىككە قويىدىكەن، ئاتامنىڭ ئانامنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرىشىگىمۇ يول قويمامسىلەر؟- دەپ سورىدىم تېلفۇندا ئاتاملار تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونغا مەسئۇل ساقچى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خادىمغا. ئۇلار سۆزۈمگە جاۋاب بەرمەيلا قويىۋەتتى، بەلكىم ئۇلارنىڭ يۈرىكىمۇ ئېچىشقان بولسا كېرەك. مېنى ئىلگىرى ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن ساقچىمۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ھېچ گەپ قىلماستىن ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئۇلار ئاتامنىڭ يالغۇز ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، بەلكىم شۇ چاغدا ئۇلارمۇ ئۆز كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلغان، ئاتام بىلەن ئاپام پالانغان شۇ جازا لاگېرلىرىدىن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداشنى بىرىنچى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇردىكى ئائىلە قارىشى ئۇيغۇرنىڭ شۇ چاغقىچە سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. مەن شۇلارنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئىدىم.

– سىزچە ئەمدى گۇۋاھلىق ۋىدىئوسى بەرسەم قانداق بولا؟- دەپ ماڭا قارىدى ئالدىمدا يېشىل چاي ئىچىپ ئولتۇرغان چىرايلىق ئۇيغۇر چوكان. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم، ئۇيغۇرغا خاس ئەندىكىش بىلەن، بۇ قىز بىلەن بىللە ئولتۇرغانلىقىمنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانىدىم. بىرەر چەتئەللىك بىلەن بىللە ئولتۇرغان بولسام بۇنداق ئەندىكىش بەلكىم مەندە بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا ئەر ئاياللار ئارىسىدا نورمال بىر دىئالوگنىڭ بولۇشى خۇددىي مۇمكىن بولمايدىغاندەك، نىكاھ مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەر بىلەن ئايال بىر يەردە بىللە قەھۋە ياكى چاي ئىچىپ ئولتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر مەخپىي ئىشلار باردەك گۇمان قىلىدىغان، شۇ گۇمانلار ئاساسىدا تارقىلىدىغان غەيۋەتلەر، شۇ غەيۋەتلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بۇزغۇنچىلىقى بىزنىڭ ئ‍ۆز مىللىتىمىز ئەزالىرى بىلەن ئايرىم مۇڭدىشىش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلغانىدى. بۇنداق ئەھۋاللار تۈركىيىدە ئېغىر بولسىمۇ، ياۋرۇپادىمۇ ئ‍وخشاش بار ئىدى. بىر ياۋرۇپالىق بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا قارىغاندا، بىر ئۇيغۇر بىلەن ئايرىم بىللە ئولتۇرۇش بەكىرەك خەتەرلىك ئىدى.

ئاپام بىلەن ئاتامنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ يالغۇز ھېچ ئىش قىلالمدىغانلىقىمنى 2017-يىلى ھېس قىلغانىدىم. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، مېدىياغا ۋە ھۆكۈمەتكە باردىم، ھېچكىم مېنىڭ ھىكايەمگە ئىشەنمىدى، چۈنكى مەندىن باشقا بىرى ئۇنداق ئىشقا دۇچار بولغانلىقىنى ئېيتمىغانىدى.

– ھاررى ئەپەندى، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى نىمىشقا ئۇنداق لاگېرغا ئېلىپ كېتىدۇ؟ ئۇلار بىرەر قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شوغۇللانغانمىدى؟ ياكى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانمۇ؟ سىز مىڭلىغان، ھەتتا ئون مىڭلىغان ئادەم تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەيسىز، ئەمما بۇنداق ئەھۋالنى تىلغا ئالغان سىزدىن باشقا ئادەم يوق. بىز ئېنىقلاپ باقايلى،- دەپ مېنى بىر ئىستاكان قەھۋا بىلەن گوللاپ يولغا سالغانىدى. شۇ چاغلاردا مېنىڭ يالغۇز بۇ ئىشنى دۇنياغا تۇنۇتۇش مۇمكىنچىلىكىمنىڭ بەك كىچىكلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. ئەمما چىقىپ قېرىنداشلارغا ئوچۇق ئاشكارە مۇراجىئەت قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم. چۈنكى ئاتام ئانامنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشنى ئەڭ ئاخىرقى ئارمانى قىلغانىدى.

– ئاناشنى دەپنە قىلدۇق، ئاتاشلار كىلەلمىدى، ئالدىراشكەن،- دەپ ئۇچۇر يەتكۈزدى دوستۇم. بۇنى ئاڭلاپ ئالدىمدىكى قارىغاينى مۇشتلاپ بارماقلىرىمنى قانىتىۋالدىم، ۋارقىرىدىم، ۋارقىراپ ھارغاندىن كېيىن يەرگە تىزلىنىپ، بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئىلاجىسىز يىغلىدىم. سول قولۇمدا ئوڭ قۇلۇمنىڭ جەينىكىنى تىرەپ تۇرۇپ، ئوڭ ئالقىنىمدا پىشانىمنى باش بارمىقىم بىلەن تۆت بارمىقىم ئارىسىغا ئېلىپ چىڭ سىقىملاپ تۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. كەيپىياتىمنى ھەركەت بىلەن تەڭشەش ئۈچۈن ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى ئورمانغا كىرىپ مېڭىپ كېلىشكە چىققانىدىم. پۇتلىرىمنىڭ جىسمىمنى سۆرۈپ ئېلىپ كېتىشكە ماغدۇرى يوق ئىدى.

– ساڭا بىر ئىش بولمىغاندۇ؟- دەپ يېنىمغا كەلدى بىرى قار تېيلىپ كېتىۋېتىپ مېنىڭ ۋارقىرىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، ياندىكى قار تېيلىش يولىدىن پىيادىلەر يولىغا كېلىپ. ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدىم، ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلغانلىقىم، ئاتامنىڭ ئانامنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭ جىم تۇرۇشىمنى جېكىلەشلىرى، مېنىڭ ئانامنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالماسلىقىم، ئاتامنىڭ ئانامنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلالماسلىقى ماڭا بەك ئېغىر كەلگەنىدى. سۈكۈتنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگىنى ئانامنىڭ تاۋۇتىنىڭ ياتلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ، يانۋاردىكى سوغۇق گۆرگە ياتلار تەرىپىدىن كۆمۈلىشى ئىدى. ئەڭ ئېغىر كەلگىنى مېنىڭ سۈكۈتۈمنىڭ بۇنداق بىر نەتىجە بېرىشى، تەغدىرنىڭ ماڭا مەسخىرىلىك بېقىشى ئىدى. شۇنداق، تەغدىر قارشىلىقسىز سۈكۈتتە ياشاشنى تاللىغان بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ جۇغلانمىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە شۇنداق مەسخىرىلىك بېقىۋاتقاندەك قىلاتتى. ياق، ئۇ مەسخىرىلىك ئەمەس، بەلكى ئېچىنىش بىلەن بېقىۋاتقانىدى.

– مەن ئەسلىدە سىلەرگە ياخشى بىر كەلگۈسىنى پۈككەنىدىم، ئەمما ئۇ سىلەرنىڭ سۈكۈتىڭلار بىلەن باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىدىغان بولدى،- دەپ پىچىرلىغاندەك قىلدى تەغدىر قۇلاق تۇۋىمدە.

– دوختۇر چاقىرايمۇ؟ قولۇڭ قاناپ كېتىپتۇ؟ پەلىيىڭدە قان تۇرىدۇ،- دېدى يېنىمغا كەلگەن سۈزۈك چىراي فىن قىزى. كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى قۇرۇتۇپ تاكى ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنغىچە ئۇ يېنىمدا تۇرۇپ، دۈمبەمگە ئۇرۇپ ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتقانىدى. ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ، قايتىدىن روھلانغاندەك بولۇپ، قارلارنى غۇچۇرلىتىپ دەسسەپ ئۆيۈمگە قاراپ كېتىپ قالدىم.

– ئەمدى تەغدىرگە سۈكۈت بىلەن جاۋاب قىلمايمەن،- دېدىم ئۆزەمگە ئاۋازلىق قىلىپ. ئۆزەم بىلەن شۇنداق مۇڭدىشاتتىم بەزىدە، بۇ ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا لۈكچۈندىن تەكلىماكانغا كىرىپ كېتىپ چۆلدە قانچە كۈنلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمدىن قالغان ئادىتىم ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسان شۇنداق ئىنسانلار توپى ئارىسىدا ياشىسىمۇ، ماھىيەتتە چۆلدە يالغۇز قالغاندەك ياشايدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ چۆللەرنى كېسىپ ئۆتكەن، كەڭرى يايلاقلاردىكى يالغۇز تەپەككۇرغا كۆنگەن ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنداق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر دەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى يالغۇزلۇقنى ھەقىقىي ھېس قىلالىغان ئىنسانلارلا شۇنداق يالغۇزلۇقتىن شەكىللەنگەن ئىتتىپاقنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشىنەلەيدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە ئۇنچە مۇرەككەپلەشتۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى روھىيەتتىكى يالغۇزلارنىڭ ئۇرۇلىشى، ھېس تۇيغۇلىرىنى ئالماشتۇرىشى، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە يېشىمىگە بولغان تەپەككۇرىنى ئورتاقلىشىشى خالاس. قانداقتۇر ئالىيلىق ياكى پەسلىك، قانداقتۇر يۇقىرىلىق ياكى تۆۋەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.

– مېنى ھېچ ئىش قىلمىدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەن ئۆزەمنى ئاشكارىلىمىغان بىلەن، ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى بېتىمدە تارقىتىپ تۇرىمەن. يەرلىك تىلنى بەك ياخشى بىلىمەن، شۇ ئەتراپىمدىكى يەرلىكلەرگە ئاڭلىتىپ تۇرىمەن،- دېدى ئالدىمدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر چوكان مېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق يول كۆرسىتىشىمنى قانداقتۇر ئۇنىڭ ئىش قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى بىلەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئۆلچەپ ھۆكۈم قىلىشىمدىن ئەندىشە قىلغاندەك. يەنىلا شۇ راست گەپ، قانداق قىلىشنى ياكى قىلىش قىلماسلىق ھەققىدىكى قارارنى ھەممە ئادەم ئۆزى بېرىشى كېرەك. ئەمما، مېنىڭ ئويلايدىغىنىم، مەن گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىر ئىندىۋىدۇئالغا چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، چۈنكى بىر ئورتاق ھالاتتە ھەممىز، ياكى كۆپىمىز شۇنداق قىلغىنىمىزدا، مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەنى ھۆججەتلەشتۇرالىگىنىمىزدە، ياكى ھۆججەتلەشتۈرىۋاتقانلارنى شۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلىگىنىمىزدە بىر ئۆزگۈرۈشنى ھاسىل قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما يەككە بىرىنىڭ يالغۇز قىلغان ھەركىتىنىڭ ئۇنداق بىر چوڭ ئۈنۈم يارىتىشى تەس ئىدى. مەن قانچە يۈز پارچە ئېلخەت يازدىم، ئاتا ئانامنىڭ پاجىئەسىنى قانچە مىڭ پارچە تىۋىتتىر قىلىپ تارقاتتىم، قانچە يۈز ۋىدىئو ئىشلىدىم، قانچە ئونلىغان سىياسەتچىلەر بىلەن سۆزلەشتىم، قانچىلىغان پائالىيەتلەرگە جازا لاگېرى تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى سۈپىتىدە بېرىپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇم. بۇ بىر قېتىم ۋىدىئو چىقىرىپ نەتىجىسىنى دەرھال كۆرىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق كۈرەش جەريانى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ بىر قانچە ئادەمنىڭ ئەمەس، ھازىرقى پاجىئەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەركىمنىڭ بىر ئاددىي ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلىقى ئىدى. ئۆز ئائىلىسىگە ئىگە چىقىش مەدھىيلىنىدىغان قەھرىمانلىق ئەمەس، بەلكى بارلىق نورمال ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر ئىنسانلىق خاراكتېرى بولۇشى كېرەك ئىدى.

ئۇيغۇرلار شۇنداق مۇڭداشلار ئىزدەيتتى، ئۇلارنى غاۋىي ئوبرازلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلاتتى. شۇڭلاشقا تورلارغا ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان كۈندىلىك ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن رەسىملىرى بار كىشىلەر، ياكى شۇنىڭدەك ۋىدىئولاردا سۆزلىگەن كىشىلەرنى شۇنداق مۇڭداش بىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ قالاتتى. مېنىڭ ۋىدىئورىلىم سەۋەبلىك بولسا كېرەك، كىشىلەر مېنى شۇ ۋىدىئولاردىكى كىشى، ئۆزى كۆرگەن بىرى دەپ ئويلاپ، ماڭا يېقىنچىلىق قىلاتتى، مەن ئەلۋەتتە خۇش بولىمەن. يارىتىلغان بۇنداق بىر ئوبراز مېنىڭ كىشىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلىشىمغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى.

– ئادەم بىردەملىك ھېسسىياتى ئۈچۈن دۇنيانى قۇربان قىلىۋېتىدىكەن،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ تېلفۇندا، ئۇنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقىنى ئاۋازىدىن ھېس قىلىپ بىلەلەيتتىم. ئۇيغۇرلاردا ھاراق ئىچىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا بولغان قاراش ياخشى بولمىسىمۇ، ياۋرۇپادا بۇنىڭدەك ئەھۋاللار خېلى كۆپ كۆرۈلەتتى.

ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە كۆچمەن بولغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى توي قىلىش يېشىدىكى ياشلار بولۇپ، تورلاردا، مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ۋە تىل مەكتەپلىرىدە تونۇشۇپ تېز توي قىلىشقانلار ئىدى. يېڭى باشلانغان مۇساپىرچىلىق بۇ بىر ئەۋلات ئۇيغۇرلارنىڭ تېز ئائىلە قۇرۇشىغا سەۋەب بولغان بولسا، يەنە شۇ مۇساپىرچىلىق، مەدەنىيەت توقۇنۇشى ۋە كۆنۈش باسقۇچلىرىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئىندىۋىدۇئالنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبى ھەرخىل بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇساپىرچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى يالغۇزلۇق، ياتسىراش، يات مەدەنىيەت مۇھىتىدىن خىرىس ھېس قىلىشلاردىن شەكىللەنگەن مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىدا شۇنداق بىر <راھەت رايۇن> غا ئېرىشىش ئارزۇسىدا تېز چىقىشىپ، تېز توي قىلغان، تېز بالىلىق بولغان ياشلار، ماسلىشىش باسقۇچى ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋرۇپانىڭ مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن، ئائىلە ۋە مۇھەببەتكە بولغان قاراشلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈش، شەرقلىقلەرگە خاس ئائىلە ۋە مۇناسىۋەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈر بەرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى لاگېر پاجىئەسىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇرلاردا روھىي يىتىملىك تۇيغۇلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېرىلىشىغا گۈنگۈرت بولماقتا ئىدى.

 تۇرۇپكىنىڭ كارشىسىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ماڭا بۇ گەپلەرنى دەپ بېرىشىنىڭ ئىچىگە توشۇپ كەتكەن ئۇۋالچىلىقلارنى تۆكۈش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۆزى بىلەن ئوخشاش تىللىق بىرىگە بۇ سىرلىرىنى ئېيتىشى ئۈچۈن كۆپ جۈرئەت كېتەتتى. جازا لاگېرلىرى باشلانغاندىن كېيىن، ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقە ئ‍ۈزۈلىشى بىلەن، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسرار ئىزدەيدىغان، بىر بىرىگە ھېچ بولمىسا روھىي جەھەتتىن يار يۆلەك بولۇشنى خالايدىغان بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دۇنيا قاراشلار، قىممەت قاراشلار ۋە ھۆكۈم قىلىشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئ‍ۆز ئارا ھېسداشلىق كەمچىل بولىۋاتقانىدى. روھىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ئېغىرلاشقانسېرى، ئۇيغۇرسىراش، ئەمما ئۇيغۇر بىلەن بىر يەرگە كەلسە ھەزەر ئەيلەش پىسخىكىسى ئېغىرلاشماقتا.

– مېنىڭ ئارقىمدىن گەپ تاپسا تېپىۋەرسۇن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن چاتىقىم يوق، – دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى تېلفۇننىڭ قارشىسىدىكى ئاۋاز، ئۇ چارچىغان بىر ئانا ئىدى. ئەمما ھازىرقىدەك يالغۇز قېلىشىدىكى سەۋەبنى ھېچقاچان ئۆزىدىن كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقاچان ئۆزىنى شۇلارنىڭ سەۋەبچىسى دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ يولدىشىنىڭ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بارلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ قەدرىنى قىلماي، ئەكسىنچە ئۇنىڭ جىسمىغا قىزىققۇچىلارغا قۇل بولغانلىقىنى ئەرلەرنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن كۆرەتتى.

– ئوھھو، قاراڭلا، مەن تىندىردا كىمنى كۆرۈپ قالدىم؟ دۇنيا مۇشۇنداق بولۇپ كەتتىما ھەي باللا، – دەپ تېلفۇنىدا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ رەسىمىنى بىزگە كۆرسىتىشكە ئۈلگۈردى ئارىمىزدىكى بىرى. تىندىر لايىق ياكى تېز مۇناسىۋەت ئوبيېكتى ئىزدەيدىغان تور سۇپىسى ئىدى، ئۇنىڭ بۇنداق بىر سۇپىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

– ئاداش، بىز نىمە ئويدا، سەن نىمە كويدا؟ – دەپ ئەسرايىدىل تەلەپپۇزدە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ باشلانغان بىر جۈملىنىڭ كەينىدىن:

– ئەكىلە مەنمۇ كۆرۈپ باقاي؟ ئوھھو، ئېرى بارغۇ بۇ قىزنىڭ؟ – دەپ ھەزىل تەلەپپۇزغا يۆتكەلدى ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى. ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ خىل ئادەت ئۇيغۇرنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ شۇنچە بېسىملاردىمۇ يەنىلا كۈلىدىغان سەۋەب تاپالىشىغا، شۇنچە قايغۇلۇق كۈنلەردىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشىيەلىشىگە ئەڭ چوڭ سەۋەب ئىدى. ئۇيغۇرلار ھەممە ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇرالايتتى، شۇنداق چاقچاقلار بىلەن ئۆزىنى تەڭشىيەلەيتتى. ئۇيغۇردىكى بۇنداق بىر خاراكتېرغا ئۇيغۇرنى بىلىدىغانلارمۇ ھەيران بولاتتى، ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق كۈچىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ بىرىنى مۇشۇ خىل خاراكتېرى دەپ پەرەز قىلىشاتتى.

تىندىردا رەسىمى تېپىلغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ھەرگە ھەممە ئىنساندا ئوخشاش گۇناھلار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭكىنى ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭكىنى تېپىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدىكەن. بۇ خىل ئادەت ئۇيغۇرغا خاس ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەردىمۇ ئ‍وخشاش بولغان ئىنسانلىق خاراكتېرى ئىكەن. فىنلاندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خاراكتېر بار ئىدى، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما خاتالىقنى ئاۋۋال باشقىلاردىن ئىزدەيتتى.

– ئۇ قىزبالىغۇ تىندىردا باركەن، سەن ئۇيەردە نىمە قىلىسەن؟- دەپ سورىدىم ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى بىزگە كۆرسىتىپ سازايە قىلىۋاتقان ئۇ بالىغا. راستىمنى دېسەم، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھەرقانچە گۇناھكار بولسىمۇ بۇنداق سازايە قىلىنىشىنى خالىمايتتىم، نىمىلا دېگەن بىلەن ئاتا- ئانىسىدىن كىچىك ئايرىلغان مۇساپىرچىلىقتا چوڭ بولغان بىر ئەۋلات ئەمەسمۇ. بۇ بىر ئەۋلاتنىڭ كۆپى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆرمەيلە چەتئەلگە چىقىرىۋېتىلدى. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن قوقۇپ كەتكەن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە بولغۇسى قارا كۈنلەردە كەچكۈزنىڭ غازاڭلىرىدەك سۈپۈرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بىخەتەر دەپ ئويلاشقان دۆلەتلەرگە ھەرخىل يوللار بىلەن چىقىرىۋەتكەنىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆرمەيلا ئۆزى بىر مۇھاجىرلار جامائىتى شەكىللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ قالغان بۇ بىر ئەۋلاتنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم كۆپ ئىدى. ئۇلاردا ئەنئەنىۋىيلىككە قارىغاندا ياۋرۇپالىشىش ئېغىر ئىدى، مەيلى ئۇنى ھېس قىلسۇن، قىلمىسۇن. ئۇنى ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت توقۇنىشىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىدە تېڭىرقاشتا بولىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت ئىدى. شۇ قىزنىڭمۇ شۇنداق تېڭىرقاشلاردا ئۆزىنى قوبۇل قىلالمايدىغان ئۇيغۇر كىملىكىدىن قاچۇرۇشنى تاللىشى بەلكىم ئۇنىڭ كىملىك تېڭىرقىشىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتە قىينالغانلىقىدىن، ياكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىنساننىڭ بىر خاتالىقى سەۋەبلىك ئۇ ھەققىدە توقۇلغان تۈرلۈك غەيۋەتلەر ۋە ئۇلاردىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي بېسىم ۋە مۇناسىۋەت بۇزۇلۇشلىرىدىن بولسا كېرەك.

– مەن دېگەن ئوغۇل بالىغۇ، ئۇ دېگەن قىز بالا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئېرى بار، بالىسى بار،- دەپ ئۆزىنىڭ ھەقلىقلىقىنى تەلەپپۇزىنى كۈچەيتىش، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئاسىيالىقلارغا خاس مۇنازىرە تاكتىكىسى بىلەن كۈچلەندۈرمەكتە ئىدى. راستىمنى دېسەم، بۇ ئىشلار ماڭا بەك ھار كەلدى. چۈنكى ئۇ قىزنى مەن تونۇيتتۇم، ئۇنىڭ قانداق دەردى بارلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قۇياتتىم، ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئۇنىڭ ئەخلاقىغا گۇمانىم بار ئىدى.

– بەك كۆپ ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇپ باقتىم، بۇنداق ئىشلارغا دۇچار بولىمەن دەپ ئويلاپ باقماقتىكەنمەن،- دەپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى. ئۇنىڭ ماڭا تېلفۇندا بۇ گەپلەرنى قىلىشىنىڭ ھاراقنىڭ كۈچىدىن بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇ بەلكىم ساق بولغان بولسا بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز تىلغا ئالماس بولغىيتتى.

– بۇ ھايات ئۆزەمنىڭ ھاياتى، قانداق ياشىغۇم كەلسە شۇنداق ياشايمەن، خەقلەرنىڭ نىمە كارى؟ بىز نىمىشقا ياۋرۇپالىقلاردەك ياشىيالمايمىز؟ بۇ گەپلەردىن بېشىمغا ياغلىق ئارتىپلا قۇتۇلايمىكىن دەپ ئويلايمەن بەزىدە،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ ئۇۋالچىلىقلار چىدىمىغانلىقىنى ماڭا ئەسكەرتىپ. ئۇ راستىملا ئۇۋالچىلىقلارغا قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ھەممىز شۇنداق ئىدۇق. بىز بىربىرىمىزگە ھېسداشلىق قىلىش ئورنىغا، بىربىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە تىرىشتۇق، ئۆزمىزنىڭ شۇنچە كۆپ گۇناھلىرى تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئىزدىدۇق، ئۇلارنىڭ سەۋەبلىكلىرىنى تېپىۋالساق، ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىدەك تەسۋىرلەشكە تىرىشتۇق. شۇنداق قىلساق بەلكىم ئۆزىمىزنى پاك ھېس قىلىپ قېلىشىمىز، ئۆزىمىز تەسەللىي تېپىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.

– بۇ گۇۋاھلىق بەرگەننىڭ نىمىگە پايدىسى باركەن؟ چىقىپ نامايىش قىلىپ باقتۇق، مۇخبىرلار زىيارەت قىلىپ باقتى، بىرەر ئۆزگىرىش بولمىدىغۇ خالمۇراتجان ئۇكام، قانداق بولىۋاتىدۇ؟- دەپ مۇغەمبەرلىك ئارىلاش تەلەپپۇزدا سورايتتى مەندىن بەزى كىشىلەر. ئىشلارنىڭ ئاسانلا نەتىجە بېرىشىنى، يولنىڭ قىسقىسىنى تاللاش بىزگە سىڭىپ كەتكەنىدى. باشقىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۆزىمىزنى ياخشى ھېس قىلىشنىڭ ئەڭ قىسقا مۇساپىسى بولسا كېرەك، شۇڭلاشقىمۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلىقاتتۇق.

– مەن قانداق بولغاندا بۇ ئىشلارنىڭ توختايدىغانلىقىنى، سىزنىڭ تۇغقانلىرىڭىزنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىلىدىغىنىم، سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، پاسسىق بولماسلىقىمىز، ھەركەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى،- دەپ قېلىپلىشىپ قالغان جاۋابىمنى بېرەتتىم شۇنداق سورىغانلارغا.

– ئاشۇ پايدا قىلىدىغان ئىشنى دەڭلا ئۇكام، شۇنى بىر قىلىنى، مەيلى نىمە كەتسە،- دەپ قايتا ئىشتىرەتتى ماڭا قارار قىلىش مەجبۇرىيىتىنى، ئەمەلىيەتتە قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، مېنىڭ بىلىدىغىنىم ھەركەت قىلىشىمىز، قارشىلىق قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى قارشىلىقسىز ھېچقاچان غالىپ بولالمايمىز، مەنچە بۇ مەن بىلىدىغان ئەڭ قىسقا يول، ئەڭ پايدا قىلىدىغان يول ئىدى. ئەمما بۇنداق بىر ئىدىيىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش بەك تەس بولىۋاتقانىدى. شۇنداق دەپدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرغۇم كېلىدۇ بەزىدە، ئەمما ئۇنداق قىلىپ ئۇلارنىمۇ، ئ‍ۆزەمنىمۇ ئالدىغۇم يوق. ئەگەر ئانالىز قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى، بۇ ۋەقەلەر چىقىشتىن بۇرۇنلا مۇتەخەسىسلەر بىزنى ئەسكەرتكەن، بۇنداق ئىشلارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتبىرلىرىنى بىزگە كۆرسەتكەنىدى. ھەرقانچە تېز ھىسابلايدىغان كومپىيۇتېر بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھىسابلاشقا كېرەكلىك ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلمىسە ئۇ ھىسابلىيالمايدۇ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ دەل شۇنداق، بىزدە ھىسابلاشقا كېرەك بولغان ئۇچۇرلار ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىشقا كېرەك بولىدىغان قوشۇمچە مەلۇماتلار يېتەرسىز ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى بىز ئۆزىمىز بىلگەن ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق بىر يەرگە ئېلىپ كېلەلىسەك، يەنە بىر قىسمىنى ئاشكارىلانغان ماتېرياللار، ۋەتەندىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلار ئاساسىدا تېپىش مۇمكىن. ئەمما، شۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولغاندىمۇ، نىمىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىز ناتايىن. چۈنكى ئۇنى ئانالىز قىلىدىغان ئەقىل ئاپپاراتى، يەنى ئىستىپارات ئانالىز سۇپىسى بىزدە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

– دادامغا گۇۋاھلىق بېرەيمىكىن دەي ئويلاۋاتىمەن، ئەممە ئۇنىڭ قانچىلىق پايدىسى بولا؟ – دەپ سورىدى گەپنىڭ تېمىسىنى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇنى قانچىلىك ئازاپلىغانلىقىدىن. ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر پاجىئەنىڭ قۇربانى بۇلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئارا ھېسداشلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى، قېرىنداشلىق ساداقىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇ مىللەتنى ئاجىزلاشتۇرىۋاتقان، پاسسىق قارشىلىقنى تاللىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىللىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن، جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك قورقۇنچلۇق خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار بىربىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشقا پېتنالمايدىغان بولۇپ قالغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە، ئۇيغۇرلار بىربىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشتا خۇددىي كىملىك تېڭىرقىشىدا بولغانغا ئوخشاشلا تېڭىرقىماقتا ئىدى.

– بۇ ئىشنىڭ بىر قىسقا يولى يوق، قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، قىلسىڭىز، چوقۇم ئاخرىغىچە چىداپ قىلىشىڭىز كېرەك. بارلىق ئۇسۇل چارىلەردىن پايدىلىنىپ ياخشى تۈزۈلگەن بىر ھەركەت ئىستىراتېگىيىسى ۋە پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىڭىز لازىم. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولسىڭىز، بەلكىم بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن. سىزگە روھلاندۇرۇش دورىسى بەرگىم يوق، قارارنى ئۆزىڭىز چىقىرىڭ،- دەپ جاۋاب بەردىم ئۇنىڭغا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان قېلىپلاشقان جاۋابىم بىلەن. مەن ئۆزەمنى سىياسەتچى ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىرى دېيىشىمدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب، مەن روھلاندۇرۇپ كىشىلەرنى ھەركەتلەندۈرۈشنى قىلالمايتتىم، توغرىسى ئۇنداق قىلغۇم كەلمەيتتى. ئۆزەم بىلمىگەن بىر نەتىجىنى ئۇلارغا نىشان قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ شۇ نىشانغا مېنىڭ قارارىم بىلەن مېڭىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەرگە كېيىنچە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ قېلىشتىن قورقاتتىم.

– ئەمما ھەممىمىز بىرلىكتە شۇنداق قىلالىساق، ھەممىز ھەركەت قىلساق بۇ رەزىللىكنى توختىتالايمىز، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئىگە چىققاندىلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلالىشىمىز مۇمكىن. دادىڭىزغا ئەگەر شۇيەردە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، بەلكىم بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا قېلىشىڭىز مۇمكىن،- دەپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم. چۈنكى مەن شۇنداق ئويلاردا بولۇپ باققان، ئاتامنىڭ ئېغىر دىئابىت كېسىلى بارلىقى سەۋەبلىك، ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمىگەن شۇ ۋاقىتلاردا ئاتامدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئاتامغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بەك ئازاپلانغانىدىم.

– مەسىلىلەرنى نىمىشقا مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىمىز؟ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئىشىم، بىر پەرزەنتلىك بۇرچۇم دەپ شۇنىلا ئويلىساق بولمامدۇ؟ يولسا كېتىپ بارغاندا دادىڭىزنى ئالدىغا كېلىپ بىرى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى ئۇرسا، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ قىز بالا بولۇشىڭىزغا قارىماي، دادىڭىزنى ئۇرغانغا ئېتىلىپ بېرىپ، ھېچ بولمىسا يۈزلىرىنى مورلايتتىڭىز، ياقىسىغا ئېسىلاتتىڭىز. ھازىر دادىڭىزغا قانداق ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ھازىرقى ھالىتىڭىز دادىڭىزنى بىرى ئۇرىۋاتسا، ئۇيەرگە دادىڭىزنى تاشلاپ قويۇپ قېچىپ كېتىپ، دەرەخنىڭ ئارقىغا ئۆتىۋېلىپ تاماشا كۆرگەنگە ئوخشاپ قالدى،- دەپ ئىچىمدە ئويلىغاننى يۈتىۋېتەلمەي ئۇنىڭغا دەپ سالدىم. ئادەتتە ئىنسانلارنى ئۇنداق ئىتتىرىپ تۇتۇپ گەپ قىلىشنى خالاپ كەتمەيتتىم، ئەمما شۇنىڭمۇ كىرەكلىكىنى ھېس قىلاتتىم. ئەپسۇس، تېلفۇننىڭ قارشى تەرىپىدىن تۈرلۈك چۈشەندۈرۈشلەر، تۈرلۈك ئانالىزلار، تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنداق بىر رېئاكسىيىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مېنىڭ تەپەككۇر شەكلىمنى قۇبۇل قىلسىكەن دېگەن تەمەدە بولمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايمەن، ھېچ بولمىغاندا مەن ئۈچۈن توغرا. بىلىدىغىنىم يەنىلا شۇ، پاسسىپلىق، قارشىلىق قىلماسلىق، سۈكۈت بىزنى ھېچ يەرگە ئېلىپ بارالمايدۇ. مەيلى توغرا بولسۇن، ياكى خاتا بولسۇن ھەركەت قىلىشقا پېتىنىشىمىز لازىم، شۇندىلا نىمىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ھەركەت جەريانىدا ئىلغاپ چىقالايمىز، تەجرىبىلەرنى يۈكۈنلىيەلەيمىز. بىزگە كېرەك بولغىنى بىر بىرىمىزنىڭ غۇبارسىز، پاك ۋە گۇناھسىز بولۇپ كۆرۈنىشىمىز ئەمەس، بەلكى ئۆز ئارا ھېسداشلىق، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى، زۇلمەتتە تۇرۇپ قولىنى ئۇزاتقانلارنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقىرىش. ئارىمىزدا ئالۋاستىلار كۆپ ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ ئېرەكسىزلىكىمىز، رەھىمسىزلىكىمىز، كەچۈرۈمسىزلىكىمىز ئۇلارنىڭ ئالۋاستى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. ھەربىر ئۇيغۇر يالغۇزلۇققا پالانغان، يۈرەكلىرى لەختا قان بولغان، ئۇنىڭغا چۇماق تىقىش ئەمەس، بەلكى ھەركىتىمىز ئارقىلىق بىر بىرىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز لازىم. ھايات ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا، ئۇنى قانداق ياشاش ھەركىمگە بىر ئىمتىھان. بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى بۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىگە بىر ئىمتىھان، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى قۇتۇلدۇرماسلىق قارارى ھەربىرىمىزدە، ئۇ قارار تىلدا ياكى دىلدا ئەمەس، بەلكى ھەركەتتە ئېلىنىدۇ.

2017-يىلى يوشۇرۇن قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە ئاپامنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئورنىغا ئاتامنىڭمۇ كىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشۇم مۇمكىن، بۇ مېنىڭ پىسخىكامغا ئېغىر زەربە ۋە يۈك بولماقتا ئىدى. نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم، كۆز ئالدىمدىكى يول فىنلاندىيىنىڭ زۇلمەت قىشتىكى قاراڭغۇ ئورمانلىرىدىكى يولدەك مۇشەققەتلىك بىلىنمەكتە ئىدى. قېلىن قارلارنى غىچىرلىتىپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئالدىمغا ماقماقتا ئىدىم، بۇ يولنىڭ مېنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئۈمۈتسىزلىك مېنى كۈچسىز ھېس قىلدۇرماقتا، قاراڭغۇ ئورماندا قېلىن قارلارنى كىيىۋالغان قارغايلار، بولۇتلۇق ئاسماندىكى يولتۇزسىز ۋە ئايسىز كېچە يۆنۈلۈشنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى مەندىن يوشۇرماقتا، سوغۇق ھاۋا نەپەسلىرىم بىلەن مەيدەمگە كىرىپ يۈرىكىمدىكى ئازاپ ۋە ئەندىشە ئوتىنى سوۋۇتۇشقا ئاجىزلىق قىلماقتا. بۇ خىل ھالەت مېنىڭلا ئەمەس، چەتئەلدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، ئائىلىسىدىكىلەر جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ئايلانغان مۇشۇ كۈنلەردە، سۈكۈت ۋە قارشىلىقسىز قېلىش بىزنىڭ ئىرادىمىزنى، شەرىپىمىزنى ۋە غورۇرىمىزنى تۇنجۇقتۇرماقتا. فىنلاندىيىلىك دوستلىرىم بىلەن يىغىلىشلاردا بولساممۇ قەلبىم خۇشاللىققا قاغچىرىماقتا ئىدى، ئىنسانغا نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلماقتا ئىدىم. ساياھەتكە چىقتىم، ماشىنامنى توختۇتۇپ رولنى ئالقىنىم بىلەن ئ‍ۇرۇپ، يېنىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ، كۈچسىز جىسمىمنى ماشىنا كابىنىدىن سۆرەپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىپ، مەيدەمگە ئۇرۇپ ئەلەملىك يىغلاپ كەتتىم. ئاپامنىڭ ۋە ئېغىر دىئابىت كېسىلى بار ئاتامنىڭ قانداق بىر يەرلەردە قانداق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئاپام شۇ نائېنىق جايدا سەككىز ئاي قالغانىدى، سەككىز ئاي ئاپامنىڭ نىمىلەرنى يىگەنلىكى، قانداق يەردە يېتىپ ئۇخلىغانلىقى، قانداق بىر دەشناملارغا، خورلىنىشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا پېتىنالمايتتىم. كىچىكىمدىن ئارتۇق گەپ قىلىشقا ھەزەر ئەيلەيدىغان ئاتامنىڭ قانداق كىشىلەرنىڭ قانداق ھۆرمەتسىزلىكلىرىگە، ھەتتا خورلاشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا پېتىنالمايتتىم. شۇنداق خىياللار كاللامغا كېلىپ قالسا ئاچچىقىمنى چىقىرىدىغان يەر يوق، ئۆزەمنى شۇ قەدەر كۈچسىز، شۇ قەدەر ئىلاجىسىز، شۇ قەدەر ئاجىز ھېس قىلىپ كېتەتتىم. ياراتقۇچۇمغا ئۆزەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى قورقۇنچ بىلەن دۇئالار قىلدىم، ماڭا بىر يورۇقلۇق كۆرسىتىشىنى، بىر مۆجىزىنىڭ بولۇشىنى تىلىدىم.

– ساڭا نىجاتلىق ۋە مۆجىزىنى بېرىپ بولغان، سەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرىسەن!- دېگەن سادانى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇنىڭ غەيىپتىن ياكى مېنىڭ باتىنىمدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ سادا بىر ھەقىقەتنى ماڭا ئەسلەتكەنىدى.

– ئەمدى بۇنداق قارشىلىقسىز قالمايمەن!- دەپ ئۆزەمگە قايتا خىتاپ قىلدىم. ئەمما، قانداق قارشىلىق قىلىشىم كېرەك؟ نىمە قىلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئاتام-ئاپامنى قۇتقۇزۇپ چىقالايمەن؟ مەن يوقىتىدىغاننى يوقۇتۇپ بولغانىدىم، ئاتا-ئاپىدىن باشقا ئارتۇق يوقىتىدىغان يەنە نىمە بار؟

قىزىم ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئارقىدىم ئېڭىشىپ ماڭاتتىم، ئۇنىڭ يېقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇ قانچىلىك ماڭسا شۇنچىلىك ئېڭىشىپ تۇراتتىم، بەللىرىم ئاغرىپ، پۇتلىرىم تېلىپ، بېشىم چىڭقىلىپ كېتەتتى، ئەمما ئۇلار ماڭا ھېچ ئىش ئەمەس، قىزىمنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن بۇرۇن ئۇنى تۇتىۋالسام، ئۇ يىقىلىپ ئۆزىنى ئاغرىتىۋالمىسا، دېگەن خىياللا مەن ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئىرادە ئىدى. ئاپاممۇ، ئاتاممۇ مېنى شۇنداق باققانىدى، مېنىڭ يىقىلىپ كېتىشىمنى كۆرگىنىدە خۇددىي مەن قىزىمنىڭ يىقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىكى ئازاپنى ھېس قىلغانىدىم. ئۇلار مېنى شۇنداق ياخشى كۆرگەن، مەن يىقىلىپ چۈشسەم ئۇلارنىڭ يۈرىكى يىقىلىپ چۈشكەندەك، مۇشتۇمدەك يۈرىكى مېنىڭ ھەربىر كىچىك مۇۋەپپەقىيىتىم ئۈچۈن خۇشال بولغان، ھەربىر كىچىك ئوڭۇشسىزلىقىم ئۈچۈن ئازاپلانغان. خۇددىي مېنىڭ ئۈچۈن سوقىۋاتقاندەكلا، خۇددىي مەن ئۇلارنىڭ يۈرىكىدەكلا. شۇڭلاشقىمىكىن، ئۇيغۇرلادا بالىسىنى يۈرىكىم دەپ چاقىرىش ئادىتى بار. مەنچۇ؟ مېنىڭ يۈرىكىممۇ ئۇلار ئۈچۈن شۇنداق سوقۇپ باقتىمۇ؟ مەن چەتئەلگە ماڭغاندا قىيالماسلىق تۇيغۇم بىلەن يېڭىلىقلارغا بولغان ئىنتىلىشىم تەڭپۇڭسىز بولغانىدى، ئۇلارغا قىيمىغانىدىم، ئەمما يېڭىلىققا بولغان ئىنتىلىش تېخىمۇ ۋەزىنلىك بولغان، ئىككىلەنمەستىن يۇرتنى، ئاتا-ئانامنى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە سەپەر قىلغانىدىم. ئاپام:

– بالام، قانداق كىتبارسىز؟ كىسەل بوقامىغانسىز؟ قۇرسىقىڭىزغا قانداق قىۋاتسىز؟ سىزغۇ تاماق قىلىشنى خېلى ئۆگۈنىۋالغان، قۇرسىقىڭىزنى قىينىماڭ جۇمۇ، كىسەل بوقاماڭ، ۋىتامىنلارنى ئېلىپ يەڭ ھە،- دەيتتى ھەر قېتىم مەن بىلەن تېلفۇنلاشقاندا. مەندىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، مېنىڭ يېنىمدا مېنىڭ ئىشلىرىمنى قىلىشىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەنسىزلىكىنى ھېس قىلاتتىم. ئانا دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، ئاپام بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تېلفۇن ئالاقىسىمۇ تېخى ئومۇملاشمىغان ۋاقىتلار ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئاتام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاپام بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقانىدى. پويىزدا باراتتى، پويىزدا كېلەتتى، ھەر قېتىم كەلگىنىدە مېنى رەھمەتلىك چوڭ ئاپامنىڭ ئوغلى ياكى نەۋرە ئىنىم دادام ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئالغىلى كېلەتتى. ئۇيغۇرلاردا ئاجراشقاندىن كېيىن ئىككى ئائىلىنىڭ چوڭلىرى ئارىسىدا ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدىغان ئادەت بولسا كېرەك، ئاتام بىلەن ئاجرىشىپ تۇرىۋاتقان ۋاقىتلاردا ئىككى ئائىلە ئارىسىدا مۇناسىۋەت تامامەن ئۈزۈلگەن، بىردىن بىر مۇناسىۋەت پەقەت مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىدى. ئاپامنى ھەر قېتىم كۆرگەندە ناتونۇش ھېس قىلىپ قالاتتىم، ئەمما ئاپامنى سېغىنىپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم ھېلىمۇ يادىمدا، بىر سەبىينىڭ قەلبىدىكى ئانا سېىغىنىشىنى ئىپادىلەش شەكلى شۇنداق بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا باشلىغانىدىم. بىر كۈنى شۇ خاتىرىلەرنىڭ بىر بېتىنى ئوقۇپ قالدىم:

– ئاپام بەك چىرايلىق، ئاپام بەك تاتلىق پۇرايدۇ، ئاپامنىڭ چېچى قوڭۇر، تېرىسى ئاپئاق. ئاپامنى بەك سېغىندىم، بۇگۈن ئاپامنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلدىم، ئاپامنى يەنە قاچان كۆرىمەن بىلمەيمەن. ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، يىغلىدى، ماڭا كۆرسەتمىدى.- دەپ يېزىپتىكەنمەن. شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى يېزىقتا ئىپادىلەپ، يېزىق بىلەن مۇڭدىشىپ، يېزىق بىلەن سىردىشىپ كەلگەنىكەنمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ساۋادىمنىڭ يېڭى چىققىنىغا قارىماي، شۇنداق مۇرەككەپ جۈملىلەرنى يېزىقتا ئىپادىلىيەلىگەنلىكىمدىن پەخىرلەنسەم، ئاپامغا بولغان سېغىنىشىمنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىن باشلانغانلىقىنى بىلىپ، شۇ چاغدىكى ئاپامغا بولغان سېغىنىشىمنى، ئەندىشەمنى قانداق ئىپادىلەشكە پېتىنالماي قالدىم. بەك جىق ئىشلارغا پېتىنالمايۋاتقانىدىم، ئۆزەمنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىشتىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدىم. بىر ئىرادىگە كەلگەن بولساممۇ، نىمە قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى بىلمەي تېڭىرقىماقتا ئىدىم.

– نىمە قىلىشنى بىلمىگەن ۋاقتىڭلاردا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزەڭلەرنىڭ قانداق بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار بىرىنچى قەدەم بولسۇن. ھەرگىز ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار ئالماڭلار، ئۆزەڭلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش سىلەردە قانداق ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى رەتلىشىڭلارنى، مۇھىتنىڭ قانداق بىر شارائىتتا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ،- دەپ ئۆتكەنىدى 2015-يىلى مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا. بىر دوختۇر قانداق بولۇپ مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىشلەپ قالىدۇ؟ بۇ بەك ئۇزۇن ھىكايە، شۇ ۋاقىتلاردا ياۋرۇپادا مۇساپىرلار كىرىزىسى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى، مۇساپىرلار ئارىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقى ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە مۈشكۈل خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. مۇساپىرلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئاشقۇنلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئايكۇسى (ئەقلى ئىقتىدارى) يۇقىرى بىر قىسىم خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياج تۇغۇلغان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا مەنمۇ شۇنداق بىر خىزمەتكە ئېرىشىشكە، شۇنداق مەشىقلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر بولغانىدىم. بۇنىڭ ئىستىخبارات بىلەن قانچىلىك ئالاقىسى بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىزنى پىسخىكىلىق تەربىيلەشلەر، ئالاقە قىلىش، ئۇچۇر يىغىش، مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن مۇھىم بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئانالىزى ۋە بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىك قاتارلىق كۇرسلارغا ئ‍ورۇنلاشتۇرغانىدى. بۇ ھەقتە كىتابىمدا قانچىلىك يازسام قانۇنلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن. شۇ ۋاقىتلاردا ئالغان تەربىيە، ھايات تەجىرىبەم ۋە مۇناسىۋەت تورۇم مېنىڭ ئاتام بىلەن ئاپامنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى باشلىشىمغا پىلان تۈزۈشىم ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىشىمغا كۆپ پايدىلىق بولدى.

– ھاررى، ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمىز، سەن قانداق قىلاي دەيسەن؟- دەپ سىرىدى مېنىڭ فىنلاندىيىلىك دوستلىرىم بىزنىڭ ئۆيگە چاي سۆزبىتىگە كېلىپ. تاكى ئاپام تۇتۇلمىغىچە بۇلار بىلەن ئارامدا قانداق پەرقنىڭ بارلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىغانىدىم. ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بىزنىڭ ھاياتىمىزدا فىنلاندىيىلىكلەرنىڭ تۇتقان سالمىقى يۇقىرى ئىدى. مۇڭدىشىدىغان دوستلىرىمىز، ئائىلە دوستلىرىمىز، بىرلىكتە چاي ئ‍وينايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، بىر يەرلەرگە بارساق بالىلىرىمىزنى قويۇپ قۇيىدىغان ئىشەنچلىك ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى يەرلىك فىنلاندىيىلىكلەر ئىدى. ئۇلار بىلەن غەيۋەت قىلىشاتتۇق، ئۇلار بىلەن ھەتتا قىزىرىشىپ قالاتتۇق، ئۇلار بىلەن بەسلىشىپ قالاتتۇق. ئاپام لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندە ئۇيغۇرلارغا دېيىشكە پېتىنالمىغان بولساقمۇ، شۇ فىنلاندىيىلىك دوستلىرىمىز بىلەن مۇڭداشقان، ئۇلار بىلەن دەرتلەشكەن ئىدۇق. ئۇلار دائىم ئەھۋاللارنى سوراپ تۇراتتى.

– ئەمدى بۇنداق جىم تۇرساق بولمايدۇ، بىر ئىش قىلىشىڭ كېرەك ھاررى، ئەمدى تېلفۇن بىلەن ياكى ئېلخەت بىلەن ئىش قىلساڭ ئەپلەشمەيدۇ، – دېدى، ئۇلار بۇ قېتىم جىددىي بىر قاراردا مەن بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى كەلگەنىدى. – ھۆكۈمەتتىن ياردەم سورايلى، ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى بىلدۈرىشىمىز لازىم. – دېدى بىرى نىمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تېڭىرقىشىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.

– شۇنداق قىلايلى، ئەڭ ياخشىسى سەن دەسلەپتە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە دېيىشكىن،- دېدى بىرى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمنى، ئۇلارغا بولغان ئەھۋاللارنى ئېيتقانلىقىمنى ئېيتتىم. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈش كېرەكلىكى ھەققىدە دېيىشتۇق. ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈشكەنمۇ بولدۇم، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا ماتېريال تەييارلاش كېرەك ئىدى، شۇنداق بىر ماتېريال كېرەك ئىدىكى، ئۇ ماتېريال ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ياكى ئېنىقلانغان ئۇچۇرلار ئىسپاتلىرى بىلەن يېزىلىشى، رەسمىي شەكىلدە بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سورىماقچى بولدۇم، ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۇلارنىڭ ئائىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قانۇنى سەۋەبلىك، بىزنىڭ رەسمىي ئورگان بولمىغان ھالەتتە ئۇنداق بىر ئىشنى قىلىشىمىز بەلكىم قانۇنغا بېرىپ ياتىدىغان ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

– مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رەسمىي بىر ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن، فىنلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نامىدا ئىش قىلسام قانداق بولا؟- دەپ مەسلىھەت سالدىم تەشكىلات رەئىسى ئاكىمىزغا. ئاكىمىز كونا ئىنقىلاپچى ئىدى، ھېچكىم ئۇيغۇرنىڭ ئىشىغا قول تىقىشنى خالىمىغاندا شۇ ئاكىمىز ھەممە ئىشنى ئۆزى يالغۇز قىلغانىدى. ئۇ ئاكىمىزنى يالغۇز قويغانىدۇق، ئۇ ئاكىمىز ئۆزى كىسەلچەن بولسىمۇ ۋاز كەچمىگەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋيىسىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقانىدى.

– بولىدۇ ئۇكام، بەك ياخشى بولىدۇ، مەن تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئىتىدىكى باشقا قېرىنداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشەي، سەككىز ئادەم بار، شۇلارنىڭ قارارىنى ئېلىشىمىز لازىم،- دېدى قىزغىنلىق بىلەن. ئەگەر بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ نامىدا ئىش قىلساق ئىشىمىز تېخىمۇ رەسمىي بولاتتى. تەشكىلاتنىڭ تەرتىپكە سېلىش لاھىيىسىنى يېزىپ، پوۋىرپوينتتا ئۇنى تەييارلاپ ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە تەييار قىلدىم. بىر قانچە يەردە بىرقانچە قېتىم شۇنداق قىلدىم، بۇ ئىشقا غوللۇق ئەزا بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر سىڭلىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتىم، ئۇلارمۇ بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈمۈتلىنىۋاتقانىدىم، يېنىمدا ئادەملەر باردەك، يالغۇز قالمايدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم. فىنلاندىيىدە سىياسەتنى ياخشى بىلىدىغان، مەن تۇرىدىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزاسىمۇ، ئۇزۇن يىل تەشكىلاتچىلىك ئىشلىرى بىلە مەشغۇل بولغان فىن تەشكىلاتچىمۇ، بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ئادۋۇكاتلىق قىلىدىغان فىنلاندىيىلىك دوستلىرىممۇ بۇ ئىشتا بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى. ئەڭ مۇھىمۇ مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان، سىياسەتنى ۋە فىنلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبىنى ياخشى بىلىدىغان سىڭلىمىزنىڭمۇ قېتىلىشى ماڭا خۇددىي يولۋاسقا قانات چىققاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى. ھەركەت پىلانلىرىنى فىنلاندىيىلىك دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە تۈزدۇق.

– بۇ ئىشتا بىرىنچى مەسىلە بۇ ئىشنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش كېرەك، ھازىرچە ئەڭ بىۋاستە پاكىت شۇ تۇتقۇنلارنىڭ چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىۋاستە گۇۋاھلىقى،- دېدى بىرى.

 – ھاررى، سېنىڭ ئائىلەڭ ۋە سەن ئالاھىدە بولۇشۇڭ كېرەك، شۇنداق بىر ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرىشىمىز لازىم، لاگېردىكىلەرنى سان ئەمەس، بەلكى تىرىك ئادەم ھالىتىدە ئېلىپ چىقىشىمىز لازىم،- دېدى يەنە بىرى.

– ئۇنداقتا شۇ بىرقانچە قەدەم بويىچە ئىش قىلىش كېرەك، بىرىنچىدىن ئاتا-ئاناڭنىڭ مىسالى ئارقىلىق لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئوبرازىنى ئىنسانلارشتۇرىشىمىز. سېنىڭ ئوبرازىڭنى، بىرەسمىي ۋەكىللىك ئوبرازىڭنى گەۋدىلەندۈرىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى غەرىپتىكىلەر بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، غەرىپنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ،- دېدى ئۇزۇن يىللىق تەشكىلاتچى.

– ماتېريال تەييارلايدىغان ئىشلارنى بىز قىلالايمىز، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چاقىرىق كۈچى بار بىرى بولىشى كېرەك، سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوبرازغا ئايلانغان بىرى ئەمەس، بەلكى ساڭا ئوخشاش ئاددىي ئائىلىنىڭ ئاددىي بالىسى، سىياسەت ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپادىكى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ياشاۋاتقان، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان بىرى بولىشى كېرەك،- دېدى سىياسىي سايلامدا سايلىنىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزەسى بولغان بىرى.

– ئەمدى ئۆزىمىزدە نىمە مەنبەلەرنىڭ بارلىقىنى، قانداق ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنى رەتلەپ چىقايلى- دېدى تەشكىلاتچى. شۇنىڭ بىلەن ئانالىز ۋە پىلان باسقۇچىغا كىرگەن بولدۇق. ئاق دوسكىغا قانچە قېتىم يازدۇق، يازغانلارنى خاتىرە قالدۇردۇق، قانچە كۈن شۇنداق پىلانلاردا، ھىساپلاشلاردا بولدۇق. بارغانسېرى ئۈمۈتلەنمەكتە، نىمە ئىش قىلىشقا بولغان چۈشەنچە كاللامدا ئېنىقلانماقتا ئىدى.

– بۇ يوللارنىڭ ھەممىسى بېسىپ ئۆتۈشىڭ ئۈچۈن بەلكىم بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلىسەڭ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگىمۇ تەسىر قىلغىلى، ئۇلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېتەرلىك بېسىم شەكىللەندۈرگىلى، شۇ بېسىملار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا-ئاناڭغا ئالاھىدە قارىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئاتا-ئاناڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدەك بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن. كېپىنەك ئېففېكتىدەك بولىدۇ قالغان ئىشلار،- دەپ خۇلاسىلىدۇق قانچە كۈن بولغان يىغىنىمىزدىن چىققان ھەركەت پىلانىنى. ھەركەت پىلانى ھەربىر ئېھتىماللىق ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر مۇندەرىجىگە تۇرغۇزۇلۇپ، ھەربىر ئېھتىماللىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش، قانداق ئەھۋالدا قانداق ھەركەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن ئېھتىمالغا ئېلىش بىلەن تۈزۈلۈپ چىققانىدى.

– سېنىڭ ھەركىتىڭ ئۈچۈن تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر تالمۇت>نى رەتلەپ بولدۇق،- دەپ چاقچاق قىلدى يەھۇدى دوستۇم. تالمۇت ياھۇدىيلارنىڭ ھەركەت قانۇنى ئىدى، بىزنىڭ ھەركەت پىلانىمىزمۇ شۇنداق ھەركەت قانۇنىدەك، مېنىڭ قانداق قىلىشىم، قانداق بولغاندا قانداق ئەھۋالدا نىمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي تۈزۈلگەنىدى. ئۇنى شۇ مۇنازىرىدە بولمىغان ئادەملەر قولىغا ئالسىمۇ ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چۈشىنىشلىك قىلىپ رەتلەپ چىقىش تېخىچە كالىندارىمدا ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قاچانلاردا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىمنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، بۇ خىزمەتنى قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن.

 فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارىدا مېنىڭ تەشكىلات نامىدا ھەركەت قىلىشىم رەت قىلىندى. ئۈمۈتسىزلەنمىدىم، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئەڭ رەنجىتكەن ئىش:

– قولىدىن ئىنجىل چۈشمەيدىغانلار تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلماقچى بوپتىمىش، ئىمانسىزلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق،- دېگەندەك مەزمۇنلاردا فىنلاندىيىدىكى مەلۇم بىرىنىڭ يازغان يازمىسى تورلاردا ئېقىىپ يۈرۈشكە باشلىدى. كەيپىياتىم بۇزۇلدى، بۇ مەن يولۇققان تۇنجى رىقابەت بولغانىدى.

– ئۇلار دىنىي ئەركىنلىك دەپ داۋراڭ سالىدۇ، ئۆزلىرى بەلكىم دىنىي ئەركىنلىك سەۋەبىدىن بۇ يەرگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەندۇ، نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟- دەپ ئاچچىقلانغاچ رىتورىك سۇئال قويغاندەك ھېسسىياتىنى بايان قىلدى ئادۋۇكات دوستۇم بېشىمغا كەلگەنلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. نىمە دېيىشىمنى بىلمەي، سوغاق قەھۋانى ئۇنىڭ ئىستاكانىغا تۆكۈپ بېرىپ بوينۇمنى قىسىپ، مۈرەمنى كۆتۈرۈپ تۇمشىقىمنى يانغا قىلىپ قويدۇم. يېرىم كېچىدە ھۆكۈمەتكە سۇنۇش ئۈچۈن مەندىن باشقا ئۇيغۇر يوق بۇ گۇرۇپپىدا مەندىن باشقا ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ سېرىق چاچ فىنلار لىڭشىپ تۇرىدىغان يىغىلىدىغان ئۈستەلدە ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ماتېريال تەييارلاۋاتقانىدى. ئۇلار بىلەن قانچە كېچە ئۇيغۇرسىز قالغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن، ئۇلارغا دوستلۇقتىن باشقا ھېچ نەرسە بېرەلمەيتتىم. ئەمما ئۇلارنىڭ مەن ئەڭ يالغۇز قالغاندا ماڭا، ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ مىللتىمگە قىلغان بۇ بېغىشلىشىدىن تەسىرلەنمەكتە ئىدىم.

– ئىنسان ئەندىشىسىز مۇھىتتا ياشىغاندا ئىنسانلىقى يۇقىرى پەللىدە جارىي بولىدۇ،- دېگەنىدى فىنلاندىيىنىڭ يۈكسەك پاراۋانلىق تۈزۈلمىسى ھەققىدە دەرس سۆزلىگەن جەمئىيەت دەرسى ئوقۇتقۇچىسى. شۇنداق، ئىنسانلار ئۆزلىرى بىخەتەر بولغاندا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تويۇنغاندا بەختلىك ھېس قىلىدىكەن، بېغىشلاش ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولىدىكەن، مېھنەتسىز بولىدىكەن. شۇنداق بىر خىسلەتنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن كۆردۈم، ئىنسانلىق مېنى تەسىرلەندۈرگەنىدى، ئىنسانلىقنىڭ نېمىلىكىنى مەن دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا مەنپەئەتپەرەزلىك قىلمىغان، ئەڭ ئاجىز ۋە ياردەم مۇھتاج بولغىنىمدا قەيەردە تۇغۇلۇشۇم، تېرەمنىڭ رەڭگىنىڭ نىمە بولۇشى، دىنىي ئېتىقادىمنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مېنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان، ماڭا ھەركىتىم ياكى مىجەزىم سەۋەبلىك ھۆكۈم قىلمىغان، مېنىڭ ئوي خىياللىرىم، قارىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئ‍ۆچ بولۇپ كەتمىگەن شۇ فىنلاندىيىلىك دوستلىرىمدىن ئۆگەنگەنىدىم. ئۇلاردىن مۇنازىرە قىلىشنى، ئۇلاردىن دوستلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن سوغاققانلىقنى، ئۇلاردىن كەمتەرلىكنى ئۆگەنگەنىدىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلاردىن ئ‍ۆزى سۆيگەنلەرگە قانداق ئىگە چىقىشنى ئۆگەنگەنىدىم.

– مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بەك ئېسىل، شۇ قەدەر زۇلۇمدىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى يۇقاتمىدى،- دەپ پەخىرلىنەتتىم ئۇيغۇرلاردىن. دېگەنلىرىم راست ئىدى، ئىنسان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق بولغاندا شەخسىيەتچى بولۇپ كېتەتتى. ئەمما، شۇنچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان شارائىتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرى ئۈچۈن بېغىشلاش روھىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. ئۇيغۇرلار بىر بىرىگە ئىگە چىقىۋاتقانىدى، ئۇيغۇرنىڭ مەركەزگە تارتىش كۈچى دەل شۇنداق ئىگە چىقىشتىن شەكىللەنگەن، كۈچلەنگەنىدى. مېنى ئۇيغۇر ھېس قىلدۇرغىنى ئاتام -ئاپاملا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلاردىكى شۇنداق كۆيۈنۈش ئىدى.

– بۇ قەدەر زۇلۇمدا ئۆزىنى يۇقاتمىغان مىللەت ھەرگىز يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، سىلەر چوقۇم گۈللىنىپ كېتىسىلەر،- دەيتتى ئايالىمنى بېقىۋالغان فىنلاندىيىلىك قېيىن ئاپام.

– ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خۇددىي خىتايدا گۆرۈگە ئېلىنغانغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆز ئائىسى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇققا، ھەرقانداق زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ،- دەپ ئاقلاشقا تىرىشتىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىنى.

– شۇنداق، ئەمما سوغاققانلىق بىلەن ئويلىغاندا، سىلەر بىرلەشمىسەڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ مىللەت بىلەن بىردەكلىكىنى تونۇپ يەتمىسەڭلار قۇتۇلالمايسىلەر، مەسىلەن سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ مەسىلىسىمۇ شۇنداق بولدىغۇ ھاررى، سەن ئاتا ئاناڭنى مىسال قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسىنى ئاڭلاتمىساڭ، ئاتا- ئاناڭنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرەلمەيسەن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا يىتەرلىك ئىجتىمائىي بېسىم شەكىللەندۈرەلمەيسەن. سىلەر ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، بىز بىلەن يېقىن ئۆتۈپ ياشىدىڭلار، ئاخىرى ئۆزەڭلارنىڭ بۇ مىللەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭلار ھېس قىلدىڭلار. تەڭرى بىزنى ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە ياراتقان، سىلەر فىنلاندىيلىك، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇر،سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار فىنلاندىيىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن باغلىنىشلىق، ئوخشاش ۋاقىتتا سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنىپەئتىدىن ئايرىلالمايدۇ.- دېدى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزاسى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى. بىز ھەرقانچە باشقىلارنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنۈپ ياشىساقمۇ، بىز يەنىلا ئۇيغۇر ئىدۇق.

فىنلاندىيىلىك دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن پىلاننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەت پىلانلىرىنى تۈزۈشكە باشلىدىم. 2018-يىلى يانۋاردىن باشلاپ سوتسىيال مېدىيادا ئاتام ۋە ئاپامنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئېنگىلىس تىلىدا چىقىرىشقا باشلىدىم. ئەمما ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت تارتىدىغان بىرەر ئىش قىلىشىم، ئاددىي كىشىلەردىن بولغان ئاتا-ئانامنىڭ پاجىئەسىنى ئالاھىيدىلەشتۈرىشىم، ئۆزەمنىڭ شۇ ئاددىي ئائىلىنىڭ ئاددىي ئوغلىلىق ئوبرازىمنى شەكىللەندۈرىشىم كېرەك ئىدى.

– ھاررى، ھەرقانداق ئىنسان ئۆزىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە بەكىرەك قىزىقىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئاناڭنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلىتىشتا چوقۇم تاماشىبىنلىرىڭنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تۇنجى تەسىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ياكى نىمە بولىدىغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىشڭ كېرەك،- دەپ مەسلىھەت بەردى يەرلىك گېزىتتە مۇخبىرلىق قىلىدىغان، ئىلگىرى مېنىڭ ئاچقان داۋالاش ئورنۇم ھەققىدە ماقالە يېزىپ بەرگەندىن كېيىن دوستلىشىپ قالغان بىرى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى، ئۆزەمنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئ‍وخشىماسلىقىمنى ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىقىمنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرگەندە، باشقىلارغا يېقىن ھېس قىلدۇرغىلى، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىغىلى، بۇ ئارقىلىق جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن تىل بىلىش مۇھىم ئىدى، فىن تىلىنى ياخشى بىلەتتىم، ئېنگلىس تىلىنى بىلەتتىم، ئەمما ماڭا كېرەك بولغىدە دەرىجىدە ياخشى بىلمەيتتىم.

– خالمۇرات، بىزگە ئېنگلىس تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگەتمىگەن دەپلا بەل قويىۋەتسەڭ بولمايدۇ، نىمە كېرەك بولسا شۇنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك، ئالىي مەكتەپ تۆتىنچى دەرىجىدىن ئۆتمىسەڭ مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيسەن،- دەپ ماڭا تەنبىھ بەرگەنىدى ئالىي مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى، بىرنەرسىگە مۇھتاج بولغانىكەنمەن، ئۇنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ قۇتۇلالمايمەن. چوقۇم شۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىم كېرەك.

– ھەرگىز ئاجىز بولما، خەققە ھاجەتمەن بولما، ئۆزەڭنىڭ كۈچىنى خار قىلغىن، ئەمما ئۆزەڭنى خار قىلىدىغان، بوينۇڭنى قىسىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما،- دەپ تەنبىھ بەرگەنىدى ئانام رەھمەتلىك قوشنىمىزنىڭ بالىسىغا ھۈرەك (تۇرپانچە نۇر دەيمىز) ياساپ بەر دەپ يېلىنغىنىمدا مېنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ مېنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ.

– مەن بىرنى ياساي، سەن مەن بىلەن بىللە ياسىغىن، ئاندىن ئىككىلىسىنى بىللە ئوينىغىن، بولامدۇ؟- دەپ ئانامنىڭ قۇچىقىدىن مېنى چاقىرىپ كىچىك قەلەمتىراچنى ماڭا تەڭلىگەنىدى دادام رەھمەتلىك. ئەمدىلا باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئۆستەڭگە (دەريا، توقسۇن تەلەپپۇزىدا ئۆستەڭ دەيدۇ) تۇتقان مۇزنىڭ ئۈستىدە ھۈرەكلەرنى پېرقىرىتىپ سوقۇشتۇرۇپ ئوينايتتۇق. ماشىنىنىڭ چاقىدىن چىقارغان مېتالدا ياسىغانلارنى <تاش نۇر> دەيتتۇق، ئۇلار بىر بىرىگە ئۇرۇلغاندا مېتال ئۇچقۇنلىرى چىقاتتى، كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كېتەتتۇق. ھۈرەكنى ئۇرىدىغان قامچىنىڭ تاسمىسى توشۇمايتتى، ئايىقىمىزنىڭ بۇغقۇچىنى يېشىپ شۇنى باغلاپ ئويۇنىمىزنى داۋام قىلاتتۇق. ئۇ چاغلاردا بەك سوغۇق بولاتتى، ئۆستەڭ بويىدا دەرەخلەرنىڭ قۇرىغان ياغاچلىرىنى نۆۋەت بىلەن تېرىپ كېلىپ ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق. شۇ ئويۇنلاردىن مەھەللە مەدەنىيىتىنى، شۇ ئويۇنلاردىن ھەمكارلىشىپ ئىشلەرنى ئۆگەنگەنىكەنمىز.

– ئاپا، بۇگۈن دادام بىلەن بىللە نۇر ياسىدۇق، بارمىقىمنى كېسىۋالدىم، قان چىقتى. مېنىڭ ياسىغان نۇرۇم قىڭغىر بوقاپتۇ، پېرقىرىغاندا بىردەمدىلا ئۆچۈپ قالدى. دادامنىڭ ياسىغىنى ئۇزۇن پېرقىرىدى. سىزنى سېغىندىم.- دەپ يېزىپتىكەنمەن ئاپامغا يازغان سالام خېتىمدە. ئاپامغا شۇ چاغلاردا سالام خەت يېزىشنى ئۆگەنگەنىدىم.

– ئايلا، ئاپامغا خەت يېزىپ بېرە،- دەپ يېلىنغانىدىم داداملارنىڭ ئۆيىدە مەن بىلەن بىللە چوڭ بولغان نەۋرە ئاچامغا.

– ئۈكەم، مەن يازسام سېنىڭ خېتىڭ بومايدۇ، ئۆزەڭ يېزىشنى ئۆگىنىۋالدىڭغۇ،- دەپ مېنىڭ ئۆزەمنىڭ يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى ئاق سېرىق ئاچام. ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇ كىتابنى بەك جىق ئوقۇيتتى، بىزنىڭ مەھەللىدە كۆزئەينەك تاقايدىغان بىردىنبىر كىشى شۇ ئاچام ئىدىم.

– ۋاي خىتايلاردەك كۆزەينەك تاقايدىكەنغۇ سېنىڭ ئايلاڭ،- دەپ مەسخىرە قىلغانلار بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەنىدىم قانچە قېتىم. ئاچام بىلەن ھەرقانچە سوقۇشۇپ، ئۇنى ھەرقانچە بوزەك قىلساممۇ، ئۇنى باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنى قەتئىي خالىمايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ماڭا بەك ئامىراق ئىدى. ئارىمىزدا 7 ياش پەرق بار ئىدى، مەن باشلانغۇچقا چىققان يىلى ئۇ تولۇقسىزغا چىققانىدى. ئۇنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ مەيداندا ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋاتقاندا بىر ئوغۇل بالا كېلىپ ئاچامنى بوزەك قىلغانىدى، ئۇنى ئارقىدىن بېرىپ تاياق يېسەممۇ ئۇنىڭ ياقىسىغا، كىيىملىرىگە ئېسىلىۋالغان، كېيىملىرىنى يىرتىۋەتكەنىدىم. كۆزلىرىم ئىششىپ كەتكەن، بەدەنلىرىم كۆكىرىپ كەتكەن بولسىمۇ يىغلىمىغانىدىم. ئەمما ئاپامنى سېغىنسام يىغلاپ كېتەتتىم.

– ئايلا، ماڭا خەت يېزىشنى ئۆگۈتۈپ قۇيە،- دەپ يېلىنغانىدىم ئەمدىلا ئېلىپبەنى ئۆگۈنۈشكە باشلىغاندا تېزرەك خەت يازالايدىغان بولۇشقا ئىنتىلىپ. چۈنكى ئۇچاغدا خەتنى ئوقۇيالايتتىم، ئەمما يازالمايتتىم.

– ھەي ئۈكەم، خەتنى يېزىپ مەشىق قىلمىساڭ يازالمايسە، ئوقۇشنى بىلگەندىكىن يېزىپ مەشىق قىلساڭ بولىدىغۇ،- دەپ مېنى سىلكىۋەتكەنىدى قايسىدۇر بىر روماننى ئوقىۋاتقاندا دەخلى قىلىپ سورىغانلىقىمدىن تېرىكىپ. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق يەردە يەرگە خەت يېزىپ مەشىق قىلىشقا باشلىدىم.  شۇنداق كۈنلەردىن بىر كۈنى ئاچامنى بوزەك قىلغان، مېنى ئۇرۇپ كۆزلىرىمنى ئىششىتقان، بەدىنىمگە كۆك چۈشەرگەننىڭ بىزنىڭ مەھەللىدىن ۋېلسىپىت مېنىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرسە ماڭا ھومۇيۇپ، ماڭا تەھدىت سالغاندەك ئىپادىلەردە ئۆتەتتى. ئۇنىڭدىن قورقمىدىم، پۈتۈن خىيالىم ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش بولغانىدى. بىر كۈنى ۋېلسىپىتىنى ئىتتىك مىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېز ئايلىنىۋاتقان چاقىغا ئۇزۇن ياغاچنى تىقىۋېتىپ ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىپ، يېنىغا بېرىپ مەنمۇ قۇرسىقىغا قاتتىق نەچچىنى تېپىۋېلىپ قېچىپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۆزەمدىن يەتتە ياش چوڭ بالىدىن ئۆچىمنى ئالغان، ئۇنى ماڭا قايتا ھومۇيۇپ قارىيالمايدىغان قىلىپ قويغانىدىم.

– ھېچكىمگە بوزەك بولما، ھېچكىمنىمۇ بىكاردىن بوزەك قىلما،- دەپ تەربىيە قىلغان دادامنى شۇنداق ئىشلارنى تولا قىلىپ بېشىنى ئاغرىتاتتىم. دادام ماڭا:

– بالام، ھازىرغۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سېنى بوزەك قىلغانلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ ئاچچىقىڭنى چىقىرالايدىكەنسەن، ئەگەر ياخشى ئوقۇمىساڭ، كۈچلۈك ئادەم بولمىساڭ يەنىلا بوزەك بولۇشقا ئۇچىرايسەن. شۇڭا، كۈچنى كۈچ بىلەن ئەمەس، پەم بىلەن يېڭىشنى ئۆگەن. مەسىلىنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىشىنى ساقلاپ تۇرماي، ئۇنى ۋاقتىدا چىرايلىق ھەل قىلىشنى بىل، بۇنىڭغا گەپدان بولمىساڭ بولمايدۇ، داۋلى بىلىدىغان بولمىساڭ بولمايدۇ. <بىلىكى يوغان بىرنى يېڭىدۇ، بىلىمى يۇغان مىڭنى> دەيدۇ، ۋىجدانى بولمىغان بىلىمى چوڭلاردىن بىلىكى يوغان بىرى ياخشى، ئەمما ۋىجدانى بار ۋە بىلىمى بار بىرى تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا كىتاب ئوقۇغىن،- دەپ ماڭا ئۆزىنىڭ كىتابىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويغانىدى دادام رەھمەتلىك. ئۇ كىتاب <قابۇسنامە> ئىدى، ئۇنى ئوقۇپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي پەلسەپەلەرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، خۇددىي كۆزۈم ئېچىلغاندەك بولغانىدى. كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغانىدىم، رومانلارنى ئەمەس، بەلكى تارىخنى، مۇلاھىزىلەرگە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆپ ئوقۇيتتۇم.

– نىمىگە ئېھتىياجىڭ بولسا، شۇ سەن ئۈچۈن مۇھىم،- دەپ ئەسكەرتكەنىدى ئالىي مەكتەپتىكى دوستۇم ئېنگلىس تىلى ئۆگۈنىشكە مېنى دەۋەت قىلىپ. كۈندە ئەتىگەندە چىقىپ ئېنگلىسچە ياتلايدىغان بولدۇم، خېتىنى ئوقۇيالمايتتىم، ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىۋالغان جۈملىلەرنى ئوقۇيتتۇم، چۈنكى شۇنداق قىلغاندا سۆزلەش ئىقتىدارىم تېز چىقاتتى. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئالاقە قىلىش، ئالاقە دېگىنىمىز شۇ سۆزلىشىش ئىدى. كېيىن يېزىش بىلەن ئوقۇشنىمۇ ئۆگەندىم، ئالىي مەكتەپ ئېنگلىس تىلى تۆتىنچى دەرىجىدىن ئۆتەلمىدىم، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان ئالتىنچى دەرىجىدىن ئۆتۈپ ساۋاقداشلىرىمنى ھەيران قالدۇردۇم. ساۋاقداشلىرىم خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، بىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا خىتايچە ئۆگۈنۈشنى باشلىغاندا ئۇلار ئېنگلىس تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلىغانلار ئىدى.

– خالمۇرات، ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلايلى، مۇخبىرلارغا گەپ قىلايلى دېسەك تىل بىلمەيدىكەنمىز،- دەپ دولىسىنى چىقىرىپ تۇرغان ئىلاجىسىز ھالىتىنى كۆرگەنىدىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ. ئۇلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىم ئاچچىق بولاتتى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قارىغاندا ئۆزەمنىڭ ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان ئىكەنلىكىمدىن باشقىچە بولاتتىم. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا شۇنداق شارائىتلاردا تىل ئۆگەنگەنىدىم. ئەمما ماڭا ئۇ گەپلەرنى قىلغان قېرىنداشلىرىم بولسا ئۇنداق شارائىتلارغا ئېرىشەلمىگەن، ئۆگۈنۈش ۋە دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى قالاق ياكى ئارقىدا قالغان دېيىشكە بولمايتتى، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزى كۆرگەن شارائىت ۋە مۇھىتتىن شەكىللەندۈرگەن ئوي خىياللىرى، ئۆزى ئېرىشكەن چەكلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلاتتى، پىكىر قىلاتتى. شۇنداق مۇھىت ئىنسانلاردا تەپەككۇر چەكلىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانلار تەرىپىدىن يارىتىلغان چەكلىمىلەر ۋە بويسۇندۇرۇشلار ئىچىدە بىلىپ بىلمەي ياشايتتى، دۇنيانى ئۆزى ئەتراپىدىكى مۇھىت ئىچىدە چۈشۈنەتتى، سىرتقى دۇنيانى بولسا چەكلىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن چەكلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئانالىز قىلاتتى. تەپەككۇر شەكلى قېلىپلاشقان چەكلىمىلەر ئىچىدە بولاتتى، ئۇنىڭ سىرتىدا تەپەككۇر قىلىش ئۇلارنىڭ راھەت رايۇنىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىئارام بولاتتى، ھەتتا باشقىچە تەپەككۇر قىلغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى، ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئۆزىگە خىرىس ھېس قىلاتتى. دەل شۇنداق ئىنسانلار ئارىسىدا ياشايدىغان بىرىدىن ھاياتنىڭ يەنە بىر قىممىتىنى ھېس قىلغان، ھايات ھەققىىدە يېڭىچە دەرس ئالغانىدىم. ماتېريالىستىك تەپەككۇرغا تولغان مۇھىتتا ياشاپ چوڭ بولغان بىرى ئۈچۈن، روھىي ۋە ھىسسىي قىممەتلەرگە بەكرەپ ئۈنۈم بەرگەن، روھىي ۋە ھىسسىي نەرسىلەرنى بەكىرەك ئۈنۈملۈك كۆرگەن كىشىلەردە ئۆزىنىڭ قانچىلىك نەرسىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك نەرسىسىنىڭ بارلىقى ئەمەس، بەلكى قانچىلى قانائەت ھاسىل قىلغانلىقى، روھىيىتىنىڭ قانچىلىك تويۇنغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ھېسابلىنىدىكەن.

– بۇ ئىشنى بېسىپ قىلغان بولسام چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىمەن، قانچە مىليون دوللارنى ماڭا تۇتقۇزۇپ بۇ ئىشنى قىل دېگەنلەر بولغان، بىر مەرگىل قىلدىم، ئەمما ئۇنىڭ بىر ئەھمىيىتىنى كۆرمىدىم. ئېكراندىكى سانلار كۆپىيىدىكەن، ئەمما كۆڭلۈمدە بىر قانائەت ھاسىل بولمايدىكەن،- دەپ تۈرك چېيىنى كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ قەشقەردىكى چايخانىدا ئولتۇرۇپ سۈمۈرۈپ ئىچكەندەك بىر ئوتلىۋېتىپ ماڭا سودىگەرلەرگە خاس بولمىغان ساددا كۈلكە بىلەن قاراپ قويدى. ئالدىمدىكى بۇ كىشىنىڭ ۋەتەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياش سودىگەرلەر قاتارىدىكى بىرى ئىكەنلىكىگە بىر قارىغان ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ساپلىق، ئۇنىڭدىكى ئەقىدە مېنىڭ نەزىرىمدىكى سان – سىفىرلار ئارقىلىقلا تەپەككۇر قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئوبرازىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى.

– مەن پۈتۈن ئەسكىلىكنى 12 ياشقا كىرگىچە قىلىپ بولغان،- دەپ چاقچاق قىلاتتى پەينەكباش دوستۇم بېشىنى قاشلىغاچ،- ھازىر چېچىمدىن تولا ئىشىم بار تۇرسا، شوخلۇق قىلىدىغانغا ۋاقتىم يوق،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىشكە ئامىراق بولۇپ قالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيادىكى ماتېريال قىممىتىگە قارىغاندا، روھىيەتتىكى قانائەت قىممىتى بەكرەك مۇھىم ئىدى. ئۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى، راستىمنى دېسەم، ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ ياخشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنىڭ بىرىنى مۇشۇ كىشى ماڭا قالدۇرغانىدى.

– ئادەم كىرەك بولىدۇ دەپلا ئەمەس، مۇشۇنىڭدىن قانچىلىك قانائەت ھاسىل قىلىمەن دەپ تەپەككۇر قىلغاندا جىق راھەتلىنىپ قالىدىكەن،- دېگەنىدى ماڭا قانچىلىك بايلىقىنى يوقاتقانلىقىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بولۇپ،- ئادەم ماددىي بايلىقى بولغاندا يېنىدا دوستلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، سىزنىڭ پۇلىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان ئادەممۇ سىزگە قورقماي پۇل بېرىدىكەن،- دەپ يەنە ھېلىقىدەك ساددىلارچە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ھازىر توردا قىلغان سودىسى ۋە ئاز تولا قىلىپ قويىدىغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئىشى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن باشقا، ماددىي بايلىققا بەك ئىنتىلىپ كەتمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە، تىرىشاتتى.

ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بايلىقلىرىنى يوقاتقان كىشىلەرنىڭ، قان ۋە تەرى بەدىلىگە ياراتقان ئورنىنى يۇقىتىپ قويغاندىن كېيىن يەكۈنلىگەن تەجرىبىسى ئانالىز ياكى تەپەككۇر قىلىپ ياراتقان پەلسەپەگە قارىغاندا بەكىرەك ئۇيغۇن ۋە رېئال بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

– توغرا دەيسىز، بىزنىڭ ئادەملەر ئۆزى مۇھىم دەپ بىلگەن نەرسىگە مەبلەغ سالىدۇ. سودا ئىشىدىمۇ، ئادەتتىكى ھاياتتىمۇ شۇنداق. ئەمما، نىمىنىڭ ھەقىقىي كېرەك بولىدىغانلىقىنى بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى تەركىدۇنيالىق خىياللىرى بىلەن قىلىدۇ. مەسىلەن سىز دېگەن شۇ ئېنگلىس تىلى ئۆگۈنۈش مەسىلىسىنى ئېيتايلى، راست دەيسىز، ئېنگىلىس تىلىگە بولغان ئېھتىياجى بار، ئەمما ئۆگىنىشكە ۋاقىت دەسمايىسى سېلىشنى خالىماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب، ئۇلار ئېنگىلىس تىلى ئىشلەتمەيدىغان يەرلەردە ياشايدۇ، ئۇ تىلنى شۇ مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئىشلىتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە دىنىي ماتېرياللارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئېنگلىس تىلىدىن تاپقىلى، ھازىرقى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ يازمىلىرىنى ئېنگلىس تىلىدا ئوقۇغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن ئىلغار ئىسلام ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلار شۇ غەرىپ دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ياكى شۇ يەرلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆلىمالار بولىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئۇچرىشىش بىزنىڭ دىنىمىزنى ئۆگۈنىشىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم.- دەپ ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ئانالىز قىلدى ئۇ كۆيئەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى، بىزدە ئىشلەنمەيدىغان نەرسىلەرگە قىممەت بەرمەسلىك ئېغىر ئىدى، ئۇ ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئىش بولماستىن، ماتېريالىستىك دۇنياۋىي تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ھەممىلا يەردە بار ئىدى. بولۇپمۇ غەرىپنىڭ قىممەت قارىشىدا بۇنداق قاراش ئېغىر بولۇپ، مەنمۇ شۇنداق قاراشلارنىڭ ئېغىر يۇقۇملاندۇرىلىشىغا ئۇچرىغانىدىم.

-ئۇيغۇرچە يازاتتىم بۇرۇن، ئەمما ئ‍وقۇيدىغان ئادەم يوق، نىمىشقا يازىمەن،- دەپ رەددىيە بەرگەنىدىم ئۇنىڭ مېنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىشىمنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا قارشى.

– باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىز ئۈچۈن يازسىڭىز بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئىپادىلەيسىز، ئۆزىڭىزنى كۆرگەن بولىسىز، ئۆزىڭىزنى قايتا تۇنۇيسىز، ئۆزىڭىزنى شۇنداق قىلىپ ئىسلاھ قىلىسىز،- دەپ مېنى قايىل قىلىشقا تىرىشقانىدى. شۇنداق، ئۇ دائىم مېنىڭ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلۇم ئىدى. باشقىلار ئوقىمىسا مەيلى، ئەڭ مۇھىمى يېزىش جەريانىدا ئۆزەمنى قايتا تونۇيمەن. مەن ئۇنداق غايىۋىي نەرسىلەردىن يىراق، بەلكىم فىنلاشقان تەپەككۇر شەكلىم مېنىڭ نەرسىلەرگە بەرگەن قىممەت قارىشىمنى ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۇمكىن، ياق، بەلكى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئ‍ۇچرىغان تەپەككۇر شەكلىم مېنى شۇنداق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى ئېتىراپ قىلايلى، ياكى قىلمايلى، قوشتىللىق مائارىپنىڭ مەھسۇلى، كېيىن خىتاي تىلىدا ئوقۇغان مەندەك ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تۈزۈپ بەرگەن چەكلىمىلىرى ئىچىدە مەۋجۇتلىقىنى تەدرىجىي يۇقىتىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىدىكى كىشىلەردىمۇ خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئومۇملاشقان ھادىسە ئىدى.

– دادا، ئ‍ۆزلە نىمشىقا ماۋۇ چەتئەلچە كىتابلارنى ئوقۇيلا، نىمىگە پايدىسى،- دەپ سورىغانىدىم دادام رەھمەتلىكتىن تۇرپانغا كەتكەندىن كېيىن تەتىلدە توقسۇنغا بېرىپ.

– بالام، توقسۇنچە گەپ قىل، بىر ئوبدان پاراڭ قىلاتتىڭ، ئۆزۈرلەپ قاپسەنغۇ ئەمدى،- دەپ قولىدىكى كىتابنى كىگىز ئۈستىدىكى كىچىك ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆز ئەينىكىنى كۆزىدىن ئېلىۋاتقاچ يېنىدا ئولتۇرغان ماڭا قاراپ.

– ئادەم بەدەنلا بولمايدۇ، ئادەمدە روھ بولىدۇ. بەدىنىڭ ئۈچۈن تاماق يەيسەن، ھەركەت قىلىسەن، روھىڭمۇ شۇنداق نەرسىلەرگە مۇھتاج، كىتاب ئوقىساڭ روھىڭغا تاماق يىگەن بولىسەن،-دەپ مەن چۈشەنمىگىدەك نەرسىلەرنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەنىدى دادام رەھمەتلىك. سىلاۋىكچە يېزىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ قوياتتى، يېڭى يېزىقچە يېزىلغان نەرسىلەرنىمۇ ئوقۇپ يوقاتتى، كونا يېزىقچە يېزىلغان نەرسىلەرنىمۇ ئوقۇپ قوياتتى. دادامنىڭ تەسىرىمىكىن، مەن ئۇيغۇر يېزىقى بولغان شۇ ئۈچ خىل يېزىقنىڭ ھەممىسى ئوقۇيالايتتىم، روھىمغا شۇنداق ئوزۇق بېرىشنى ئۆزەمگە ئادەت قىلغانىدىم. ئەمما روھىم يەنىلا قانائەت قىلمىغان، مەن يەنىلا ھىسسىي توقلۇقتىن يىراق ئىدىم.

– بايلىق دېگەننى سىز ئىگە بولغان ماددىي نەرسىلەر، ئوقۇغان كىتابلىرىڭىز، ئائىلىڭىز ۋە شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىڭىز بىلەن ھىسابلىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك باي ئىكەنلىكىنى بىلىسىز،- دېگەنىدى ئاپام، ھاياتىمدا شۇنداق نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلىغان، كىتابلاردىنمۇ كۆپ ئوقۇغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمما، جازا لاگېرلىرى ئاپام بىلەن ئاتامنى يالماپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئۆز ھاياتىمدىن ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەمما، ئۇنى چۈشەنگەن ئۇيغۇرلار يەنىلا ئازسانلىق بولسا كېرەك. ئادەمگە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى مۇھەببەت ئىكەن، شۇ مۇھەببەت بولمايدىكەن، ئىنسان قەلبى قاغچىرىغان ئېتىزغا ئوخشاش ھېچقانداق روھىي ھوسۇل بەرمەيدىكەن. ئائىلە مۇھەببىتى، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە دوست-يارەنلىك مۇھەببىتى ئىنساننىڭ روھىيىتىنى سۇغۇرۇپ تۇرىدىغان بۇلاق ئىكەن. شۇ بۇلاقلارنىڭ كۆزى پۈتكەندە (توسۇلۇپ قالغاندا) ئادەم روھى قاغچىرايدىكەن. جازا لاگېرلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى، قازاقنى ۋە باشقا كىشىلەرنى يالماپ كەتكەندە، شۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى شۇنداق قاغچىرىغان، روھىي چۈشكۈنلىك، قورقۇنچ ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلىش خاھىشىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرغانىكەن.

– ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر ئىش قىلاي دېسەم، خىتايلار ئۆيۈمدىكى تۇتمىغانلارنىمۇ تۇتۇپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىمغا تېخىمۇ بەك زۇلۇم قىلامدىكىن دەپ قورقىمەن،- دېگەن سۆزلەر مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان تەپەككۇر بولۇپ قالغانىدى. ئۇيغۇرلاردىكى قورقۇنچنىڭ مەنبەسى نىمە قىلىشنى بىلمەسلىكتىن كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئويلىغاندا ھېچكىم ئۇيغۇرغا ياخشى نەتىجىگە كېپىل بولالمايتتى، ھېچكىم ئۇيغۇرنىڭ قىلغان ئىشىنى بىۋاستە قوللاپ يېنىدا تۇرمايتتى.

– ئۆيىدىكىلەر تۇتۇلغان مۇشۇ ئىككى يىلدا ئېنگلىسچە ئۆگەنگەن بولسا، تىۋىتتىردا تېخىمۇ كۆپ كىشى ئېنگلىس تىلىدا نەرسە يازغان بولسا بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كۆپ يەرلەرگە ئاڭلاتقىلى بولاتتى،- دەپ ئەيىپلىدى دەۋا سېپىدە ئاكتىپلىق قىلىۋاتقان بىر ياش پائالىيەتچى.

– شۇنداق، بىز كۈچلۈك بولىشىمىز كېرەك،- دەپ ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدىم. ئەمما ھېچكىمنى ئەيىپلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى توغرا دەپ ئويلىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن.

– ئەمما ھەربىر كىشىنىڭ قانداق بىر ھاياتتا ياشىشى، قانداق شەكىلدە قارشىلىق قىلىشى، قايسى خىل ئىدىيىگە ئەگىشىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. بىز كۈچلۈك بولىشىمىز كېرەك، كۈچلۈك بولۇش بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ، ھەممىزنىڭ ئ‍وخشاش ئىش قىلىشىمىزدىن بولمايدۇ، بىزدە ئوخشىمىغان سادالار بولۇشى كېرەك، شۇ ئ‍وخشىمىغان سادالار ئەتراپىغا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىيىدىكى كىشىلەر يىغىلغاندا شۇنداق كۈچلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىر بىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىدىيىگە ئىگە ۋە قارمۇ قارشى ئىش قىلىۋاتقانلارمۇ ئۆز ئارا دىئالوگنى توختاتماسلىقى، بىربىرىنىڭ شەخسىيىتىگە تەگمەسلىكى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ھەممىزنىڭ نىشانىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز، بىر بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغان تەغدىردىمۇ، ھەممىزنىڭ بىر نىشانغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز.< چوقۇم مېنىڭ توغرا، مېنىڭ يولۇمدا ماڭ> دېگەن تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز لازىم.- دېدىم ئۇنىڭغا.

– ئاداش، سەن بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسەن، بۇيەردە ئىدىيىنىڭ گېپى بولمىدىغۇ،- دەپ ماڭا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى، ئەمما مېنىڭ ئۇ گەپلەرنى قىلىشىممۇ ئ‍ورۇنسىز ئەمەس ئىدى.

– شۇنداق، شۇ قېرىنداشلارنىڭ قانداق ياشاشنى، قانداق قارشىلىق شەكلىنى تاللىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز قويۇق دىنىي ھاياتتا ياشاشنى خىتاي زۇلىمىغا بولغان ئۈنۈملۈك قارشىلىق دەپ تاللىۋالغان، ئۇلارنىڭ شۇنداق تاللىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ھۆكۈم قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، چۈنكى كەلگۈسى بىر مىنۇتتا قانداق ئىش بولىدىغانلىقىن ئالدىن بىلەلمەيمىز، بىزنىڭ قانداق بىر يولدا بۇ زۇلۇملارغا قارشى يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەيمىز.- دېدىم ئۇنىڭغا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى توغرا چۈشىنەتتىم، بەزىدە مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالاتتىم.

– ھەركەت قىلىدىغان كىشىلەر كۆپەيسە ياخشى بولاتتى، ئەپسۇس ھەركەت قىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئانالىز قىلىدىغانلار كۆپ. مەيلى، ئۇمۇ بىر خىل قارشىلىق شەكلى، شۇنداق تەپەككۇرلار، شۇنداق ئانالىزلاردىن كېيىن ئېنىقلانغان ئوخشىماسلىقلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىزغا پايدىلىق. دادام رەھمەتلىك بىر بىرىگە زىچ جىپسىلىشىدىغان ئىككى تال تاش يوق، بىر بىرى بىلەن سۈركىلىش جەريانىدا شۇنداق جىپسىلىشىدىغان بولىدۇ، دەيتتى. ھازىرقى سۈركىلىشلەر، ھازىرقى زىددىيەتلەر بىزنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە يېتىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.- دەپ يەنە تاققا-تۇققا سۆزۈمنى داۋام قىلدىم.

– سېنىڭ سۆزلىرىڭ چۈشىنىكسىز، تەرتىپسىز بىلىندى، شۇڭا بىزگە ئۇنىڭ گەپلىرى ئورۇنلۇق بىلىندى،- دەپ مېنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىرىلغانلىقىمنى ئېيتقانىدى بىرلىكتە ھەركەت قىلىشنى پىلان قىلىپ يىغىلغان گۇرۇپپىدىن ماڭا ئۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تاللانغان بالا. شۇنداق، مېنىڭ تەپەككۇر شەكلىمنى چۈشىنىش بەزىدە ئ‍ۆزەمگىمۇ تەس بولاتتى. خۇددىي يېزىلىۋاتقان مۇشۇ كىتابقا ئوخشاش، ئايرىم تېمىلارغا ئايرىلمىغان، پاراگرافلىرى ئېنىق بولمىغان.

– ئاتاڭمۇ بازار، ئاناڭمۇ بازار دەپتىكەن، بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز شۇ كۈرەش مەيدانى، ھەركەت قىلىشىمىز، توختىماي ئوخشىمايدىغان مەزمۇنلارنى، ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرىشىمىز لازىم. ئەڭ مۇھىمى شۇ،- دەپ ئۆزەمگە رىتورىك تەرىقىسىدە ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ھالدا ئېنگلىس تىلى ئۆگۈنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، مېنىڭ ئۇنى تەشۋىق قىلىشىمنى تەكىتلىگەن پائالىيەتچى ئۇيغۇر ياشقا.

– ئاداش، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بولايلى، ئۇيغۇرنىڭ نىمىلىكى بىلەيلى. ئۇيغۇرنى چەكلىمە بىلەن تەرىپلەشنى تاشلاپ، ئۇيغۇرغا تېخىمۇ كەڭ مەنە بېرەلىگەندە، مەنچە بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمىز.- دەپ قويدۇم ئاخىرىدا، تەپەككۇرۇم يەنە يېڭى تېمىلارغا قېيىپ كېتىپ بارغانىدى. فىنلاندىيىنىڭ سوغۇق سۇلۇق كۆلىگە چىلىنىپ چىقىپ، ئاپتاپقا قاھلىنىپ ياتاتتىم، ئەمما تەپەككۇرىمنى تەكلىماكاننىڭ قۇملىرى بېسىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

بىر يىللىق ھەركەت پىلانىمنى تۈزۈشكە باشلىدىم، يۆنۈلۈشنى بىلدىم، ئەمما ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەركەتلەرنىڭ، پائالىيەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنى يېزىپ چىقىشىم كېرەك ئىدى. سوتسىيال مېدىيا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش كەچمىشكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ھەركەتكە كېلىشىنى، ئۆزىنىڭ ئائىسىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى، قانداق ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوي خىياللىرىمنى ۋىدىئولاردا ئىزھار قىلىشقا باشلىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا:

– ئاپامنىڭ ئۇنداق قىينىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن، ئۇنى ئېتىۋەت، ئوقنىڭ پۇلىنى مەن ئەۋەتىپ بېرەي،- دەپ ئۇيغۇر تىللىق تور تېلېۋىزىيىسىدە بىرى سۆزلەپ چىقتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنىڭ يۈرىكىمگە تەگكەنىدى، راست، ئاپامنىڭ- ئاتامنىڭ قانداق يەرلەردە قانداق كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇ گەپلەرنى قىلغان قېرىندىشىمنىڭ جازا لاگېرىدا قېلىشنىڭ ئۆلۈمدىن بەتتەر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكى مېنىڭ روھىيىتىمنى تىترەتكەنىدى. شۇنداق، ئۇلارنىڭ قانداق يەردە قانداق كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىنسانغا بىلمەسلىكتىن ئارتۇق قورقۇنچ ۋە ئەندىشە بولمىسا كېرەك. شۇنداق مۇمكىنچىلىكلەرگە تولغان تەپەككۇرۇم مېنىڭ ھەركىتىمنى تېخىمۇ تېزلىتىشىمگە تۈرتكە بولغانىدى. <ئاتا-ئانامغا ئەركىنلىك> تېمىسىدىكى تۇنجى ھەركىتىم باشلاندى، شۇنى ھەشتەگ قىلىپ ئاتام ۋە ئاپام ھەققىدە تىۋىتتىرغا ۋە فەسبوكقا مەزمۇنلارنى يوللاشقا، ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە باشلىدىم. <نىيورك ۋاقىت گېزىتى>نىڭ  مۇخبىرىنىڭ ئىگەللىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا لاگىردىكىلەر ھەققىدە تۇنجى گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى، بۇ يەردە كىمنىڭ بىرىنچى بولۇپ باشلىغانلىقى ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. لاگېرلار ھەققىدە يازمىلىرىمنى 2018-يىلى يانىۋاردىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولاتتى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش دولقۇنى ئاۋغۇستتا باشلانغان، قازاقلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش دولقۇنى ئىيۇلدا باشلانغانىدى.

– ئۇيغۇرلار ھېچ ئىش قىلمىدى، ھەممە ئىشنى قازاقلار قىلدى، نىمىشقا ئامېرىكىدىكى قانۇننىڭ ئىسمىنى <ئۇيغۇر> دەپ قويىدىكەن،- دەپ قاخشىدى بىر قازاق دوستۇم. ئۇنىڭ بىلەن سىرداشلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق، ئۇنىڭمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئوخشاشلا جازا لاگېرلىرىغا سولانغان، ئۇ قازاقىستاندا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىدى.

– قېرىندىشىم، قانۇننىڭ ئىسمىنىڭ نىمە دەپ قويۇلىشى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى. ھېلىمۇ يادىمدا، سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا مەن تېخى كىچىك ئىدىم، ئەمما دادام رەھمەتلىكنىڭ < قازاقىستان قۇرۇلۇپتۇ، ئۆزبەكىستان تۇرۇلۇپتۇ، قىرغىزىستان قۇرۇلۇپتۇ، ئۇلار دۆلەت بولۇپتۇ> دەپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمايدىغان ماڭا كەمپۈتلەرنى ئېلىپ بەرگەنلىكى يادىمدا. دادام رەھمەتلىك <قازاق> نامىدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان، خۇشال بولغان، ماڭا تاتلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ تەبرىكلىگەنىدى،- دېدىم ئۇنىڭ <ئۇيغۇر> نامىدىن بىئارام بولغانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى.

– شۇنداق، قازاقلار جىق ئىش قىلدى، قازاقلار لاگېرلارغا ئائىت نۇرغۇن مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى، لاگېرلار ھەققىدە كۆپ گۇۋاھلىقلارنى بەردى، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى كۆرگىنىمدە مەنمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا تۇرقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزەمنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئۇلارنىڭ قانداق بىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ دۇئالىرىمدا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدىم،- دېدىم ئۇنىڭغا. مەن ئۈچۈن قايسى مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ ئادىمى بولسۇن، ئىنسانلار ئارىسىدا ھېسداشلىقنىڭ بولۇشى ئىنسانلىق تەبىئىتى ئىدى. قېرىنداش مىللەت دېگەندەك سىياسىي ئۇقۇملاردىن بەزىدە بىئارام بولاتتىم، چۈنكى مەيلى قايسى دىندا بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىسۇن، قايسى ئېرققا تەۋە بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى قېرىنداش، ئېرقداش ئىدى.

– بابىر مۇنارىنى سالغان ئىنسانلارنىڭ قىلغىنى مۇنارنى سالغانلىقى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىغا قىلغان ئاسىيلىقى، ياراتقۇچى ئۇلارنى يەر يۈزىنى ئىگەللەڭلار دېدى، ئەمما ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ، ياراتقۇچىنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى ئوخشىمايدىغان قىلدى، ئىنسانلارنىڭ ئېرقىنى پەرقلىق قىلدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ بىربىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى پەرقلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغاندا، ئىنسانلار ئارىسىدا ھېسداشلىق، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى بولىدۇ،- دەيتتى ماڭا نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى شەرھىيلىگەچ دىندار خىرىستىئان دوستۇم. شۇنداق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى، ئەمما كېچىلەپ ئۇيقۇسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ ماتېريال تەييارلىغان، <ئۇيغۇرلارنى سۆيىمەن> دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كالتە يەڭ مايكىنى ھەممە يەردە كىيىپ يۈرەتتى.

– شۇڭا سىلەر خىرىستىئانلار پۈتۈن دۇنيادىكى يات دىنلارنى ئۆزەڭلەر بىلەن ئوخشاش قىلماقچىكەنسىلەردە، شۇڭا سىلەر ئافرىقىغا بېرىپ، ئاسىياغا بېرىپ، ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆزەڭلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ئېرقتىكى ئادەملەرنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتىنى ئۆزەڭلەردىن تۆۋەن دېگەن باھانىدە ئۇلارنى <مەدەنىيلەشتۈرۈش> نامىدا قىرغىن قىلىپتىكەنسىلەردە،- دەپ تەنە قىلدىم ئادىتىم بويىچە. غەرىپلىكلەرنىڭ پىكىرلىشىش شەكلىنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇلار ئۆزى بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ئۇلارنى قايىل قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلاتتى. مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپكە قايىل بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىشى ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ مەنبەسىنى بىلىش، ئوخشىماسلىقىنى تونۇپ يېتىش ۋە بىربىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئۈچۈن بولاتتى. شۇنداق بولغاندىلا دوستلۇق مۇناسىۋىتى قويۇقلىشاتتى، بىربىرىنىڭ چەكچىگرىسىنى بىلەتتى، ھەمكارلىشىش كۈچى كۈچلىنەتتى ۋە بىرلىشىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى كۆتۈرىلەتتى. ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر بولغاندا، ھەتتا ھۇجۇم خاراكتېرلىك قارشىلىقلارغا ئۇچرىغاندا تېرىكمەيتتى، ھېسسىيات ئەقىلنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغاندا تېمىنى دەرھال يۆتكەشنى بىلەتتى.

– خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن ھېچكىم يوق، مەنمۇ كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن، ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس، بىزنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىمىز بىر گۈزەللىك، چۈنكى مۇكەممەل بولمىغاندىلا ئىلگىرلەش بولىدۇ،- دەپ تېمىنى ئىلاھىي تېمىلاردىن ئىنسانلىققا قايتا تارتىپ كەلدى دوستۇم. ئۇيغۇرلار غەرىپلىكلەرنىڭ كۆپىنى دىندار خىرىستىئانلار سانىشاتتى، بۇنداق بولىشىىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئۈرۈمچىگە بارغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاز سەكسەن پىرسەنتىنىڭ دىنىي جامائەتلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دىن تارقاتقۇچىلار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۇچراشقان چەتئەللىكلەرنىڭ دىندار خىرىستىئانلار بولغانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

– مەن ئۆزەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرىمەن، چۈنكى ئىسا مەسىھنىڭ قۇرقازغۇچىم ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان بىر ئېتىقاتچىمەن،- دەپ ھاياجان بىلەن ماڭا ئۆزىنىڭ خىرىستىئان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى. كاللامدا:

– دىن تارقاتقۇچىلار پۇل بېرىدىكەن، شۇڭا ئۇيغۇرلاردىن پۇلنى دەپ شۇ دىنغا كىرىپ كېتىۋاتقانلار باركەن،- دەپ ئاڭلىغان سۆزلەر تەكرارلىنىشقا باشلاپ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكى چىرايلىق كىيىنگەن، پاكىز چىراي ئۇيغۇر قىزىغا بولغان كۆز قارىشىمدا دەماللىق تەمتىرەش بولدى. مىڭ يىللىق ئىسلام مەدەنىيىتىدە ياشىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنداق بىر رېئاكسىيىدە بولۇشى نورمال ئىدى. ئۇيغۇرلاردا <تىلىمىز بىر، دىنىمىز بىر، بىزدە نىمىشقا بىرلىك بولمايدى> دەيدىغان تەپەككۇر قېلىپى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرلىكنىڭ مۇتلەق بىرلىك ئىچىدە بولىدىغانلىقىغا بولغان تەشنالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمايدىغان ئېقىملارنىڭ، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ چىقىپ قېلىشى ئېغىر ئىجتىمائىي بېسىمغا ئۇچرايدىغان مەسىلە ئىدى. شۇنداق كىشىلەر دائىم ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالاتتى، كىشىلەر مەيلى سۆزدە ياكى ھەركەتتە ئۇلارنى چېقىۋېلىشقا، ئۇلارنى ئۇيغۇرلۇق كاتىگورىيىسىغا ياتلاشتۇرۇش ئۇرۇنىشىدا بولاتتى.

– مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتىمەن، چۈنكى تەڭرى <پادىلىرىمنى ياخشى باق> دېگەن، مەن ئۇيغۇر، تەڭرىنىڭ مېنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تاللاپ، ئىشىكىمنى چېكىپ، مېنىڭ ئۇنىڭ نامىغا قۇتۇلۇشىمنى تەقدىر قىلغانىكەن، بۇنىڭدا ئۇنىڭ چوقۇم بىر پىلانى بار. مەن ئۆزەمنىڭ خىرىستىئانلىقىنى ئادەتتە يوشۇرىمەن، تۈركىيىدىكىلەرگە دائىم ياردەم قىلىمەن، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم،- دەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مېنىڭ ئۇنى ياتلاشتۇرۇش ياكى يات ھېس قىلىش پىسخىكامنى يەڭمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى بەك ياخشى چۈشىنەتتىم.

– سىز ياردەم قىلىۋاتقانلارمۇ خىرىستىئانلارما؟

– ياق، ئۇلار قاتتىق مۇسۇلمان

– ئۇلار سىزنىڭ خىرىستىئانلىقىڭىزنى بىلەمدۇ؟

– ياق، بىلمەيدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقلارنى <ئۇيغۇر قانۇنى> دېدى دەپ چەتكە قاققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى يوققا چىقارغاندەك، ئۇلارنى ياتلاشتۇرۇپ ھەتتا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. مەيلى مەن ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك قۇربانلىق بېرەي، كۈنلەرنىڭ بىركۈنى مېنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىمنى بىلگەندە، بەلكىم مەنمۇ شۇنداق ھۇجۇملارغا ئۇچرىشىم، ھەتتا ئۆلسەم جەسىتىم كوچىدا قېلىشى مۇمكىن،- دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇنىڭ مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلغانىدىم. ئۇ مېنى ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى خېلى مۇھىم ئەرباپلار بىلەن تونۇشتۇرغانىدى. ئۇلار بىلەن دبنىي جامائەتلەردە تونۇشقانىكەن، مەيلى كىمنى كۆرسۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەيتتى، يىغىلىشلارغا بارغاندا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى بېشىغا كىيىۋالاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى يالغۇزلۇقنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى قېرىنداشلىق مۇھەببىتىگە بولغان قاغچىراشنى مەنمۇ ھېس قىلغان، ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئوخشاش تۇيغىلاردا مەنمۇ بولۇپ باققانىدىم. بىزدا بىربىرىمىزگە بولغان ھېسداشلىقلار مەلۇم شەرتلەر ئاساسىدا قۇرۇلغاندەك، بىربىرىمىزگە بولغان قېرىنداشلىق مۇھەببىتى مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغاندەك قىلاتتى.

– مەن تەڭرىنىڭ شەرتسىز مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئىكەنمەن، قېرىنداشلىرىمنىمۇ شەرتسىز مۇھەببەت بىلەن سۆيۈشكە تىرىشىمەن،- دېدى چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى ئالدىدىكى ئىستاكاندىكى قېنىق قەھۋانى ئوتلىغاچ، ئۆزىنى ماختاۋاتقان چەتئەللىك دىندىشىغا جاۋاب بېرىپ. ئەمەلىيەتتە دىنىي جەمئىيەتلەر غەرىپ دۇنياسىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈش سورىنىغا ئايلىنىپ قالغانىدى، كۆپچىلىك ئامما دىنسىز ياكى ئاگنوستىك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىئونلار ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشى كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن تەقۋا دىندار سىياقىغا كىرىۋالاتتى. دىندىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىشتەك كۆز بۇيامچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فىنلاندىيىدە سىياسەتچىلەرنىڭ دىن توغۇرلۇق سۆزلىشى، نۇتۇقلىرىدا دىنىي كەلىمىلەرنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەنىدى. شۇڭلاشقا فىنلاندىيىدىكى ھېچبىر سىياسەتچىنىڭ دىنىي كىتابلاردىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرنى تىۋىتىرىغا ياكى باشقا سوتسىيال مېدىيا سۇپىسىغا يېزىشى چەكلەنگەنىدى. ئوڭچى مىللەتچى پارتىيىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ خرىستىئانلارنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىنى تىۋىتتېرىغا يېزىشى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرقچىلىق تامغىسى بېسىلىپ، دىن ئارقىلىق خەلقنى قۇتراتقان دېگەندەك سۆزلەرگە قالغانىدى. سولچى پارتىيىلەر بۇنى ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭغا جەرىمانە جازاسى بېرىلىشىگە سەۋەب بولغانىدى. بۇنى چۈشىنەلمەي سولچى پارتىيىنىڭ قوللىغۇچى بولغان بىر دىنسىز دوستۇمدىن:

– فىنلاندىيىدە خرىستىئانلار كۆپ سانلىق تۇرسا، ئۆزەڭلارنىڭ دىنىي كىتابلىرىدىن ئېلىنغان سۆزلەرنى ئىشلەتسە بۇنداق قاتتىق بىر بېسىمغا ئۇچرايدۇ؟— دەپ سورىدىم. ئۇ مەندىن:

– سەن ئۆزەڭنى فىنلاندىيىلىك ھېس قىلامسەن؟- دەپ ياندۇرۇپ سورىدى.

– شۇنداق، بۇ يەر مېنىڭ ۋەتىنىم،- دەپ جاۋاب بەردىم، راستىنلا بۇ دۆلەتنى ئۆز ۋەتىنىم ھېس قىلاتتىم، چۈنكى بۇ يەر ماڭا ئۇيغۇرنىڭ مەشرەپلىرىنى، ئاتا-ئانام بىلەن جەم بولۇشلارنى بېرەلمىگەن بىلەن، ماڭا ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەرگەنىدى. شۇڭلاشقا مەيلى قەيەرگە باراي ئ‍ۆزەمنى ئىككىلەنمەي مەن فىنلاندىيىلىك دەيتتىم.

– فىنلاندىيىلىكلەرنىڭ چىرايى، ئېرقى، دىنى بىردەك بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ھەممىز فىنلاندىيىلىك، ھەممىمىز مۇشۇ دۆلەتتە ياشايمىز، ھەممىز مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئاھالىسى، بۇ دۆلەت بىز بولمىساق دۆلەت بولمايدۇ، ھېچكىمنى چەتكە قېقىشقا، ھېچكىمنى ياتلار كاتېگورىيىسىگە ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ ئوخشىماسلىقىمىز، بىزنىڭ رەڭدارلىقىمىز بىزنىڭ بايلىقىمىز، بىزنىڭ كۈچىمىز،- دەپ سولچى سىياسەتچىلەردەك جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا ياققىنى بىلەن، فىنلاندىيىدىكى ئوڭچى مىللەتچىلەر بىلەنمۇ كۆپ ئۇچراشقان، <مەن فىنلاندىيىلىك> دېگىنىمدا، <ياق، سەن دېگەن چەتئەللىك> دەپ مېنى رەت قىلغان ئاق ئېرقچىلار بىلەنمۇ تاكالىشىپ باققانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ قارىشىنىڭ ئومۇمىيلاققا ئېرىشكەن بىر قاراش ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم. – شۇڭلاشقا ئوڭچى مىللەتچى پارتىيىلەر سايلامدا ئۇتىۋاتقان ئوخشايدۇ، سەن پۈتۈن دۇنيانى فىنلاندىيىلىك دەيدىغان ئىمپىرالىستىك بىر ئىدىيىگە ئىشىنىدىكەنسەن، ھاھاھا،- دەپ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم. ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا ياقاتتى، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ماڭا كۆپ تەسىر قىلغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مېنى تېرىكتۈرۈپمۇ قوياتتى، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشىپ:

– سەن مايمۇن ۋاقتىڭدا بەلكىم تەكلىماكان دېڭىز ساھىلى بولغان ۋاقىتلار بولسا كېرەك، شۇ چاغلاردا سەن چوقۇم تەڭرى تېغىدا ياشىغان مايمۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولىشىڭ مۇمكىن،- دەپ ئۇنى تېرىكتۈرمەكچى بولاتتىم. ئۇ ئۇزۇن چاچلىرىنى ئارقىغا قىلىپ، كۆزەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ:

– سەن مېنى ئۇيغۇر مايمۇن ۋاقتىمدا دېمەكچىمىدىڭ، بەلكىم، ئەمما مېنىڭ تۈكلىرى سېرىق، ھەقىچان تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدا ساغىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولىشىم مۇمكىن،- دەپ چاقچاق قىلىپ پاچىقىمغا شاپىلاقلاپ قۇياتتى.

– ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ ياشىغان ھەرقانداق ئادەمدە كىملىك كىرىزىسى بولىدۇ، سىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ ياشىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،- دېدىم خىرىستىئان ئۇيغۇر قىزى بىلەن خوشلاشقىچە. ئۆز توپىدىن ئايرىلىش، ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا، ئۆز توپىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرسىمۇ، ئەمما ئۆز توپىغا يات بولغان ھېس تۇيغۇلار كىشىنى ئازاپلايتتى، يالغۇزلۇق تېڭىرقىشى كىشىنى ئۆز كىشىلىرىنى سېغىندۇراتتى. ئەپسۇس، ئۆز توپى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماسلىق، ئۆز توپىدىن يىراقلىشىشتەك يامان خاراكتېرلىك ئايلانمىنى شەكىللەندۈرەتتى.

– ئۇيغۇر ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېس قىلغان ئادەملەر بىلەن ئۇيغۇر، سىز مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى ئۇنۇتمىغانلىقىڭىز مۇھىم، بىر بىرلىكتە بۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى، بۇ مىللەتنىڭ ئەزاسى، ھازىر بۇ مىللەت ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرگە دۇچار بولدى، بۇ بىزگە كەلگەن سىناق ھەم پۇرسەت، ئ‍ۆزىمىزنىڭ كىملىكىگە ياخشى تەبىر بېرىپ، بىرلىشىشنىڭ نىمىلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكىنىمىزدە، بىز چوقۇم بۇ سىناقلاردىن ئۆتەلەيمىز،- دېدىم ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن يەكۈنلىگەن تۇيغۇلىرىمنى ۋە تەپەككۇرلىرىمنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلغاچ.

– مەن <ئەركىنلىك كارۋىنى> دەپ بىر پائالىيەت قىلايمىكىن دەي ئويلاۋاتىمەن، فىنلاندىيىدىن باشلاپ ماشىنىدا مېڭىپ، ھەرقايسى ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ نامايىش قىلغاچ، يولدا ماڭغاچ ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلسام، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئۇچراشسام، ئەڭ مۇھىمى بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار بىر قېتىم ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە بىر ئىش قىلىپ بىر مۇناسىۋەت تورى شەكىللىنەتتى،- دېدىم گوللاندىيىلىك بالىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋاتئەپ توپىدا ئېچىلغان تېلېفۇن يىغىنىدا. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى، كۈنتەرتىپى ۋە مەقسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي ھەركەت پىلانىنى ئۇلارغا يوللاپ بېرىپ. بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلىلىي پىلانلىرىنى مەسلىھەتلىشىش ئ‍وخشىمىغان مۇھىتلاردا ياشاپ چوڭ بولغان، ئوخشىمىغان مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بىزلەرگە پىكىر ئالماستۇرۇشقا ياخشى سەۋەب بولدى، بۇ پائالىيەت جەريانى نۇرغۇن پائالىيەتچان ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

– ئاداش، تەييارلىقلار پۈتتى، نورۋىگىيىدىكى، گوللاندىيىدىكى بالىلار بىلەنمۇ دېيىشىپ بولدۇق، سەن كەلگەندە قانداق كۈتىۋالىمىز، قانداق پائالىيەتلەرنى قىلىمىز دېگەندەك مەسلىھەتلەرنى ئايرىممۇ قىلىپ بولدۇق،- دېدى شىۋىتسىيىدە ياشايدىغان، كېيىن <ئەركىنلىك كارۋىنى> باھانىسىدە يېقىنلىشىپ دوستلىشىپ قالغان بىرى ئۇيغۇر يىگىت. بۇ پائالىيەتنىڭ خۇددىي مارجانلارنى ئۆتكۈزىدىغان يىپقا ئوخشاش ياۋرۇپادىكى پائالىيەتچىلەرنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بىر سەۋەب بولۇپ قېلىشى تەمەسىدە ۋە ھاياجىنىدا پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىغا تەقەززا بولماقتا ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا پائالىيەت ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ماشىنامغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەينەكلىرى چېقىپ تاشلاندى.

– خالمۇرات، <ئەركىنلىك كارۋىنى> غا چىقسىڭىز قانداق بولا، يولدا يالغۇز نىمە ئىشلارغا يۇلىقىسىز، ئىككى بالىمىز بار، ئەنسىرەپ قالدىم،- دەپ ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى بايان قىلغان ئايالىم. مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىم ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگىمۇ بېسىم بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئىدى. مەن ئۆزەمنىلا ئەمەس، ئايالىمنىمۇ، بالىلىرىمنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقاندەك قىلاتتىم.

– ماشىنىنىڭ تورمۇزىدا ئازراق مەسىلە باردەك قىلىدۇ، كومپىيۇتېرىدا كاشىلا چىققان ئوخشايدۇ، ماشىنىنىڭ تورمۇزى ياخشى ئىشلىمەيۋاتىدۇ، كومپىيۇتېرنى ئالماشتۇرىشىمىز لازىم،- دېدى مىخانىك ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى ئوڭشاتقاچ، باشقا يەرلىرىنىمۇ تەكشۈرتكەندىن كېيىن دىئاگنوسىنى ماڭا مەلۇم قىلغاندا. بۇنى ئاڭلاپ ئايالىمغىلا ئەمەس، ماڭىمۇ قورقۇنچ كىرىپ قالغانىدى.

– بۇ يول ئاسان يول ئەمەس، بۇ يول ھايات ماماتلىق يول،- دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغانىدى بىر كونا پائالىيەتچى ماڭا <غۇلجا يولى> دېگەن ناخشىنى يوللىغاچ. شۇنداق، بۇ يولدا ئۆلۈم بار، بۇ يولدا يىغا بار، بۇ يول بىز باش تارتىپ بۇلالمايدىغان، باش تارتساق بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان يول ئىدى. شۇنداق غايىۋىي ئىرادىلەردە ئۆزەمگە تەسللىي بەرگەچ، ئايالىمنى قايىل قىلىشقا تىرىشتىم، توغرىسى ئۇنى قايىل قىلغاچ ئۆزەمنىمۇ قايىل قىلماقتا ئىدىم.

– خالمۇرات ئۈكەم، يالغۇز ماڭىدىكەنسە قارا، مەن ساڭا مېڭىشىپ بېرەي،- دەپ تېلفۇن قىلدى شىۋىتسىيىدىكى بىر تۇرپانلىق ئاكىمىز. ئۇ ئاكىمىز بىلەن ئىلگىرى تونۇشمايتتىم، ئەمما بۇ سەپەردە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم، توغرىسى ئۆزەمنىڭ بىر قۇرساق بولمىغان بىر ئاكىسىنى تېپىۋالغان بولدۇم. ئۇ مەن بىلەن بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان، بىر ئاتىدىن تۇغۇلمىغان ئىدى، ئەمما مەن بىلەن بىر سەپەردە ھەرقانداق ئىش بولسا بىرگە بولۇشقا ئىرادە باغلىغان ئىدى. تۇرپانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. <ئەركىنلىك كارۋىنى> سەپىرى ماڭا ئۇيغۇرنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتىم، ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن قايتا پەخىرلەندۈردى.

ئ‍ۆزەمنى تۇرپانلىق چاغلايتتىم، ئەمما توقسۇندا تۇغۇلغانىدىم، باشلانغۇچنى توقسۇندا ئوقۇغانىدىم. ھەمدۇل بوۋامنىڭ قاراغۇجىدىن توقسۇنغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلى بىلەن توقسۇنلۇق بولۇپ قالغان، ئاتام ۋە مەن ئىككى ئەۋلات توقسۇندا تۇغۇلغانىدۇق. توقسۇننىڭ بورانلىق كۈنلىرى يادىمدىن چىقمايدۇ، مەن تۇرغان مەھەللىدە يولنىڭ ئىككى يېقىدا قارا ياغاچ دەيدىغان بىرخىل دەرەخ ئۆسەتتى، ئەتىيازدا يېشىل چىچەكلەيتتى، بىز شۇ چېچىكىنى تېرىپ يەيتتۇق، ئاجايىپ تاتلىق تېتىيتتى. ھازىر ئويلىسام قىشىچە ياڭيۇ، يەسۋىلەك، سەۋزە، چامغۇر، قۇرۇتقان جاڭدۇ، چىلىغان سەيلەردىن ئالغان ۋىتامىنلار ئۆسۈۋاتقان بەدىنىمىزگە يېتىشمەي كۆكسىرەپ كېتىدىكەنمىز، شۇڭا ئەتىيازدا ئېچىلغان قاراياغاچنىڭ چېچىكىنى تېرىپ يەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن بولسا كېرەك.

– غۇپۇركا، جاڭگالغا چىققان، قارسام قىرۋېشدا بىدىلە كۆكلەقاپتىكە، تېركەلدىم، بىزنىڭ ئۆيدىكى بەنشىر قىۋاتىدۇ، كىرىپ يىگەچ پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرپاقامدۇق،- دەپ ئىشتىنىدىكى ئۇنلارنى رەڭگىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن شەپكىسىنى بىلەن ئۇرۇپ قېقىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى سېمونت سۇپىغا ئەپلەشتۇرۇپ كېسىۋالغان كىگىزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ موخوركا ئوراۋاتقان دادامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇراتتى ئابلىمىت ئاتام. ئۇدۇل قوشنىمىز ئىدى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مېنىڭ ساۋاقدىشىم ۋە بالىلىقتىكى دوستۇم ئىدى. دادام موخوركا خالتىسى بىلەن تاماكا ئوراشقا كېسىپ تەييار قىلىۋالغان گېزىتنى ئابلىمىت ئاتامغا ئۇزاتقاچ:

– ئاۋلىمىت، ئاۋۇ شورتاڭلىقنى قاناق قىلدىڭىزلە؟ ئېچىپ بولدىڭىزلەرمۇ؟- دەپ گەپ باشلايتتى.

– ۋاي، بىلەكلىمۇ تەسكەن دىسىڭزا، شورىنى تاتىدىغانغا يېنىغا ئازگال تاتقويغان، سۇ باشلا قويسام كېڭىز بىر ئىشقا يارىغاندەك ئەمەس، قۇمۇش تېرقويدۇم،- دەپ موخوركىسىنى ئورىغاچ جاۋاب بېرەتتى.

– ھۇي ئاۋلىمىت، تاماق پىشتى،- دەپ ۋاتقىرايتتى پاتىمغان ئاپام ئەمدىلا موخوركىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ پارىڭىنى قىلىشقا باشلىغان ئابلىمىت ئاتامغا. دادام ئىككىسى تاماكىسىنى چېكىشىپ بىربىرى بىلەن دېيىشىۋالغاندەكلا تەڭلا قوپۇپ مېڭىشاتتى.

– ھېي، نەۋاتدىغاندۇ چۈش ۋوغاندا، سىز قېلىڭ مىيەدە- دەپ ۋاتقىرايتتى ئانام دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ.

– غۇپۇركام بىدە بەنشىرسى يەۋالسۇن،- دەپ دادامنىڭ ئورنىدا جاۋاب بېرەتتى ئابلىمىت ئاتام. قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق يېقىن ئىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە تاماق بالدۇر تەييار بولسا، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلەرنىڭ شۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ يەۋېرەتتى.

– مىيەكە دىسىلا كىتىۋېتىدۇ، ياپمانان قىقويسام، كىم يەيدۇ ئەمدى،- دەپ قاقشاپ كېتەتتى ئانام. ئەمما تۇۋاقنى شۇنداقلا ئاچسا رىسقى چۈشكەنلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى.

– توشقان گۈشىدا ياپمىنان قىپسىزلەمىنىمە، بىلەكچىلا پۇراكەتتىغۇ، قەمەرخاننىڭ قولى تاتلىق- دەپ ھاسىسىنى سۆرەپ كىرەتتى زەينەپخان ئانام.

– ئەدەمنى قېرى كۆسىتىدۇ دەپ تۇتماپتىكەنمە قاراڭ، بىلەكچىلا ئەپلىك نەسىكەن بۇ،- دەپ ئوخشاش گەپنى ھەر قېتىم تەكرارلايتتى ھاسىسىنى ياغاچ سۇپىنىڭ يېنىغا تىكلەپ قويۇپ قويۇپ، يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتاغاچ.

– كىم تۇتۇپتۇ بۇنى؟ خالىق تاغقا چىقىپنىمە؟- دەپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى.

– ئاۋۇ باراتلا قۇمۇشلۇققا سىرتماق قۇقۇيكەنتۇق، بىلەكچىلا جىق توشقان چۈشكىتتۇ، بىزگە ئەكەپ بەگەن،- دەپ تەخسىگە ياپماناننى ئۇسقاچ جاۋاب بېرەتتى ئانام. شۇ كۈنلەر بەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، باشتا زەينەپ ئانام، كېيىن ئابلىمىت ئاتام تۈگەپ كەتتى. زەينەپ ئانام كېسەلچان بولۇپ قالغان، ئەمما ئابلىمىت ئاتامنىڭ تۈگەپ كېتىشى قازا ئىدى. ئۇ ئارقا ھويلىسىغا باراڭ سېلىۋاتقاندا، باراڭدىن يىقىلىپ كېتىپ تۈگەپ كەتكەنىدى. پاتەمخان ئاپام قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن تۈگەپ كەتتى. دادام رەھمەتلىك بەلكىم يۈرەك قان تومۇر تىقىلمىسى بىلەن تۈگەپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئانامنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئانامغا ئاتامنىڭ جازا لاگېرىغا تۇتۇلىشى ئېغىر كېلىپ تۈگەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن. چۈنكى، ئاتام جازا لاگېرىغا تۇتۇلۇپ كېتىپ ئۇزۇنغا قالمايلا ئانام تۈگەپ كەتكەنىدى، يالغۇز ئوغلىنىڭ ئۇنداق بىر كۈنلەرگە قېلىشىنى كۆرۈش ئەلۋەتتە ئېغىر كېلەتتى.

– ئاپاڭنى كۆڭۈڭ كەپتۇ ھە بالام- دەپ مېنى ئېتىكىدە ئولتۇرغۇزۇپ بېشىمنى سىلاپ كېتەتتى ئانام ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى دېگەن كارتوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆز يېشى قىلغانلىقىمنى كۆرگىنىدە. يوتۇبىدىن ئۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېپىۋالدىم. ئۇنى كۆرۈپ بالىلىقىم يادىمغا كەلدى. ھەركۈنى مەكتەپتىن كېلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ كۆرەتتۇق. دادام رەھمەتلىك ۋە ئانام رەھمەتلىكلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئاتام بىلەن ئاپام تۇرپاندا، مەن توقسۇندا ئىدىم. يەرگە كىگىزنى سېلىپ، يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدا بەداشقان تۈگۈپ ئولتۇرۇپ باراڭدىن ئۈزۈپ كېلىپ بىر چىلەك سوغاق سۇغا چىلاپ مۇزلاتقان ئ‍ۈزۈمنى لېگەنگە ئېلىپ كېلەتتى نەۋرە ئاچام. ئۇ مەندىن يەتتە ياش چوڭ ئىدى، بىر ئۆيدە چوڭ بولغانىدۇق. ئانام رەھمەتلىك پىدىگەن، جاڭدولاردا سەي قورۇپ، ئارىسىغا قوي مېيى بىلەن پىياز ئالغان جەڭزە قىلىپ بېرەتتى. بەك ئ‍وخشايتتى، دادام رەھمەتلىك بەك ئامىراق ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئانام رەھمەتلىك ھەركۈنى دېگۈدەك كەچلىك تاماققا شۇنداق قىلاتتى. تاماقنى يەپ بولۇپ ئۆگزىگە چىقىپ، كىگىزنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويغان ئەسكى قارلەيلىسى تېلۋىزورنى قويۇپ غەرىپكە ساياھەتنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇخلايتتىم. كېگىزنىڭ ئۈستىگە كۆرپە سېلىپ، ئاندىن ئەدىيال يېپىنىپ ياتاتتۇق، تاڭغا يېقىن سوغۇق بولاتتى، يوتقان يېپىنىۋالاتتۇق. تاڭ يورۇمايلا دادام رەھمەتلىك مېنى چاقىراتتى، چىقىپ بىللە قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ ھويلىلارنى سۈپۈرپ سۇ چاچاتتۇق. يەردىن چىققان نەم ھىدىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. تەرخەمەك، پىياز، پەمىدۇرلاردا سوغۇق سەي قىلىپ، ئۈزۈم، نانلار بىلەن ناشتا قىلاتتۇق. ئانام قايماقلىق قىلىپ سۈتلۈك چاي قىلىپ بېرەتتى، شۇنىڭغا توقسۇننىڭ نېنىنى چىلاپ ئۇنتاق قىلىپ يەپ بولۇپ، بوغچامنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭاتتىم. مەھەللىدىكى بالىلار دوقمۇشتا بىربىرىنى ساقلىشىپ بىللە ماڭاتتۇق. ئېتىزغا ماڭغان دېھقانلارنىڭ ھارۋىلىرىغا ئېسىلىۋالاتتۇق، ياكى ئارقىدىن ئەرگىشىپ يۈگۈرۈپ بىردەمدىلا بېرىپ قالاتتۇق. ھەجەپ گۈزەل چاغلار ئىدى. ھەممە ئادەم تۇرپانچە گەپ قىلاتتى، ھەممە يەردىن تۇرپاننىڭ توپىسىنىڭ ھىدى كېلەتتى. شۇنداق يېزا ھاياتىنى ياشاپ باققانلىقىم ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلەر بولۇپ قالغانىكەن.

– ھېي پوۋاشلا، بىر يىغىلىشپاقمايمىزمۇ؟- دەپ سورىدىم تۇرپانلىقلار توپىدىكىلەرگە. ۋەتەننىڭ ئەسلىمىسى ھەممە ئادەمگە ھەرخىل بولىدىكەن، ھەممە ئادەم ئۆزى چوڭ بولغان يەرنى ئاۋۋال ۋەتىنىم دەپ ئەسلەيدىكەن. شۇ يۇرت سۆيگۈسى ئىنساندا ئۆپچە مىللەت سۆيگۈسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئائىلىدىن ھالقىغان تۇنجى بۆسۈشى بولىدىكەن. ئىنسان شۇنداق بۆسۈشلەردىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىزلەيدىكەن، ئۆزىگە ئۆزى قارار بېرىدىكەن. چەكلىمىلەردىن ھالقىپ چىقىش ئاسانغا توختىمايدىكەن، بولۇپمۇ ھېچنىمىسى كېپىللىككە ئىگە بولمىغان توپلۇملاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن.

– ئاۋۇ خوتەنلىك گۇتوزا بىزنىڭ تۇرپانلىق قىزلارغا چاقچاق قىپ يۈرىدۇ دەيدۇ، قاناق قىلمىز؟- دەپ بىزدىن مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەنىدى ئۇنۋېرسىتېتتا ۋاقتىمىزدا ئۆزى قوغلىشىۋاتقان قىزنى باشقا بىرىنىڭمۇ قوغلاشقانلىقىدىن بىخەتەر ھېس قىلالماي، ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە يۇرتۋازلىقنى باھانە قىلغان بىر تۇرپانلىق يىگىت. ئادەملەر توپى دائىم ئۇلار ۋە بىز دېگەن ئايرىشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەت پاسىلىنى ئېنىقلاشقا ۋە قوغداشقا تىرىشىدىكەن. تۇغۇلغان يەر، تىل، ئېتىقاد قاتارلىق كەڭ ئومۇملۇققا ئىگە نۇقتىلار دائىم كىشىلەرنىڭ كاتىگورىيىلىشىگە، ياكى گۇرۇپپىشىش، گۇرۇھلىشىشىغا قولايلىق ئامىللار بولىدىكەن. شۇ ئامىللارنى چۆرىدىگەن ھالدا كىشىلەر بىر يەرلەرگە توپلىنىدىكەن، ئۆز مەنپەئەتىنى قانائەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدىكەن. ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆزى بىلەن ئورتاقلىقى بولغان يەنە بىرىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاسانراق ھېس قىلىدىكەن، شۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كېلىشىگە ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولىدىكەن. قەۋممۇ، يۇرتمۇ، مىللەتمۇ، ئۇلۇسمۇ، دۆلەتمۇ شۇنداق بىرلىشىشلەردىن روياپقا چىقىدىكەن.

– خوتەنلىك بولامدۇ، قەشقەلىك بولامدۇ، ھەممىسى ئۇيغۇرغۇ، نىمىلا قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى،- دەپ ئۇنىڭ گېپىگە رەددىيە بەرگەنلىكىم مېنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغانىدى.

– ئۆزلەگىغۇ ئوخشاش، چەتئەللىكلەر بىلەنلا يۈرگەندىكى،- دەپ رەددىيە بەردى، ھەيران قالىدىغىنىم، ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئارتۇقچىلىقى دەپ سانالغان ئامىللىرى بەزىدە نۇقساق، ھەتتا كۈچۈرگىسىز كەمچىللىك بولۇپ قالىدىكەن. ئىتتىپاقلىشىشقا دەخلى قىلىدىغان بارلىق ئامىللار شۇنداق نۇقسان، كەمچىللىك، ھەتتا نومۇسلۇق ئىشلار بولۇپ چۈشىنىلىدىكەن، چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلىققا ئورتاق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى كېيىنچە باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن كۆپ ئارلىشىش جەريانىدا ھېس قىلدىم، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى.

– ھاررى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ۋىزيونى نىمۇ؟- دەپ سورىدى مەندىن سىياسەت كەسپىدە ئوقىغان بىر دوستۇم.

– مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش،- دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ۋىزيونىنىڭ، يەنى چۈشىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.

– ئۇيغۇرلار شۇ ۋىزيون ئۈچۈن قانچىلىك بىرلىككە كەلدى؟ قانچىلىك ئورتاق ھەركەتتە بولدى؟- دەپ قايتۇرۇپ سورىدى مەندىن. ئۇنىڭ ھېچقانداق باھالاش ئارىلاشمىغان سۇئالىغا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقلاش پوزىتسىيىسىدە بولۇش ئۈچۈن پىسخىكىلىق قارشىلىقتا بولىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلغان دوستۇم:

– ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا سولانغاندىمۇ بىرلىككە كېلەلمەسلىكى باشقا نەرسىدىن ئەمەس، ھەممە توپلۇملاردا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى تەتقىقاتچىلارغا قويايلى. بىر ئەمەلىي مەسىلە شۇ، ئۇيغۇرلارغا قارشىلىق بولۇشى كېرەك، قارشىلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۆلەم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردا بىر ۋىزيون بولۇشى كېرەك، يەنى بىر ئۇيغۇر چۈشى بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇر چۈشى كەڭ دائىرىدە باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە تارتالايدىغان بولۇشى كېرەك،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى. ياۋرۇپالىقلارنىڭ شۇنداق تەپەككۇرىنى ياقتۇراتتىم، سوغاققانلىق، ھېس تۇيغۇلاردىن مۇستەسنا ھالدا مەنتىقىلىك ۋە ئەقىل بىلەن ئېلىپ بېرىدىلىغان رېئالىستىك تەپەككۇر شەكلىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم.

– ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئۇقۇمى بەك كۈچلۈك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرىشى، مەن ئۆزەمنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرسەم، ئائىلەمدىكىلەرگە تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارنىڭ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشتىن بولغان. ھەركەت قىلسام خىتاينىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئۆچ ئېلىشىدىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم. ئائىلەمدىكىلەر بىلەن خاتىرجەم ياشىيالىسام، ئۇلار بىلەن بىربىرىمىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالالىساق، كۆرۈشۈپ تۇرالىساق، دوستلىرىم بىلەن مۇڭدىشالىسام، ئۇلار بىخەتەر بولسا ماڭا شۇ ئەڭ قىممەتلىك. شۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر تەھدىتكە سېلىش مەن ئۈچۈن مەنتىقىلىك ئەمەس، شۇڭلاشقا سۈكۈتنى تاللىغانىدىم. مەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتنى تاللىشىدا شۇنداق سەۋەبلەر ئاساسلىق دەپ ئويلايمەن،- دەپ جاۋاب قايتۇردۇم.

ئاپامنى لاگېرغا تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشلىرىمنىڭ بىرى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كەيپىياتىمنى تەڭشەش بولغانىدى، شۇ كىتابلاردىن چۈشەنگەن دۇنيا مېنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش شەكلىمدە زور ئۆزگۈرۈش ياسىغانىدى.

مىللەت، دۆلەت ئۇقۇملىرى ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى مەلۇم بىر توپلۇمغا بولغان ساداقەت تۇيغۇسى ئىدى. بۇ ساداقەت تۇيغۇسى شەخسىي مەنپەئەت بىلەن توپلۇم مەنپەئەتى ئارىسىدىكى ئورتاقلىقتىن شەكىللىنەتتى ۋە كۈچلىنەتتى. بۇ خىل ماددىي چەكلىمىلىكتىن ھالقىش ئۈچۈن ئىنسانلاردا ئەدەبىيات، سەنئەت، دىن ۋە ئەخلاق ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ شەكىللەندۈرۈلگەن رىۋايەتلەر، رومانتىك تۇيغۇلار ۋە قىممەت قاراشلىرى بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە كېيىنكى شۇ ئامىللار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تاشلار ئارىسىدىكى يوچۇقلاردا ئۆسۈپ چىققان چېچەكلەردەك مۇمكىنچىلىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىش ماھارىتى ئارقىلىق ياراتقان شارائىتلار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن ۋە بۇ توپلۇم ئارىسىدا تارقالغانىدى. مىللىتارىستلار، گومىنداڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى رىجىمىدا بۇ مىللەتنىڭ كىملىكىگە ئېنىقلىما بېرىش خىزمىتى داۋام قىلىش ئارقىلىق، تەكلىماكاندىكى بوستانلىقلار كىملىكىنىڭ ئورتاق بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۇيغۇر نامىغا ساداقەت بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلۇققا ئۇيۇشۇش ھەركىتى خىتاينىڭ زۇلۇمى ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىدىن ئەمەلىيلەشكەنىدى. بۇ قاراش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مىللىي توپلۇملىقىنى ئىنكار قىلمايتتى، چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى تېرىتورىيىسىدا ھەقىقىي بىرلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر مىللەت، بىر دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلەپ، زېمىن ھەقدارى بولۇش ھوقۇقىنى يۈزگۈزىشى ئۈچۈن شۇنداق بىر مىللىي تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋىزىيونى ئىدى. بۇنىڭ ئاۋام خەلققە چۈشەندۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى نۇسقىسى بىز ئائىلىمىزنى باياشات، ئەركىن ۋە ئىنسانلار باراۋەر بىر مۇھىتتا ياشاشقا ئېرىشتۈرۈش ھەققىگە ئىگە، بۇ ھەق ھېچكىم تەرىپىدىن تارتۇقلانمايدۇ، تەغدىم قىلىنمايدۇ، بەلكى ياراتقۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە تۇغۇلىشىمىزدىن بېرىلگەن تۇغما ھوقۇقىمىز دەپ چۈشەندۈرۈش ئىدى.

– ئائىلە ئۇقۇمى مىللەت، دىن ، مەدەنىيەت ۋە دۆلەت چىگرىسى ھەلقىغان ئۇقۇم، مەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزىيونى ئائىلە دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بىزنىڭ مىللىتىمىزگە بولغان ساداقىتىمىز ئائىلىمىزدىن كېلىدۇ. ھەممە ھەركەتلىرىمىز ئائىلە چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، ئائىلىمىز ساق بولسا بىللەت ساق بولىدۇ، مىللەت ئەركىن ياشىيالىسا ئائىلىمىزدە خاتىرجەملىك بولىدۇ. شۇڭا ئائىلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مىللەتكە بولغان ساداقەت شەكىللىنىدۇ،- دەپ ئويلايدىغانلىقىمنى ئىزھار قىلدىم. ئەمما، بۇ قارىشىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك رومانتىكىسىغا كۆنگەن مىللىتىم ئۈچۈن دەماللىققا قوبۇل قىلىش تەس بىر قاراشلىقىنى بىلەتتىم. بىز نەرسىلەرنى مۇتلەقلەشتۈرۈشكە كۆنگەن، ئۆزىمىزگە ئورتاق دەپ قارىغان نەرسىلەرنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا، ئۇلارغا تەسەۋۋىرىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك باھالارنى بېرىشكە كۆنگەنىدۇق. ئۆز ھەركىتىمىزدە ئۇنداق بىر ئىپادىدە بولمىغان بولساقمۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە، مۇنازىرىدە، ئەڭ قورقۇنچلىقى باشقىلارنى باھالاشتا شۇنداق ئۆلچەملەرنى قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇنداق ئادەتلەرگە قارشى سۇئال قويۇشلار ئاسىيلىق دەپ قارىلىدىغان ئىجتىمائىي تەپەككۇر تەرتىپىنى ئومۇملاشتۇرغانىدۇق.

مەن ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم، ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولدۇم، ئۇيغۇرنىڭ يېزىسىدا ياشاپ باقتىم، ئۇيغۇرنىڭ دېھقانلىرىنىڭ نېنىنى يىدىم. بالىلىق ئەسلىمەم ئۇيغۇرغا تويۇنغان بىر مۇھىتتا قالدى. كېيىن قوشتىللىق مائارىپ سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئالىي مەكتەپتە خىتايلار بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇدۇم، خىتايلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتتىم. ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن كەمسىتىلدىم، ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى تونۇتۇپ قويۇشقا تىرىشتىم. بىزنىڭ مىللىي تۇيغۇمىزنى خىتاينىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئويغاتقان، كەمسىتىشلەر كۈچلەندۈرگەنىدى.

– ھېي، قارا، ئاپتوبۇستا شىنجاڭلىق تۇرىدۇ، يانچۇقىڭغا دىققەت قىل،- دەپ پىچىرلاشلارنى كۆپ ئاڭلايتتىم ئاممىۋىي قاتناشلاردا. شۇڭا مېڭىپ بارغىدەكلا يەر بولسا پىيادە مېڭىشقا تىرىشاتتىم. قورقۇپ ئەمەس، چۇس مىجەزىمدىن ماڭا شۇنداق ئالىيىپ قارىغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، پاتتىڭىدىن تۇتۇپ:

– زالې، كەنسانې، شىياڭ شاچۇ گېن لاۋزى چىېسويىشاما؟- دەپ سىلكىشلەپ، ھەتتا بەزىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قاچقانلارنىڭ ئارقىدىن بېرىپ ئاچچىقىمنى چىقىرىپ بولۇپ قېچىپ كەتكەنىدىم. ئەمدىلا يىگىتلىكىم ئۇرغۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۇچرىغان ناھەق كەمسىتىشلەرگە چىدىمايتتىم، قولۇمدىكى تاتۇقلار شۇۋاقىتلاردىكى شوقلىقىمدىن قالغانىدى. شوقلۇق دېسەم قانداق بولىدۇ، بەلكىم قېنى قىززىق ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ۋاقىتلىرىم دېسەم توغرا بولىشى مۇمكىن. شۇ خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ زەھىرىگە ئۇچرىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇ ۋاقىتلاردا ھېس قىلالمايتتىم، ئېشىپ تۇرغان ھورمۇنلىرىم ئۇنداق تەپەككۇرلارنى قىلىشقا يول قويمايتتى.

– سىلەر ياۋروپالىقلار ئۆزەڭلارنىڭ مىللەت نامىدا دۆلەت قۇرۇپ، دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى رومانتىسلاشتۇرۇپ، كۈچلىنىپ، دۆلىتىڭلار ۋە مىللىي تەركىبىڭلار ئېنىقلىنىپ، مەدەنىيىتىڭلارنى قوغدايدىغان، داۋام قىلدۇرىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گەۋدىلەرنى مۇستەسكەم قىلىپ بولۇپ، بىزنىڭ ئۇنداق ئىدىيىلەردە بولۇشىمىزنى مىللەتچىلىك دەۋالساڭلار قانداق بولىدۇ؟ ۋەتەن ئۇقۇم راستلا تەسەۋۋۇردىن كەلگەن، كىشىلەر توپى ئۇنى ئېتىراپ قىلغان، ۋە مەلۇم جۇغراپىيە دائىرىسىنى ئۆزىنىڭ كوللىكتىپ مۈلكى تونۇپ پاسىللىرىنى ئېنىق قىلغان، شۇ پاسىللار ئىچىدا ھەرقانداق بىرىنىڭ شۇلار شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەت، تىل مۇھىتىغا ماسلىشىشىنى مەجبۇرلاشنى ھەقلىق تونىيدىغان بىر سېستىمىنى يارىتىپ بولۇپ، بىزنىڭ شۇنداق بىر سېستىمىنى يارىتىش ھوقۇقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزنى يولسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىشىڭلار قىززىق،- دەپ تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلە دوق قىلدىم سىياسەت ئ‍وقىغان دوستۇمغا. ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقنىڭ دۆلەتچىلىكتىن ئۈستۈن تۇرىغانلىقىغا ئائىت پەلسەپەسىدىن زېرىككەنىدىم.

فىنلاندىيىنىڭ يېزىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋاقتىدا فىنلاندىيىدىكى بىر گۈزەل كۆل بويىدىكى يېرىم ئارالغا تۇرپانلىقلار يىغىلدۇق. ياۋرۇپادىكى سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن قىرىققا يېقىن تۇرپانلىقلار بىر يەرگە كېلىپ، تۇرپانچە سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىمىزنى بېسىشقا تىرىشتۇق.

– ماۋۇ پوۋاشلارنىڭ ئوتتۇركەنكىننى، ھېي، مىيەگە قاراباقسىڭىزلىرا، بىريەگە كىقاپتىمىز، ئاناق قىماي مانداق بىريەدە ئوتۇرۇپ پاراڭ سوقپاقنا

– ھەي ساخو، بۇ ئۇيغۇردىگەن ناخشا ئېيتپەمىسە بىريەگە كەمەيدۇ ماقمۇ، ئا دۇتتارلىرىنى چەپباقسىرلىرا، پىقىراپ پىرقىراپ ئۇسۇل ئوينايمىز دەپ ھەممىسى كىۋەپ ساراڭ قىقويدۇ

– ھېي، ئاۋۇ بىللەكچىلا بىرنەسىلەنى دەيدىغۇ، ما كۆلدىن بىلىق چىقامدا، تۇتپاقسىڭىزلا پىشۇرۇپ يەپاقىمىزمىيە

– ئەنېي، قۇرساقنىڭلا گېپىنى قىغان، ۋايئاتتام، ئۇسۇل ئوينايمىز داۋاتسا

– ھېي، ئا يۇرتتا تۇغقانلانى تۇتىۋاسا بىز مىيە ئۇسۇل ئوينايمىزما ئەمدى

– بىللەكچىلا پاراڭ قىلدىغان ساخوكەنغۇ بۇ، ئەمدى يىغلاپلا يۈرمىزما ئايناق، ئۇيغۇر دىگەن ئاسمان ئۆرۈلكەتسىمۇ مايناق ناغرا چېلىپ ئولتۇردىغان خەق بىز، دۈشمەنلەرنى كۈلۈپ چىپىڭ قىلىپ ئۆلتۈرۋېتىمىز

– ما تازنىڭ گەپلىرىنى، ئەھ

– ھېي، سوقۇشمايپاقسىڭىزلىرا، ئەپلىك ناخشىدىن بىرنى چېلقۇيپانايمۇ، ئاڭلاقۇيباقامسىزلە

– چېلىڭە، ھەجەپ تۇمىنىڭ راڭپىزىسىنى يىگىم كەلدى

– ھېي، تۇپانلىقمىنە سىز، توقسۇنلۇقتەڭلا گەقىلدىكەنسىزغۇ، مە تېخى سىزنى توقسۇنلۇقمىكىن دەپتىمە

قويۇق تۇرپان تەلەپپۇزى ئادەمنى ۋەتەنگە قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەنىدى. ۋەتەن ھەممىزگە ئۆزىمىز تۇغۇلغان يەر ئارقىلىق تونۇلغان، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئۆزىمىز تۇغۇلغان يەرگە بولغان مۇھەببەتتىن ئۆگەنگەنىدۇق. ئەمما ۋەتەن دېگەن زادى نىمە؟ شۇنداق خىياللار مېنى قىينىماقتا، يۈرىكىمگە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بۇ سۆزگە تەبىر بىرىشكە قىينالماقتا ئىدىم.

ھېلسىنكىدە نامايىش بىلەن باشلانغان <ئەركىنلىك كارۋىنى> پائالىيىتى يازنىڭ ئىسسىقى بېسىلىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلارغا توغرا كەلدى. سىناتىن بازىرى مەيدانىدا فىنلاندىيىنىڭ ئىلگىرى چارپادىشاھ ئىمپىرىيىسىنىڭ كېنەزلىكى بولغانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدا ھېلىھەم قەتكۆتۈرۈپ تۇرغان چارپادىشاھ پېتىرنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ نامايىش قىلدۇق. نامايىشقا تەخمىنەن 15 ئەتراپىدا ئۇيغۇر كەلگەنىدى، نامايىشنى باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرغىچى ئاكىمىز فىنلاندىيىدە ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي ۋە جەمئىيەتچىلىك ئىشلىرىنى قىلىپ كەلگەن ئاكىمىز ئىدى. ئۇنىڭ ئاقارغان چاچلىرى، چارچىغان چىرايىدىن ئاكىمىزنىڭ يېشىنى ھەرقانداق بىرى يۇقىرى ئەمەلىيەتتىن يۇقىرى مۆلچەرلىۋالاتتى.

– ھاجىم ئاكا، ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، مەن كىتابىمغا قىستۇرغان بولسام، – دېدىم فىنلاندىيە جامائىتى ئىچىدە مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ مىللەت سۆيەر ۋەتەن ئاشىقىدىن. ئاق سېرىق كەلگەن، يىللارنىڭ قىسمەتلىرى چارچاتقان بۇ ياش ئەمما پىشقەدەملەردىن بولۇپ قالغان كىشى كۆزلىرىنى بىرقانچە سېكۇنت قىسىپ تۇرۇپ، بېشىغا كەلگەنلەرنى ئەسلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى.

– ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭى مۇستەقىل بولغاندا شۇ يەرلەرچە چىققانىدىم، شۇ يەرلەردە سودا قىلاي دەپ ئويلىغانىدىم. سودىمۇ قىلغانىدىم، كېيىن ئۆزبېكىستاندا يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلۇپ، تاپقان تەرگىنىمنىڭ ھەممىسىنى يۇقىتىپ تۈرمىگە كىرىپ قالدىم. ئۇ يەردىن بىر ئاماللار بىلەن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن تۈركمەنىستانغا قاچتىم، پۇل بەرسىلا ماشىنا بىلەن ئ‍ۆزبېكىستاندىن ئاچىقىپ قۇيىدىكەن. شۇيەردە ئۇيغۇر مەھەللىسى باركەن، قارىسىڭىز ۋەتەنگىلا ئوخشايدۇ. ئەمدى مۇشۇ يەردە قالسام بولغىدەك، ۋەتەندە ياشىغاندەك ياشىغىدەكمەن دەپ، شۇ يەردە قالماقچى بولدۇم. بىر ئاكىمىز بېشىمنى ئوڭشاپ قويماقچى بولدى، ئەپلەشمىدى. ئۇ يەردىن قېچىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئېرانغا كىردىم، ئۇ يەردىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى چۈشىنىدىغان ئادەملەر جىقكەن. ماڭا جىق ياردەملەرنى قىلدى، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارمۇ باركەن، شۇلار بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. سودا قىلدىم، يانچۇقىمنى چىڭداشقا تىرىشتىم. ئۇكام، ۋەتەنسىز بەندە نەگىلا بارسا يېتىم بالىدەك تاسقىلىدىغان ئىشكەن، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىگە چىقىپ كەتتىم. تۈركىيىدە خېلى ئوبدان ياشىدىم، ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بەرمەيتتى، شۇ قارا نوپۇس بولۇپ ياشىدۇق. شۇ ۋاقىتلاردىمۇ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا قاچىدىكەنتۇق، مەن شۇنداقلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. كىمە بىلەن يۇنانىستانغا (گىرىتسىيىگە) قاچتۇق، شۇ پاراخوتتا مەندىن باشقا يەنە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىدى. يۇناننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئاز قالغاندا يۇناننىڭ پاراخوتى كېلىپ بىزنى توسىۋالدى. پاراخوتتا ئىراقلىق، ئىرانلىق ۋە كۈرتلارمۇ بار ئىدى، شۇلار پاراخوتنىڭ تېگىنى تېشىپ چۆكتۈرۋەتسەك، يۇناننىڭ چىگرىسىدا چۆكۈپ كەتسە بىزنى مەجبۇرىي قۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇنانغا ئېلىپ كېتىدۇ دەپ پاراخوتنىڭ تىگىنى تەشتى. بىز نەدە ئۇنداق جىق سۇنى كۆرگەن دەيسىز، قورقتۇق، ھەممىمىز ئۇنداق چوڭقۇر سۇدا ئۈزەلمەيدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن تاكى پاراخوت چۆكۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇردۇق، ھېلىقى  مەندىن باشقا ئىككى ئۇيغۇر بالا بىلەن ئۈچىمىز مىشەدە ئۆلەپ كېتىدىغان ئ‍وخشايمىز دەپ بىربىرىمىزگە رازىلىق بېرىشىپ، گۇناھلىرىمىزغا تۆۋبە قىلىپ، شاھادىتىمىزنى يېڭىلاپ تۇرساق، يىراقتىن تۈركلەرنىڭ پاراخوتى كېلىپ بىزنى پاراخوتقا چىقىرىپ قۇتقۇزىۋالدى. شۇنىڭغىچە يۇنانلىقلار بىزنىڭ پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇردى، سۇغا سەكرەپ چۈشكەنلەرنىڭ ئۇلارنىڭ پاراخوتىغا يامىشىنى ئۇزۇن كالتەكلەر بىلەن توسۇپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى قانداق قىلامىز دەپ تۇرساق، بىز بىلەن شۇ پاراخوتتا قېچىپ قايتىپ كەلگەن بىر سۈرىيىلىك سىلەرنىڭ پاسپورتىڭلار بارمۇ دېدى، بار دېسەك، خىتاينىڭ پاسپورتى بىلەن قېچىش ئاسان، نىمە قىلىسىلەر جاپا تارتىپ دېڭىزدىن مېڭىپ، ئايرۇپىلاندا مېڭىڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايرۇپىلاندا ئايلىنىپ ئۇچۇپ قېچىپ گوللاندىيىگە باردىم. ئۇ يەردە جاۋابىم چىقماي دانىيىگە باردىم، ئۇلار بەك ئوسال مۇئامىلە قىلدى، ئادەمدەك كۆرمىدى. شۇنىڭ بىلەن نورۋىگىيىگە قاچتىم، ئۇ يەردىمۇ پاناھلىق تىلىدىم، مېنى گوللاندىيىگە قايتۇرىمىز دەۋاتقانداق قېچىپ شىۋىتسىيىگە كېلىۋالدىم. ئۇيەردىمۇ مېنى قايتۇرىمىز دېگىلى قوپتى. ئۇكام، ئادەمنىڭ دۆلىتى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى شۇ چاغدا يامان بەك ھېس قىلىپ كەتتىم، نەگىلا بارساق تاسقاقچىلىق. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلامەن دەپ تۇرسام، فىنلاندىيىدىن بىرى كېلىڭ، ياردەم قىلاي دېدى. كەلدىم، بۇ يەردە بىرى بىلەن تونۇشتۇردى، توي قىلدۇق. توي خېتى ئېلىشقا بەك جىق رەسمىيەتلەر كېتىدىكەن، ئۇلارنى ۋەتەندىن ئەكەلدۈرەلىشىم مۇمكىن ئەمەستى. شۇنىڭ بىلەن فىنلاندىيىنىڭ تېلىۋىزىيە مۇخبىرلىرىنى چاقىرىپ، پىروگرامما ئىشلىتىپ توي مۇراسىمى قىلدۇق. شۇلارنى كۆرسىتىپ يۈرۈپ پاناھلىق جاۋابىم چىقتى، مانا ياشاپ كەتتۇق ئۇكام. بۇ ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى مەندەك تاتمىسىڭىز چۈشەنمەيسىز، ۋەتەندىن تاكى تۈركىيىگىچە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرماي كەپتىكەنمەن، تۈركىيىدىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ياۋرۇپاغا كېلىۋالغىنىم بۇ يەردىمۇ بەك تاسقاقچىلىق تارتىپ كەتتىم. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر دېسە ئۇقمايتتى، نىمۇ ئۇ؟ يايدىغان نەرسىما دەپ سورايتتى قاراڭ. سەرگەردانلىقنىڭ دەردىنى بەك تارتىپ كەتكەچكىمۇ، ماڭا ئىگە چىقىپ، ياشايدىغان يەر بەرگەن مۇشۇ فىنلاندىيىگە بەك مىننەتدار بولىمەن، شۇڭا نەگىلا بارسام مىشەنىڭ بايرىقىنى ئېلىۋالىمەن- دەپ سۆزىنى تۈگەتتى ھاجىم ئاكىمىز، دېمىسىمۇ بارغانلا يەردىكى نامايىشلاردا فىنلاندىيىنىڭ كۆك كىرىستلىق ئاق بايرىقىنى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بىرگە لەپىلدېتەتتى.

ھېلسىنكىدىن ستوكھولمغا بارىدىغان پاراخوتتا يالغۇز كېتىپ بېرىپ شۇنداق جاپالىق سەپەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن شۇ ئاكىمىزنىڭ ھىكايىسى يادىمغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن كۆپ زۇلۇملارغا ئۇچرىغانىدى، مەن تاكى 2008-يىلى ناھەت تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنغانغا قەدەر ئۇ زۇلۇملاردىن خەۋەرسىز قالغانىكەنمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم مىللەتلىكىنى، بىزنىڭ ئۆتكەن يۈز يىلدىكى تارىخىمىزنى دادام رەھمەتلىكنىڭ بوۋىلىرىم ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىلىرىدىن بىلگەن، كېيىن تارىخىي رومانلاردىن بىلگەنلىكىرىمنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولساممۇ، تاكى 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى باشلانغىچە مەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتەك ھېس قىلمىغانىكەنمەن. ئەلسۆي نامىدا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ياۋرۇپاغا كۆچ- كۆچ بولۇش ھىكايىلىرىنى يازغان بولساممۇ، جازا لاگېرلىرى مېنى مېنىڭ مىللىتىم بىلەن ھەقىقىي مەنىدىن تەغدىرلاشلىقىمغا قايىل قىلغانىدى. <ئەركىنلىك كارۋىنى> مېنى قانداق بىر مەنزىللەرگە باشلاپ بارا؟ دېگەن سۇئاللارغا سەپىرىم ئارقىلىق جاۋاب ئىزدەۋاتقانىدىم.

ستوكھولمغا كەلدىم، ياۋرۇپادىكى ياش ئۇيغۇر ئاكتىۋىستلار توپىدا تونۇشۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجراسىنى بىللە پىلان قىلىشقان بالىلار ئارىسىدىكى شىۋىتسىيىدىكى بالىلار بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشىۋاتقانىدىم، ئەمما ئۇلار بىلەن خۇددىي بۇرۇندىن تارتىپ تونۇشتەك، بىر مەھەلىنىڭ بالىلىرىدەك ھېسسىياتقا كېلىپ قېلىۋاتقانىدىم.

– ئاداش، كەلگىنىڭ بەك ياخشى بولدى، قارشى ئالىمەن،- دەپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ قارشى ئالدى شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر يىگىتى. <ئەركىنلىك كارۋىنى>نىڭ تەشۋىقاتىنى سوتسىيال مېدىيادا كەڭ ئېلىپ بېتىشنى پىلانلىغان، بۇ ئارقلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتماقچى، قارشىلىق قىلىشقا پېتىنىدىغان بىر روھنى تەرغىپ قىلماقچى بولغانىدۇق. شۇنداق بىر روھنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە مەن مەيدانغا چىققانىدىم، ئەمما ئۇ روھ مېنىڭلا ئەمەس، شۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق ياشلارنىڭ ئورتاق روھى ئىدى. سىتوكھولم شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات نامايىشىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتۇق، ئالدىمىزغا كەلگەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتۇق. قولۇمدا فىنلاندىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغانىدىم، چۈنكى مەن فىنلاندىيە ۋەتەندىشى، ئۆزەمنى فىنلاندىيىلىك دەپ ئېتىراپ قىلغان بىرى ئىدى.

– سەن نىمىشقا بىزنىڭ بايراقنى كۆتىرىۋالدىڭ؟- دەپ سورىدى چىرايلىرىنى ئۆزى خالىمايدىغان بىر نەرسىنى يەۋالغاندەك پۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن بىر فىنلاندىىيلىك ئايال. ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان فىنلاندىيىلىك ئېرىقچىلارنىڭ سىمۋولىدىن، ئۇنىڭ ئاقتەنلىك بولمىغان بارلىق كىشىلەرنى فىنلاندىيىلىك ئەمەس دەپ قارايدىغان ئېرقچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدىم.

– چۈنكى بۇ مېنىڭ بايرىقىم، مەن فىنلاندىيىلىك،- دەپ جاۋاب بەردىم فىنچە، ئۇنىڭ چىرايلىرى تېخىمۇ پۈرلىشىپ كەتتى، خۇددىي ئاغزىغا كۆڭلى تاتمايدىغان نەرسىنى سېلىۋالغان بىرىنىڭ، ئۇنى تۈكۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاغزىنى چايقىغىچە تېخىمۇ بەك كۆڭلى خالىمايدىغان بىر نەرسىنى ئىچىۋالغاندەك ھېسسىياتتا. ئۇلارنى بەك ياخشى چۈشىنەتتىم، ئۇلار بىلەن كۆپ ئېيتىشقانىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپى دىندار خىرىستىئان سىياقىغا كىرىۋالاتتى، ياكى راستلا شۇنداق دىندار خىرىستىئانلاردىن ئىدى. ئاتا- ئانامنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاچ، ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، فىنلاندىيىدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سورۇنلاردىن سىرت، دىنىي سورۇنلارغىمۇ كۆپ بارغان، لۇتىرىنلارنىڭ، فرىلارنىڭ، پانتاكوستاللارنىڭ، ھەتتا ئورتودوكلارنىڭ چىركارلىرىغا بېرىپ سۆزلەپ باققانىدىم. شۇنداق دىنىي جامائەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئاشقۇن ئېرىقچىلار بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ھەتتا ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دىنىي كىتابىدىكى سۆزلىرى ئارقىلىق رەددىيە بېرىپ ئوغىسىنى قايناتقانىدىم.

– بىلەمسەن، مېنىڭ بوۋام ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان، ئاتام ئۇرۇشتا يارىلىنىپ مىيىپ بولغان، بىز دۆلىتىمىزنى ئاز قۇربانلار قۇرمىغان، ئۇنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن جىق بەدەللەرنى ئۆتىگەن. ئۇنداق قىلىشىمىز سەندەك مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىپ ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى،- دەپ ماڭا نەشتەر بىلەن گەپ قايتۇردى.

– قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ تارىخنى بىلمەيدىكەنسەن، دۆلىتىمىز تېنچلىق بىلەن مۇستەقىل بولغان، چارپادىشاھ بولشىۋىكلار ئىنقىلابى ھارپىسىدا فىنلاندىيە كېنەزلىكىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلىشى ئۇرۇش بىلەن بولمىغان،- دەپ سۆزىمنى داۋاملاشتۇرىشىمنى كەتمەيلا، ئۇ گېپىمنىڭ بېلىگە قوپاللىق بىلەن تەپتى.

– قىشلىق ئۇرۇشنى بىلەمسەن؟ داۋاملىشىش ئۇرۇشىنى بىلەمسەن؟ شۇ ۋاقىتلاردا بىز نۇرغۇن قان تۆكتۇق، ئۇنداق بولمىسا ھازىرقى ئەركىن فىنلاندىيە بولمىغان ئىدى. شۇ چاغلاردا سەن قەيەردە ئىدىڭ؟- دەپ سورىدى. بۇ گەپلەرگە بۇرۇنمۇ يولۇققان، ئۇلارغا رەددىيە بەرگەنىدىم. تۇيۇقسىزلا دادام رەھمەتلىكنىڭ بوۋىلىرىم ھەققىدە ئېيتقان ھىكايىلىرى يادىمغا كەلدى، ئۇلار كۆرەش قىلغان، قان تۆككەن، نۇرغۇن دوستلىرىنى، سەپداشلىرىنى كېيىن ئۆزلىرىمۇ تاپالمايدىغان دالىلاردىكى يەرلەرگە كۆمگەنىدى. ئەمما ئۇلاردىن بىزگە بىر مۇستەقىل دۆلەت مىراس قالمىغان، بىز دۆلەتسىز توپلۇم بولۇپ، خۇددىي ئۇۋىسى تىندۈرىۋېتىلىپ، داق يەردە يۆنۈلىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ چېچىلاڭغا قالغان چۈمۈلىلەردەك بولۇپ قالغانىدۇق. بىزنى قۇشقاچ كېلىپمۇ، توخۇلار كېلىپمۇ چوقۇلايتتى، ئۆتكەن كەچكەنلەر بىلىپ بىلمەي دەسسەپ يانجىيتتى.

– بەلكىم بىلىسەن، شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن بالىلار شىۋىتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، نۇرغۇن دۆلەتتىن پىدائىيلار كېلىپ جەڭگە قاتناشقانىدى. سەن مۇسۇلمانلار دېدىڭ، بەلكىم بىلمەي قالغان بولۇشۇڭ، ياكى پەقەتلا تېرىنىڭ تەڭگىنى ۋە خرىستىئان ئېتىقادىنى چەكلىمە قىلۋالغان كۆزلىرىڭ مۇسۇلمان تاتارلارنىڭمۇ ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ شېھىتلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمىغان بولسا كېرەك. سېنىڭ قارىشىڭ فىنلاندىيىدىكى ناھايىتى ئازساندىكى ئاشقۇن ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى، بىز فىنلاندىيىلىكلەر سېنىڭ قارىشىڭنى دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشى دەپ قارىمايمىز. مەن فىنلاندىيىلىك، فىنچە گەپ قىلىمەن، فىنلار جەمئىيىتىدە ياشايمەن، دۆلىتىمگە باج تاپشۇرىمەن، گەرەجدانلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئۆتەيمەن. سېنىڭ مېنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دېيىش ھەققىڭ يوق، ئەگەر تېرەمنىڭ رەڭگى سەۋەبىدىن بىئارام بولغان بولساڭ، ماڭا ئوچۇقىنى ئېيتقىن، سەن بىلەن سوتتا كۆرۈشەيلى،- دەپ جاۋاب بەردىم فىىنلارغا خاس سوغۇق تەلەپپۇزدا، چۈنكى تېرىنىڭ رەڭگىنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭمۇ تېرىنىڭ رەڭگى سەۋەبلىك باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جازالىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسېست گېرمانىيىسى بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان فىنلاندىيىدىمۇ تېرىنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنىڭ بىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ، ئۇنداق قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلەتتىم.

– سېنىڭ تېرەڭنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، تېمىنى باشقا ياققا بۇرىما. بۇ بايراقتا كىرىست بار تۇرسا، سەن كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن قورقمامسەن،- دەپ تېمىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدى.

– مېنىڭ دۆلىتىمنىڭ بايرىقى، بۇنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوق، چۈنكى فىنلاندىيىدە خرىستىئانمۇ بار، مۇسۇلمانمۇ بار، دىنسىزمۇ بار، ئەمما ھەممىز فىنلاندىيىلىك، دۆلىتىمىزنى سۆيىمىز. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋولى، بىرەر دىنىي جەمئىيەتنىڭ ياكى دىننىڭ بەلگىسى ئەمەس،- دېدىم، ئۇنىڭ ۋاستە تاللىمىغان ھالدا مېنىڭ فىنلاندىيىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۋالغانلىقىمدىن بىئارام بولۇپ، مېنى ئۇنداق قىلىشىمدىن ۋازكەچتۈرمەكچى بولغانلىقىدىن نەپرەتلىنىپ. ئۇ ماڭا:

– ئەيسا سېنى سۆيىدۇ،- دەپ بولۇپ كەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:

– مەن بىلىدىغان ئەيسا ئەلۋەتتە مېنى سۆيىدۇ، ئەمما ياخشى سەمەرىيىلىك بولالمايدىغان يالغان ئەگەشكۈچىلىرىنى سۆيمەيدۇ. يادىڭدا بولسۇن، ئۇ شۇنداق ۋەدە قىلغان، ئاخىرقى زامان بولغاندا كىشىلەر كېلىدۇ، ماڭا <بىز سېنىڭ نامىڭدا كېسەل داۋالىدۇق، مۆجىزىلەرنى قىلدۇق، سېنىڭ نامىڭدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدۇق> دەيدۇ، مەن ئۇلارغا< يوقىلىڭلار، مەن سىلەرنى تونىمايمەن > دەيدۇ،- دەپ رەددىيە بەردىم. ئۇ ئارقىغا بۇرۇلماقچى بولغاندا مەندىن بۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ، قايتىدىن ماڭا يېقىنلىشىپ:

– سەن ئەيسانى تونىمايسەن، شۇڭا مېنىڭ دىنىم توغۇرلۇق گەپ قىلما،- دەپ زەردە بىلەن گەپ قايتۇردى. ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:

– كورىنتىنلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەتتە پاۋلوس شۇنداق دېگەن< سىلەر ئەيساغا ئىشەنسەڭلار، سىلەردىن ئەيسانىڭ خۇش ھىدى كېلىدۇ>، مەن سەندىن ئۇنداق بىر مېھرىبانلىقنى، ئۇنداق بىر خۇشپۇراقنى ھېس قىلمىدىم. يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئەيسا يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنى ياقتۇرمايدۇ، يالغاندىن ئۆلچەملەرنى چىقىرىۋالغانلارغا يەھيانىڭ چوقانىنى تەكرارلارمەن < ئەي زەھەرلىك يىلانلار، يوقال كۆزۈمدىن>،- ئۇ مېنىڭ خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇنچە ياخشى بىلىشىمدىن ھەيران قالدىمۇ، ياكى گەپلىرىم ئۆزىنى مەن ھەقىقىي خىرىستىئان دەۋەلغان ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم، كۆزىگە ياش كەلگەندەك بولۇپ، ئۆزىنى يوقاتقىلى تۇرغىنىدا، يېنىدا گېپىمىزگە قۇلاق سېلىپ تۇرغان بىرى، بەلكىم ئۇنىڭ دوستى بولسا كېرەك، ئۇنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئېلىپ كەتتى. فىنچە بولۇنغان دىئالوگلارنى يېنىمدا تۇرۇپ بىللە نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلىرىم چۈشەنمەيتتى، ئۇلارغا ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى غەش قىلىشنى خالىماي، بۇزۇلغان كەيپىياتىمنى يوشۇرۇپ كۈلۈمسىرىشىمنى مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدىم. شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدىن بىر پىشقەدەم ئاكىمىز كېلىپ ماڭا جەمئىيەت نامىدىن دوپپا ھەدىيە قىلىپ، بېشىمغا كەيدۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭغا لايىق ئەمەس ئىدىم، چۈنكى شۇ ئاكىلىرىمىز قارشىلىقنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان شۇ يىللاردا مەن ئ‍ۆز ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېشىمنى ئىچىمگە تىقىۋالغانىدىم. قورقۇنچتىن باشقا ئەڭ چوڭ سەۋەبىم مەن ۋەتەنسىزلىكنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تاكى شۇ چاغقىچە ھەقىقىي ھېس قىلىپ باقمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.

كىتابىمنى ۋاقىت ئوقى يۆنۈلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۇيغۇلار ۋە خاتىرەمدىكى راست ئىشلار ئەسلىمىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرلار بوشلۇقىدا باشلىغان يۆنۈلۈشلىرى بويىچە يېزىشنى داۋام قىلدىم. بۇنداق بىر ئۇسلۇبنىڭ ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى چۈشۈنىشكە پايدىلىق ياكى پايدىسىزلىقىغا جەزىم قىلالمايمەن، ئەمما شۇنداق يېزىشنى داۋام قىلىۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يىراق ياشىغانلىقىمنى ئىپادىلىگەن قۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، سۇئاللارنى سورىدى. مەنچە، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يېزىش جەريانىدا تېخىمۇ تولۇق چۈشۈنىشىم، ئوقۇرمەندىمۇ شۇنداق چۈشەنچە شەكىللىنىشى مۇمكىن. ئۈمۈت ۋە ئۈمۈتسىزلەر توقۇنىشىدىكى تەپەككۇرۇم بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مەندىن ئەڭ كۆپ سورالغان سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مېڭەمنى قىززىتماقتا. شۇنچە ئېغىر كۈنلەرگە قالدۇق، بىزگە ھەقىقىي ئىگە چىقىدىغان، بىز نىمىشقا بىزنىڭ قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ھەقىقىي بىر ئىتتىپاقداش تاپالمايمىز؟ تەپەككۇرۇم قايتىدىن ھىكايىنىڭ ۋاقىت ئوقىدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتتى.

تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم، تۇرپان شەھەرلىك بەشىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىم. تۇرپان شەھەرلىك كونا شەھەر قۇۋىقىغا جايلاشقان بۇ مەكتەپ قارىماققا شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا تۇرپان شەھىرى كونا ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ پۇرىقى قۇيۇق خام كېسەكتىن ياكى خىشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتلى كۆپ بولۇپ، بىزنىڭ ئۆيىمىز تۇرپان شەھەرلىك پارتىكومنىڭ ئارقىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ئىدى، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا تۇرپان شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ بار ئىدى. مەن كۈندە بېزەكلىك يولىدىن ئۇدۇل جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ تۇپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى تۆت كۇچىدىن شەرىققا قايرىلىپ، باغرى تەرەپكە كېتىدىغان يول بىلەن، ھازىرقى ئۈزۈم بۇلاق كۆلى يېنىدىكى توقمۇشتىن يەنە جەنۇپقا قايرىلىپ مېڭىپ مەكتىپىمگە يېتىپ باراتتىم. بېزەكلىك يولىنىڭ پىيادىلەر كوچىسى ئۇ چاغلاردا ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن ئۈستى ئېتىلگەن، باج ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى ھازىرقى سۈنئىي كۆلنىڭ ئورنى تەكلىك ئىدى، باغرىدىن كونا شەھەر شەرقىي قوۋۇققا ماڭىدىغان يولنىڭ ئىككى يېقى ئاق تېرەكلىك بولۇپ، يول ئاسفالىت چېچىلمىغان شېغىل يول ئىدى. ئۇ يولدىن جەنۇپقا ماڭسا مېنىڭ مەكتىپىمگە، شىمالغا قاراپ ماڭسا باغرىغا بارغىلى بولاتتى، باغرى قەبرىستانلىقى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى قەبرىسى جايلاشقان زەرەتگاھلىق ئىدى.

14 ياشلار ۋاقىتلىرىم، ئاتام بىلەن ئاپام يېڭىدىن يارىشىۋالغان، مەن توقسۇندىن تۇرپانغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىزنىڭ ئۆي تۇرپان ئىككىنچى مىھمانخانا، يەنى كېيىنكى بوستان مېھمانخانىسى يېنغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۆيدىن چىقساملا سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەرنى كۆرەتتىم. ئۇ چاغلاردا ئاتام ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدە ئىشلەيتتى، دائىم سىرتلاردا بولاتتى، ئاپام تۇرپان گېزىتىدە مۇخبىرلىق قىلاتتى، ھەپتىدە قانچە كۈن ئۆيدە يالغۇز قالىدىغانلىقىم يادىمدا يوق. چوڭ نەۋرە ئاكامنىڭ تۇرپان ئىككىنچى مېھمانخانىسى مالىيە بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورىلىق ئورنىدىن جىق پايدا ئالغانىدىم. ئۇ ماڭا بەك ئامىراق ئىدى، 2018-يىلى شۇ ئاكام ئوپراتسىيىدىن چىقىپلا تۈگەپ كەتتى، ئۇنىڭ كارۋاتتا ئىڭراپ ياتقان ۋىدىئوسىنى مېنىڭ فەسبۇك ۋە تىۋىتتىرىمدىن تاپالايسىز. شۇ ئاكام ماڭا مېھمانخانا ئاشخانىسىنىڭ تاماق بېلىتىنى بېرەتتى، مېھمانخانا ئارقا ئىشىكىدىكى قوغدىغۇچى خادىملارمۇ مېنى تونۇيتتى. بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ يەرگە ئەركىن كىرىپ چىقىپ يۈرەلىگەن ساناقلىقلا ئادەملەرنىڭ بىرى بولسام كېرەك.

ئارىغا يادىمدا قالغان تارىخ ۋەقەلىكتىن بىرنى قىسىپ قويغۇم كەلدى. ئەينى يىللىرى جاڭ زېمىن تۇرپاننى زىيارەت قىلغاندا شۇ مېھمانخانىغا چۈشكەنىدى. شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىنىڭ ئاھالىلەر بىناسىدىن ئىككىنچى مېھمانخانىنىڭ ئىچىنى كۆرگىلى بولاتتى. جاڭ زېمىن تۇرپانغا كەلگەن ۋاقىتتا شۇ بىنانى ھەربىيلەر قورشاپ، ئۆيمۇ ئۆي تەكشۈرگەن، ئادەملەرنى ئاپىرىپ سوراق قىلغانىدى. بىلىشىمچە، بىرى شۇ بىنانىڭ ئۈستىدىن دۇربۇن بىلەن جاڭ زېمىن چۈشكەن مېھمانخانىنى كۆزەتكەنمىش.

مەكتەپكە ئەتتىگەن باراتتىم، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا شۇ مېھمانخانا ئاشخانىسىدا تاماق يەيتتىم، ئاندىن يەنە مەكتەپكە قايتىپ كېتەتتىم. شۇنداق بىر ئىش بولغانىدى، بىر كۈنى پۈتۈن چەتئەللىكلەر تولغان زالدا بىر ئۈستەلدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم، ئالتە كىشىلىك ياكى تۆت كىشىلىك تۆتچاسا ئۈستەللەر قالمىغاچقا، ئۇ كۈنى ئون كىشىلىك يۇمىلاق ئۈستەلدە ئولتۇردۇم. ئەمدىلا تاماقنى يېيىشكە باشلىغىنىمدا مۇلازىمەتچىلىك قىلىدىغان ئاكاش كېلىپ:

– ئۈكەم، مالارغا ئورۇن قالماپتۇ، سېنى ئاۋۇ يەرگە يۆتكە قۇيايمۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەستىنلا، ئۈستەل يېنىغا ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ كەلگەن چەتئەللىكلەردىن بىرى ئۇيغۇرچە:

– بولدى بىللە ئولتۇرۇپ يەيلى، بىزمۇ لەغمەن يەيمىز،- دەپ ئۇنىڭ مېنى قوپقۇزىۋېتىشىنى توستى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغانلىقىدىن ھەيران قالغانىدىم، چۈنكى بۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىنى ھېچ قاچان ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ مەن تونۇشقان ۋە پىكىر ئالماشتۇرغان تۇنجى چەتئەللىك ئىدى. ئۇ كىشى تۇرپاننى، ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلەتتى، ئۇلار بىلەن بىللە كارىزغا باردۇق، ئۇ ۋاقىتلاردا يېڭى شەھەر شەرقىي قوۋۇقىغا جايلاشقان كارىز مۇزىيى رەسمىي سەيلىگاھ دەرىجىسىدە ياسالمىغان ئىدى. تۇپان مۇنارىغا، ئاستانىغا، يارغولغا، تۇيۇققا ۋە بېزەكلىككە باردۇق، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسىدا بىرقانچە كىشىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئاز تولا بىلىدىغانلىقىنى شۇ جەرياندا بىلدىم. ئۇلار ئامېرىكىلىق ئىدى، ھازىر تەسەۋۋۇر قىلىشىمچە، ئۇلار ئامېرىكىلىق دىن تارقاتقۇچىلار بولشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار يارغولغا بارغاندا بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ چەمبەر بولۇپ، بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ كۆزلىرىنى يۇمغان ھالدا بىرنەرسىلەرنى دېگەنلىكى، ئارىدا ھېلىقى ئۇيغۇرچىسى ياخشى ئادەمنىڭ ئۇيغۇرچە <خۇدايىم> دەپ تۇرۇپ دۇئا قىلغانلىقى يادىمدا قاپتۇ.

شۇ قېتىملىق ساياھەت جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلار جەريانىدا شۇ كىشىدىن ئۇيغۇرلارغا، چەتئەلگە ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ بىزنى قانداق تونۇشىغا ئائىت مەزمۇنلارغا كۆپ سۆزلەشكەنىدۇق. ئەلۋەتتە، شۇ جەرياندا ئۇ ماڭا ئۆز دىنى ھەققىدە سۆزلەشكىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى، ئائىلەمنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، ئۇ ۋاقىتلاردا دىنغا بەك قىزىقمايتتىم.

– ئۇيغۇرلارنى جىق ئادەم بىلمەيدۇ، جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلار دەپلا بىلىدۇ.- دېگەنىدى مېنىڭ <تۇپان دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت رايۇنى> ، ۋە <ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىسى دۇنياغا داڭلىق> دېگەندەك قاراشلىرىمغا چىرايلىقچە رەددىيە بېرىپ، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ گەپلىرى مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەكلا بىلىنگەنىدى، شۇڭا بەك ئېنىق يادىمدا قاپتۇ.

– ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ياۋرۇپالىقلارمۇ شۇنداق. چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار بەك ئاز، شۇڭا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ئاساسلىقى خىتاينى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيانى بىلىدىغانلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، بىز تەرەپلەردە مۇسۇلمانلار كۆپ ئەمەس، شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا ئۇنچە ياخشى قارىمايدۇ. – دېگەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ تالاشقان، تاكالاشقان، ھەتتا شۇ ۋاقىتتىكى گۆدەكلىكىم بىلەن تاكالاشقانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ماڭا چەتئەلنىڭ تۇنجى پەنجىرىسى بولغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بىلەن تونۇشتۇم، ئۇنۋېرسىتېتقا بارغاندىمۇ كۆپ چەتئەللىك دوستلىرىم بولدى، ئۇلار بىلەن نۇرغۇن ھىكايىلىرىم بولدى. شۇلارنىڭ بىرى، مېنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ كۆرىدىغان ئامېرىكىلىق بىر دوختۇر كىشى بىلەن خۇددىي ئاتا-بالىدەك يېقىن مۇناسىۋىتىمىز شەكىللەندى. ئۇ كىشى مەن ئوقۇغان تىببىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن، بىزگە كىلىنىكىلىق داۋالاش تەجرىبىسى ۋە تىبابەت ئېنگلىس تىلى دەرسى بەرگەنىدى. ئۇ كىشى ماڭىلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىكى بۇيەردە تىلغا ئالغۇم يوق جۇغراپىيىلەردە قىيىنچىلىقتا قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا مەخپىي ياردەم قىلدى. ئۇ كىشى ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان، خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى چوڭ دىنىي جامائەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە ھازىر خېلى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئادەم ئىدى. 2019-يىلى يىل بېشىدا ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىغا بېرىپ شۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەلۇم يەردە قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى بىلەن ياردەمگە ئېرىشمەكچى بولدۇم. قېرىغانلىقىنى چاندۇرۇشقا جاھىللىق قىلىپ، دۇمچىيىپ قالغان قەددىنى دەس تۇتۇشقا تىرىشقان ھالدا مېنى باشلاپ داللاشتىكى ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەردىكى مەن ئىسمىنى ئاتىيالمايدىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى.

– ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى بىلىمىز، سەن دېگەن ئەھۋاللاردىن مېنىڭ خەۋىرىم بار. مەن ئۇ يەرگە بارغان، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىمەن دىيەلمىسەممۇ، خەۋىرىم بار دىيەلەيمەن. مەن بىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلالمايمىز. – دەپ گەپنى كېسىشكە تىرىشتى بىز كۆرۈشكىلى بارغان كىشى. ئۇيغۇرلار <دۇنيا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋەر تاپسىلا بىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ>، دېگەن رومانتىزىملىق ئۈمۈتۋارلىقتا ياشايتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ دۇنيانىڭ يېتەرلىك بىلمىگەنلىكىدىن ئاغرىناتتى، بىلگەنلىكىگە جەزىم قىلالمايتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلار كۈتكەن ياردەم ئۇلارغا كەلمەيۋاتقانىدى. دۇنيانىڭ ئادالەت ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قىممەت قاراشلار ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساپ نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن چەمبىرەكلەر ئارىسىدا ئورنىتىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش بىزگە تەسكە توختايتتى. ئ‍ۇ چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە بولمىغان بىزلەرنىڭ بولسا، ئۇنداق بىر چەمبىرەكلەر ئارىسىدا بولىدىغان كېلىشىملەر، قارارلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىمىز مۇقەررەر ئىدى. ھەتتا نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ شۇنداق مۇناسىۋەتلەر ئارىسىغا كىرەلەيدىغان كىشىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيتتى. دۆلەتسىز، ئىقتىساتسىز ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم قۇربانلىق قىلىنىڭ مۇھىم سەۋەبىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ شۇ دەپ ئويلايمەن.

– ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەرگە قانداق بېرىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ماڭا سۆزلەپ بېرىشىڭنىڭ ئەسلىدە بەك ھاجىتى يوق، – ماڭا جاۋاب بەرگەچ، يېنىمدا ئولتۇرغان ئاتام ئورنىدىكى كىشى بىلەن ئىككىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىراپ قويدى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى، گەپ قىلىشىدىكى مەغرۇرلۇق، ماختىنىش ئىچىدىن چىقىپ تۇرغان كەمتەرلىك، مۇغەمبەرلىكى ئىچىدىن چىقىپ تۇرغان سەمىمىيىتىدىن گاڭگىرىغانىدىم. بۇنداق كىشىلەر بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىپ باققان بولساممۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتىم. چۈنكى مەن سۆزلەۋاتقان تېما ھەققىدە ئۇنىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرى مەندىن كۆپ، ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇ مەندىن ياخشى بىلەتتى. ئۇ مېنى باشلاپ بارغان كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە يېرىم كۈننى بىرگە ئۆتكۈزگەن بولدى، بىزنى مىھمان قىلىپ، ئىشىمىزنى پۈتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، كەچتە بىزنى يولغا سېلىپ قويدى.

– ئوغلۇم، سېنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىپ تۇردۇم، سەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇردۇم. قولۇمدىن كېلىشىچە ساڭا ياردەم قىلىشقا تىرىشتىم. بىلىسەن، بىز تەرەپتە سىلەرگە سىلەر كۈتكەندەك ياردەم قىلىدىغانلار چىقىشى بەك تەس. مۇناسىۋەتلەر بەك مۇرەككەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، دىنىي ئېتىقادى توغۇرلۇق گەپ قىلغىنىم يوق، بىلىسەن، مەن مۇسۇلمان بۇلامدۇ، يەھۇدىي بولامدۇ، بىر خۇداغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلەن ئ‍وخشاش خۇداغا ئىشىنىدۇ دەپ تونۇيمەن، چوقۇم مەن ئېتىقاد قىلغان دىندا بولسۇن دەپ تۇرىۋالمايمەن. قانداق ناخشىنى ئېيتساڭ، شۇنداق ناخشىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئاڭلىغۇچىلىرىڭ بولىدۇ. ناخشىچى سەۋەبنى تاماشىبىنلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېيتقان ناخشىسىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدىن كۆرىشى كېرەك.- دەپ قويدى تاسىلداپ كۆيىۋاتقان ياغاچلار سېلىنغان تاممەشنىڭ يېنىدا، ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ.

– خالمۇرات بايا ياخشى سۆزلەپ بەردىڭىز، سىزچە مېنىڭ سۆزلىگىنىم قانداق بولدى؟ – دەپ يېنىمغا كەلدى يىغىن ئارىلىقىدا قەھۋا ئىچكەچ دەم ئېلىپ تۇرغىنىمدا بايا ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيال مېدىيادا تالاش تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن چەتئەللىك كىشى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى بۇ قەدەر راۋان سۆزلىيەلىگەنلىكىدىن ھەيران قالمايتتىم، ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىگەن لېكسىيىسىنىڭ شۇ قەدەر كەڭ مەزمۇنلۇق، تەپسىلىيلىكى، پاكىتلىقلىقى مېنى خىجىل قىلغانىدى.

– سىزدەكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيال مېدىياسىغا پايلاقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام گەپ سۆزدە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىكەنمەن،- دەپ چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم ئۇنىڭغا. ئۇنى باشقا ئۇيغۇرشۇناسلار ئارىسىدا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغانىدىم، شۇ قېتىملىق يېپىق يىغىن پۇرسىتىدە تۇنۇشقانىدىم.

– ھازىر ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش خېلى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ مېنىڭ چاقچىقىمغا مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشۈپ بولغاندىن كېيىن.

– شۇنداق، شۇڭا سىزنىڭ قىممىتىڭىز ھۆكۈمىتىڭلار ئالدىدا تېخىمۇ بەك نامايان بولدى دەپ ئويلايمەن، ھەقىچان ئۇيغۇرلارنى پايلايدىغان ئادەملىرىڭلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس، گەرچە سىلەرنىڭ مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارەڭلەر سەكسىنىنچى يىللاردىن باشلاپلا دىن تارقاتقۇچىلارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن بىلەن،- دەپ تەنە ئارىلاش چاقچاق قىلىۋالدىم ئۇنىڭغا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاپ باققان، بىزنىڭ چاقچاق ئارقىلىق گەپ بىلەن ئادەم ئۇرىدىغان ئادەتلىرىمىزگە كۆنگەن بىرىنىڭ مېنىڭ چاقچاقلىرىمنى كۆتۈرىشىگە كۆزۈم يېتىپ.

– مەن ئۇ يەردە ئىشلىمەيمەن، باشقا بىر يەردە مەسلىھەتىچىلىك قىلىمەن،- دەپ باشقا نۇرغۇن گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى ئۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس گۇمانخور پىسخىكامنى چۈشۈنۈپ ماڭا رەددىيە بېرىشكە تىرىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم، بولۇپمۇ غەرىپ ئەقلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك تەتقىق قىلغانلىقىنى، قانچىلىك كۆزەتكەن ۋە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى مۇشۇ بىرقانچە يىلدا تېخىمۇ بەك بىلگەن ۋە جەزىم قىلغانىدىم. .قارار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ، ئۇلارنىڭ قارارىغا نىمىلەرنىڭ تەسىر قىلىشى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ قارار قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ خاس ئۇيغۇرلاردىن كەلمەيدىغانلىقى ماڭا ئايدىڭ بولىۋاتقانىدى.

– ئۇيغۇرلار ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئىشىنى كۈچلۈكلەر قىلىشى كېرەك،- دېگەنىدى ئۇيغۇرشۇناس بىرى.

– سىزچە ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ھېچ ئىش قىلالمامدۇ؟ بىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقمۇ؟- دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم نارازىلىقىمنى ئىپادىلىگەچ.

– بۇ گېپىمدە ئەيىپلەش يوق، رېئاللىقتىن چىقىپ دەۋاتىمەن. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى بولمىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا بۇنچە ئىگە چىقىمىغان بولاتتى،- دەپ گېپىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭدىن داۋاملىق سۇئال سوراشتىن بۇرۇن، بىز بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمىن:

– سىلەرنىڭ سېرىق چاچ سودىگەر پىرىزىدېنتىڭلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىمەن، راستىمنى دېسەم سىلەرنىڭ شۇنداق بىرىنى سايلاپ چىققانلىقىڭلارغا تېخىچە ھەيرانمەن. سىزنىڭچە خىتاي ئامېرىكىغا خرىست بولمىغان بولسا، سىلەر ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ياردەم قىلامتىڭلار؟- دەپ سورىدىم دېپلوماتىك تۈزۈتلەردىن مۇستەسنا ھالدا. چۈنكى مەن دېپلومات ئەمەس ئىدىم، ئۇنداق تۈزۈتلەردە بولۇش ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس ئىدى.

– بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، مەن پەقەتلا بىر بىيۇكرات، ئىجرا قىلىمەن خالاس،- دەپ سۆزۈمدىن دېپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى.

– مەن دېپلومات ئەمەس، دېپلوماتىك تىللىرىڭىزنى چۈشەنمەيمەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى بولغاندا خىتاي سىلەرگە تەھدىت ئەمەس، ئەكسىچە ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداش بولۇش ئېھتىمالى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا سىلەرنىڭ رەقىبىڭلار سوۋىت ئىتتىپاقى ئىدى، شۇڭا كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىدىغان خىتاي بىلەن ھامكارلاشتىڭلار. ئەلۋەتتە، ئۇ چاغلاردا سىلەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەر تايىنلىق ئىدى، پوپ مارتىن لۇتېر كىڭ جۇنىئۇر ئەپەندىملەر بېشىڭلارنى ئوچاق قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرى، ئېرقىي كەمسىتىش نورمال قارىلىدىغان دەۋرىڭلاردا ئىدىڭلار. ھازىر خىتاي سىلەرگە تەھدىت بولۇشقا باشلىدى، سىلەرنى غەربىي تېنچ ئوكران رايۇنىدىن قىسىپ چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىغا تەھدىت بولدى. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ بىر قىسمى شۇ دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەۋھۇم ئايرىۋاشلارتىن يارىتىلغان قىممەتتىن كېلىدۇ، بۇ سىلەرنىڭ ئىقتىسادىڭلارغا بىۋاستە تەھدىت. مەن ئىقتىساتشۇناس ئەمەس، كىتابلاردىن ئوقۇۋالغىنىمنى سۆزلەپ قويىۋاتىمەن. سىز ۋە باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىدىلوگىيىسىنى تارقىتىپ، غەرىپنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى يېڭى تەسىر قىلىش كۈچى قىلىپ قوللانغان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا راست كۆڭۈل بۆلمىدىڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆز ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان ھالەتكە يېتىپ تەرەققىي قىلىشىغا يول ياردەم قىلمىدىڭلار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىقتىسادى ۋە ئىقتىساسلىقلىرى ئارقىلىق ئۇنداق بىر كۈچ شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنداق بىر كۈچى بولمىغان تەقدىردە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا لايىق ئىقتىدارى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر، ئەمما ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايسىلەر. ئەيىپلىمىدىم، پەقەتلا رېئاللىقنى داۋاتىمەن، بۇنىڭ سەۋەبى نىمۇ؟- دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇلار مېنىڭ شۇنداق باشباشتاق سۇئاللارنى سورىشىمغا كۆنۈپ قالغان، مېنىڭ ھەتتا ئۇلارنى ئەيىپلەيدىغان پىكىرلىرىمنى بايان قىلىشىمغا ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق سۆزلىرىمنىمۇ ئاڭلايدىغانلىقىدىن سۆيىنەتتىم، شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايتتىم. ئ‍ۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىش چەكلىنىدىغان بىر دۆلەتتە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، شۇنداق بىر ساپاغا ئىگە گەۋدىلەرگە ھۆرمىتىم ۋە ماھىللىقىم كۈچلۈك ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ سۇئاللىرىمغا يەنىلا دېپلوماتىك تىللار بىلەن ئۇستىلىق بىلەن تىزىلغان سۆزلەر دۆۋىسىدىن شەكىللەنگەن مەنىسىز جۈملىلەر بىلەن جاۋابلاندۇرۇلدۇم.

– ئۇيغۇرلار ئۇنۋېرسال قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداق قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىشى، شۇ پىرىنسىپلارغا بولغان سادىقلىقىنى ھەركىتىدە ئىپادىلىشى كېرەك. شۇندىلا ھۆرمەت تاپالايدۇ، دوست تاپالايدۇ،- دەپ ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى ئوخشاش سۇئالنى سورىغىنىمدا ئۇيغۇرشۇناس يەنە بىر دوستۇم. ئۇيغۇرلارغا نەزەر سالدىم، كۆرىۋاتقىنىم مەن بىلەن دوستلاشقان كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا يات بولغان قاراشلار بىلەن تولغان بىر توپلۇم بولدى. بۇ يەردە دىنىي ئېتىقاتنى كۆزدە تۇتمىدىم، بەلكى قىممەت قاراشلىرى، چەشەنچىلەر، ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە ۋە دۈشمىنىگە بېرىلغان تەبىرلەر ۋە مۇئامىلىلەر ئىدى. بىزدە تەپەككۇر يېڭىلىنىشى بولۇشى كېرەك ئىدى، دۇنيا قاراشلار توقۇنىشى كۈچىيىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، شۇنداق توقۇنۇشلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىپ، مىللىي مەنپەئەتىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ساپانى ھازىرلىيالىغاندا، بىزدە زور بۇرۇلۇش بولاتتى، بىز كۈچلۈكلەر ئارقىلىق ھەقىقەتەن كۈچىيەلەيتتۇق.

جازالاگېرلىرى تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى مەن كۈتمىگەن ھەيرانلىقلار بىلەن باشلاندى، 2017-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان ئاتالمىش قايتا تەربىيلەش سېستىمىسى كامپانياسى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركىتىنىڭ يېڭى بۇرۇلىشىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى. 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئالسىيە بىلدۈرىش باسقۇچى بولدى، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى پائالىيەتچىلەر ئۇ يىلى گەرچە ئۆزىمىزنى ئاشكارىلىمىغان بولساقمۇ، ھېچكىمگە تىنمىغان ھالدا ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇللار ياكى شەكىللەردە ئوخشىمىغان سەۋىيىدە پائالىيەت قىلىشقا باشلىدۇق. بىز بۇنداق بىر يېڭى ھايات بۇرۇلىشىنى كۈتمىگەنىدۇق، ئەمما شۇنداق بىر ھايات بۇرۇلىشى بىزنى تاللىغان، بىز خۇددىي ئومۇمىي ئۇيغۇر كوللىكتىپىغا ئوخشاشلا گويا سۇنىڭ ئېقىتىشىغا قاراپ ئاققان غازاڭلارغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ قەيەرگە بېرىشىنى بىلمىگەن ھالدا قارىغۇلارچ ئۈمۈتتە ئۆزىمىزگە تەسەللىي بەرگەن، ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا تىرىشقان ئىدۇق. توغرىسى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئوخشاش شۇنداق پۇرسەتپەرەسلىك پىسخىكىسىدا پاسسىپ قارشىلىقنى، يەنى ئۆزىمىزچە كاۋابمۇ كۆيمەيدىغان، زىقمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇلدا بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتكەنىدۇق. مەيلى 2018-يىلى قانچىلىك ھاياجانلىق شۇئارلارنى قىلغان قېرىنداشلار ياكى ئاۋانگارتلار بولسۇن شۇنداق بىر پاسقۇچنى بېشىمىزدىن كەچۈرگەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك شەخشىيىتىگە باغلىق. ئۇ يىلى خەلقئارا چوڭ مېدىيالاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىر تارىخىدا زور ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە بىۋاستە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بولغان بۇنداق بىر پاجىئەلىك تارىخى باسقۇچىغا ئائىت دوكلاتلار ۋە خەۋەرلەر ساناقلىقلا ھالدا ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھېچقانداق دىققەتنى تارتىشقا يىتەرلىك ھالدا ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارمۇ، دۇنيامۇ ئوخشاشلا بۇ پاجىئەنى تونۇش باسقۇچىدا ئىدۇق. شۇ يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن ئورتاق سايبىر دۇنياسىدا، يەنى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا باغلىنىپ كەلگەن، ئۈندىدارلاردىكى توپلاردا خۇددىي ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن، دوستلىرىمىزدىن ۋە ساۋاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلمىغاندەك ھالەتتا ياشىغان مەۋھۇم بىرلىكتىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلىپ، چەتئەللەردە مۇساپىر ياكى مۇھاجىر ياشاۋاتقانلار ئارىسىدا يېڭى بىر سايبىر دۇنياسىنى رەسمىي شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدۇق. ئۈندىداردىن ۋاتسئەپكە، سىنادىن فەسبوكقا سىپونتېنىئوس ھالدا كوللىكتىپ ۋە رەسمىي كۆچتۇق.

2018-يىلى لاگېرلارنىڭ تېز قەرەلدە ئاياقلىشىشىغا بولغان ئۈمۈدىمىز كېسىلىدى، خىتاينىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىنىڭ بىز ئۈمۈت قىلغاندەك ئۇنداق تېز ئاياقلاشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدۇق. 2017-يىلى خىتاينىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا مەۋھۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ۋاتسئەپ توپلىرىدا <ھېيتتىن كېيىن قويىۋېتىدىكەن، پالانى يەردىكىلەرنى قويىۋېتىپتۇ، ھەركەت قىلماي تۇرايلى>دېگەنگە ئوخشاش كىشىلەرنى پاسسىپلاشتۇرىدىغان ئېزىقتۇرۇشلىرىغا ئىشىنىشنى خالايدىغانلاردىن ئەندىشىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقىشقا پېتىنىشقا باشلىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. نىيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ مېنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان مەزمۇنلىرىمنى ئانالىز قىلىپ چىقارغان ئىزدىنىشىدىن چىقارغان نۇقتىسى، مەن 2017-يىلى ئائىلەمگە بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار چىقارغان، ئەمما ئاپامنىڭ جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى چىقارمىغانىكەنمەن. ئۇ يىلى مېنىڭ يازمىلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فىنچە ۋە ئېنگلىس تىلىدا يېزىلغانىكەن. 2018-يىلى يانىۋاردا تۇنجى قېتىم ئېنگلىس تىلىدا ئاتا-ئانامنىڭ جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەزمۇننى يېزىپتىمەن. 2017-يىلى چەتئەل تاراتقۇلىرىغا يۈزلىگەن ئېلخەتلەرنى يېزىپ مېنى يوشۇرۇن نامدا زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولساممۇ جاۋابسىز قالغانىدىم، دەل شۇ يازمام سەۋەبلىك <چەتئەل دېپلوماتىيىسى> گېزىتىنىڭ مارتىن ئىسىملىك مۇخبىرى (ھازىر ئەلجەزىرىگە ئىشلەيدىكەن) مېنى زىيارەت قىلىدى، مەندىن باشقا بۇ ھەقتە سۆزلەشنى خالايدىغانلارنى تېپىش ۋە بىز بەرگەن ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە، ئۇلارنىڭ تەھرىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشكە ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت كەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى 1.ئاپرىل كۈنى ئاتا-ئانام توغۇرلۇق تۇنجى خەۋەر ئېلان قىلىندى.

روشەن ئابباس خانىم باشلىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئاساسلىق ئىشتىراكچىلىقىدىكى <بىر ئاۋاز بىر قەدەم> نامايىشى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قارشى ئەڭ دەسلەپكى قارشىلىق دولقۇنىنى قوزغىدى. ياۋرۇپا، ئامېرىكا ، ئاۋستىرالىيە ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە بىرلەشمە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى، رەسىم كۆرگەزمىلىرى قىلىندى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئەينى ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىمنىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسىدە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان سۆزى: < ئاپامنى قويىۋەتمىسەڭ ئېتىۋەت، ئوقنىڭ پۇلىنى مەن ئەۋەتىپ بېرەي> نى قىلغان پىروگراممىسىنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ب ب س قانىلىنىڭ ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلغان خەۋىرى ئېلان قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ برۇسسېلدا ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشىغا قاتنىشىش توغۇرلۇق تەشۋىقاتلار فەسبوكتا ۋە ۋاتسئەپتە كەڭ تارقالدى، شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ ئۇيغۇرچە يازمىلارنى يازدىم ۋە ئۆزەمنىڭ ئەينى يىللىرى <ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى> تېمىسىدىكى ھىكايىلەرنى يازغان <ئەلسۆي> تەخەللۇسىدىكى يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى فەسبۇكتا ئېتىراپ قىلدىم. نورۋىگىيىدىن زۇمرەت تۇرسۇن خانىم نەقمەيدان ۋىدىئولىرىنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش ياسايدىغان نامايىشقا چاقىق قىلىپ تور چولپانى بولۇشقا باشلىدى. سىراجىدىن ئەپەندىمنىڭ <ۋەتەن مۇستەقىل بولۇپ قالسا، ياۋرۇپادىن مۇشۇ نامايىشقا كەلمىگەنلەرگە ۋەتەنداشلىق بېرىلمەسلىكى كېرەك،> دېگەن سۆزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئىنكاسلارنى قوزغىدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ تۇنجى ئۇيغۇرچە ۋىدىئونى ئىشلەپ، ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ئىزھال قىلىپ < بىز خۇددىي دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتقان كىشىگە ئوخشايمىز، قىرغاق كۆرۈنمەيدۇ، سۇنىڭ ئاستىدىن بېشىمىزنى سۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداقلا چىقىرىپ نەپەس ئېلىۋالغىنىمىزغا قانائەت قىلىپ تۇرساق، يەنە بىر دولقۇن كېلىپ بىزنى دومىلىتىپ دۇنجۇقتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمدى ئۇنداق يالغانلارغا ئىشەنمەيلى، > دېدىم. شۇ ۋىدىئونىڭ تارقىلىشى مېنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بولغان 15 مىڭدىن ئوشۇق ئەگەشكىچىگە ئىگە بىر تەشۋىقات سۇپىسىغا ئىگە بولۇپ قېلىشىمغا باشلىنىش بولدى. چېچىمنى چۈشۈرۈپ ئاتا-ئانام ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋىدىئويىم كەڭ تارقىلىپ، دەسلەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن، كېيىن ۋال كوچىسى گېزىتى تەرىپىدىن، ئەلجەزىرە تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندىم. شىمالىي ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتى بولغان ھېلسىنكى گېزىتىدە ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق بىر پاجىئەلەرگە دۇچار بولغانلىقى ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېلسىنكىدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئەينى يىللىرى ناتسېستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغاندا ئىشلەتكەن جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش بىر تىراگېدىيە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى دېگىنىمدە، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن گېرمانىيىلىك ياش خىزمەتچى خادىم:

– سېنىڭ ئائىلەڭ سىياسەتچى ياكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تەرغىل قىلىدىغانلاردىنمىدى؟ ئەگەر شۇنداق زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش بولغان بولسا، نىمشقا سەندىن باشقا كىشىدىن بۇنى ئاڭلىمىدۇق؟- دەپ جاۋاب بېرىپ، مېنى تەكەللۇپسىز يولغا سالغانلىقى ئېغىر كېلىپ، ئۆيگە كېلىپلا < مەندىن باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر تۇتۇلمىدىمۇ؟ يولدا كېتىۋاتقاندا ئاتاڭ بىلەن ئاپاڭنى خەق ئۇرۇپ كەتسە ھېچكىم سۈكۈتتە قاراپ تۇرمايتتى، ئەمدى ئۇلارنى تۇتۇپ كەتسە نىمىشقا ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتمايدۇ؟ ئۆيۈڭلەردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىڭلار>، دەپ چېچىمنى كېسىپ بەرگەن گۇۋاھلىقىمنىڭ مەزمۇنى قايتىلىدىم. شۇ ۋىدىئودىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ تونولۇشقا باشلىدىم، رابىيە قادىر خانىم ماڭا تېلفۇن قىلىپ رىغبەتلەندۈردى. 2018-يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ قازاقىستاندا <ئاتا يۇرت> گۇرۇپپىسى سېستىمىلىق ھالدا گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى ئىشلەپ تارقاتتى، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىكىدىن ۋىدىئو گۇۋاھلىقىنى ئىشلەپ سوتسىيال مېدىياغا چىقىرىشقا باشلىدى، ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىشىسىز گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى ئىشلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلىشكە باشلىدى. ۋاقىت ئوقى بويىچە شۇ يىلى باشلانغان ۋەقەلىكلەرنىڭ تەرتىپىگە قارىغىنىمىزدا ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىمنىڭ جازا لاگېرلىرى توغۇرلۇق تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى بولۇشى ئەڭ چوڭ ئېھتىمال. كېيىن گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى ئىشلەش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان يەر تۈركىيىدە ئاۋانگارت بولدى. تۈركىيىگە بۇ ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى بىلىش مەقسىدە بارغاندا كۆرۈشكەن كىشىلەردىن ۋە ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا ماڭا دەپ بېرىشىچە ئۇ گۇۋاھلىق ۋىدىئوسى ئىشلەشكە كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ھالدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن. كېيىن <غۇلجا مەشرىپى> گۇرۇپپىسى ئابدۇللاھ قاتارلىق قېرىنداشلارنى گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى ئىشلەش خىزمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئاۋغۇستتا فىنلاندىيىدە <ئۇيغۇرلارغا ياردەم> تەشكىلاتىمىز قۇرۇلدى، ۋە لولا قاتارلىق پىدائىيلارنىڭ كېچىلەپ خىزمىتى ئارقىلىق گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرى رەتلەندى، بىر قىسمى تەرجىمە قىلىنىپ، ئېنگىلىسچە يېزىقلىق قىلىپ تارقىتىلدى. كېيىن قازاقىستاندا گېن بۇنىن ئەپەندىم <شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى> نامىدىكى خىزمىتىنى باشلاپ، <ئاتا يۇرت> ۋە <ئۇيغۇرلارغا ياردەم> تەشكىلاتىنىڭ يىغقان ۋىدىئولىرى ئاساسىدا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر تىزىملىكىنى چىقىرىش خىزمىتىنى باشلىدى، جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى رەسمىيلىشىشكە ۋە كەسىپلىشىشكە باشلىدى.

شۇ ۋاقىتلاردا گوللاندىيىدىن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم ماڭا تېلفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىش پىلانىنى ئېيتتى ۋە مېنىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى لاھىيلەشكە ياردەملىشىمنى ئېيتتى، كۆپ ياردەمدە بولالمىدىم. بىر بىرىمىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىمىز ۋاتئەپتە ئالاقىلىشىپ، بىربىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش بولدى.

گوللاندىيىدىكى ئېلشات قاتارلىق بالىلارنىڭ باشلىشىدا ياۋرۇپادىكى ئاكتىپ ياشلار <قاراخانىلار> نامىدىكى بىر ۋاتسئەپ توپىغا يىغىلىشقا باشلىدۇق. دەسلەپتە تەشكىلەتلىرىنىش پىلانىسىز باشلانغان يىغىلىشىمىز، پەقەتلا تەشكىللىنىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، سىياسىي پروگرامما بولۇشنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتىدە ئىدى. شۇ گۇرۇپپىدىكى ياشلارنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىدا مەن پىلانلىغان <ئەركىنلىك كارۋىنى> سېنتەبىردە باشلاندى، فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە بېلگىيىلەردە ئۇچرىشىشلاردا بولدۇق، شۇ يەرلەردىكى ياشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا نامايىشلارنى ئېلىپ باردۇق. ئوسلوغا بارغاندا <دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى> رەئىسى دولقۇن ئىسا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتۈم، ئەپەندىم مېنى رىغبەتلەندۈردى. <نورۋىگىيە ياشلار بىرلىكى> ۋە <نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى> نىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتىم. فىرانسىيىگە بارغاندا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا < شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى> نىڭ قۇرۇلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، شۇ يىغىندا بىزنىڭ ھېچقانداق بىر سىياسىي تەشكىلاتقا قاتناشمىغان ھالدا پائالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە سۆزلىدىم، يېڭىچە پائالىيەتچىلىك ھەققىدە  لېكسىيە سۆزلىگەن ئامان قەشقەرىي ئەپەندىم لېكسىيە ئارىلىقىدا <دەۋا مۇھىتى> توغۇرلۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئايرىم تەشكىللىنىشى توغۇرلۇق چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى. شۇ ۋاقىتلاردا سوتسىيال مېدىيادا سالىھ خۇدايار ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئېلىپ بارغان نامايىشىدا سۆز قىلىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە ۋىدىئو ئىشلەپ تارقاتقان، تۇغلۇق ئەپەندىم، زۇمرەت تۇرسۇن خانىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك كۈنگە قېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى يوق بولۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچنى سىياسىي ھەركەتكە قارىتىپ، پەقەتلا مۇستەقىللىق ھەركىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك دېگەن سىياسىي ھەركەتنى باشلىغانىدى. 2017-يىلى <دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى>نىڭ پارچىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان توپلۇم كىشىلەر ئارىسىدىكى رىقابەتلەر ۋە تالاش تارتىشلاردىن باشلانغان بۆلۈنۈش كۈچەيگەن، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان ئېقىملارغا ئايرىلىشقا باشلىغان ۋاقىتلار ئىدى. ئامان قەشقەرىىي ئەپەندىمنىڭ لېكسىيىسىدە دېگەن <دەۋا مۇھىتى> دەل شۇ مەنزىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىدى. شۇ يىغىندا تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىم ماڭا <ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۆكەنگەن شانشۆھرىتى> ناملىق كىتابنى ھەدىيە قىلدى. ياپۇنىيىدىن تۇرمۇھەممەد ياشىم ئەپەندىم ماڭا ياپۇنىيىدىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئامانىتىنى يەتكۈزدى، يىغىنغا قاتناشقان ياپۇنىيە <بەخت پارتىيىسى> نىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا ب د ت نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىپ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش پروگرامما يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولدۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا <بەخت پارتىيىسى> نىڭ قانداق بىر سىياسىي ئورگان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. تۇرمۇھەممەد ھاشىم ئەپەندىم ۋە دولقۇن ئىسا ئەپەندىملەر بىلەن بىرلىكتە جەنىۋەدە ب د ت نىڭ <خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىش> يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتىم، دولقۇن ئىسا ئەپەندىملەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىگە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە لوبىيچىلىق ئېلىپ بارغان ئۇچرۇشىشلىرىغا باردىم.

2018-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇش يىلى بولدى، گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرى ئىشلەندى، توپلاندى ۋە ئارخىپلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. مېدىيا تەشۋىقات ئۇرۇشى ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇرلارنى قوزغۇتۇش فونكىسسىيىسىنى ئۆتىگەن شەخىي ئېكرانلار باشلاندى ۋە كەڭ تاماشىبىنلارغا ئېرىشتى. زۇمرەت تۇرسۇن، سالىھ خۇدايار، تۇغلۇق ئابدۇرازاق، مەن (خالمۇرات ئۇيغۇر)، سېرىكجان، كۇززات ئالتاي، ئەلىئەكبەر داموللام، كۆسەنى ئۇستاز قاتارلىق تور چولپانلىرى بارلىققا كەلدى. كەسىپلىشىش يۆنۈلىشىگە ماڭغان شەخىسىي ئېكرانلاردىن تەجەللىي ئېكرانى، پىدائىي ئېكرانى قاتارلىق شەخسىي تەشۋىقات تاراتقۇلىرى كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولدى. كېيىن بۇلار دۇنيا ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرامما ئۆزگۈرىشىگە، ئەركىن ئاسىيا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ <نەزەر> پروگراممىسنى ئىشلىشىگە سەۋەب بولدى. تاشقى جەھەتتىن  ئۆمەربىكالى ئەپەندىم، مىھرىگۈل خانىم ۋە باھارگۈل خانىملار قاتارلىق جازا لاگېرلىرى تۇتقۇنلىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلەرگە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن باشلانغان تەشۋىقات كۆرۈشىنىڭ كولمىناتسىيىسىنىڭ باشلىنىشى، نۇرى تۈركەل ئەپەندىم، روشەن ئابباس خانىم، زۇبەيدە خانىم، رۇقىيە تۇردۇش خانىم، تايىر ئىمىن، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، گۇلخۇمار، جەۋھەر ئىلھام، دىلنۇر رەيھان ۋە خالمۇرات ئۇيغۇر (مەن) قاتارلىق كىشىلەر خەلقئارا مېدىيالاردا سۆزلەشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەركەتلىرىنىڭ ئوبرازى بولۇشقا باشلىدى. 2018-يىلى سۈكۈت بۇزۇش، سېسمىلىشىش، ئېقىملارغا بۆلۈنۈش ۋە ئوبرازلىشىش قەدەملىرى تاماملىنىپ، 2019-يىلى بولغان كۈچلۈك مېدىيا ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنىڭ پىلانلىشىسىز، ھېچقانداق بىر چىرتىيۇژسىز تاييار بولۇشقا، شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھېچقانداق بىر مەزكىزىي ئ‍ورگاننىڭ يېتەكلىشىسىز ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىش ۋە تەييارلىنىش ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ 2019-يىلىدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلىشىگە كېرەكلىك مۇتلەق شەرتلەر تاماملاندى. مىلاد بايرىمىنىڭ (روژدىستىۋا) ھارپا كۈنى ئاتام بىلەن ئاپام لاگېرلاردىن قويىۋېتىلدى.

2019-يىلى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خەۋەرلەر، دوكلاتلار زور كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلدى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ ھەركۈنى دېگۈدەك جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئونلىغان خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى، خەلقئارالىق چوڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەپ تارقىتىلدى. ئۇ يىلنىڭ بېشى ئەرشىدىن ئەركىن باشلىق ياشلارنىڭ ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىپ پائالىيىتى ۋە ئەلىئەكبەر داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يەنە بىر توپ بولۇپ ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىشى ئارقىلىق تۈرك تاراتقۇلىرىدا جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خەۋەرلەر كەڭ ئورۇن ئالدى. بۇ ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولدى.

فېۋرال ئېيىدا خىتاي بىلە تۈركىيە ئارىسىدىكى ئۆتكۈنچى دېپلوماتىيىلىك نارازىلىقنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئابدۇرەھىم ھېيت ئەپەندىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى مىسال قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىپلىشىنى، خىتاينىڭ ئابدۇرەھىم ھېيت ئەپەندىمنىڭ <مەن تېخى ھايات> ۋىدىئوسىنى تارقىتىشىدىن باشلانغان گاڭگىراش پەيتىدە ئۇيغۇرلار بۇ ئىش سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئۆچۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغاندا، مەن باشلاتقان <مەنمۇ ئۇيغۇر> ھەركىتى ئارقىلىق قىسقا ۋاقىتتا يۈلىگەن گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرى، سۈرەتلىرى ۋە يازمىلىرى شۇ ھەشتەگنى ئىشلىتىپ سوتسىيال مېدىيالارغا چىقتى، ئۇيغۇرلارغا بولغان خەلقئارالىق دىققەت ئەكسىچە كۈچەيدى. بۇ پائالىيەتكە ئائىت قانچە يۈزلىگەن خەۋەرلەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىم ۋە زۇمرەت تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ سىياسىي سىگنالىنىڭ قويوق ياكى روشەن ئەمەسلىكىنى تەنقىت قىلىشى بىلەن باشلانغان <شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق> ناملىق ھەشتەگە پائالىيىتى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2019-يىلى سىرتقى جەھەتتىن تاراتقۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغان يىلى بولدى، ئۇيغۇرلار خەلقئاراغا تونۇلۇش باسقۇچىنى تامامىدى. ئامېرىكىدا <ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى> لاھىيىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلەر قىززىق نۇقتا بولدى. ئىلھام توختى ئەپەندىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ساخاروۋ مۇكاپاتىغا بىلەن مۇكاپانلاندى.

تەشۋىقات ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە غەلىبە قىلدى. بۇ يىلى تەشۋىقات ئۇرۇشىغا يېڭىدىن ئارسلان ھىدايەت، بەھرام سىنتاش، فىرقەت، ئابدۇللاھ رەسۇل، سەمەرجان قاتارلىق ئاۋانگارتلار قېتىلىپ، تەشۋىقات ئۇرۇش سېپىنى كۈچلەندۈردى.  ئابدۇرەھىم ئەپەندىمنىڭ باشلىشى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىشىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئېقىمى شەكىللەندى ۋە تارقالدى. گېرمانىيىنىڭ شىتۇتگارت شەھىرىگە تۈركىيىدىن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئابدۇللاھ ئارىش ئەپەندىم يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى باشلىدى، بوستوندا دوكتۇر مايسەم مۇتالىپوۋا خانىم، مىيۇنخېندا گۈلزىرە تاشمۇھەممەت خانىملارمۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

2019-يىلى سىياسىي پەلسەپە ھەققىدە كۆپ ئىشلار، ۋەقەلەر ۋە پائالىيەتلەر بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەركىتىنى ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى ئىستىراتېگىيىسدە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى تەمەسى ۋە تەقەززاسىدا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئېلىپ بېرىلدى. <ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى> نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا <ئىستىراتېگىيە تەتقىقات كۇرستلىرى> ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۇرسانتلاردىن <ئۇيغۇر ئىستىراتېگىيە ئەقىل ئامبىرى> شەكىللەندۈرۈش قەدىمى بېسىلدى. <شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى> ناملىق تەشكىلات سىياسىي مۇمكىنچىلىكلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىچقى قىسىمدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تىرىشتى ۋە پىكىر ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىرقانچە تەشكىلاتقا بۆلۈندى. بۇ ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيال مېدىيادا قىززىق نۇقتىدا مۇنازىرە قىلغان نۇقتىلىدى بولدى. ئۈمۈت مۇساباي ئەپەندىملەرنىڭ باشلىشىدا <ئۇلۇس ۋە مىللەت> ئۇقۇملىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەر، سىياسىي پەلسەپە قاراشلىرى جامائەت پىكىرى ياراتتى. ئۇيغۇرلاردا سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئارىسدىكى چىگرا توغرىسىدا چۈشەنچىلەر مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئېنىقلىنىلىشقا باشلىدى. نەجمىدىن قارلۇق ئەپەندىم باشچىلىقىدا <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى> نامىدىكى سىياسىي گەۋدە بېلگىيىدە تىزىمغا ئېلىندى، ۋە ئوڭچى مىللەتچىلىك ئېقىمىدىكى سادالارنى چىقىرىشقا باشلىدى. ئۈمۈت مۇساباي ئەپەندىم قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن <شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى> مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇر سىياسىي ھەركەت قانىتىدا ئوڭچى ۋە سولچى قاناتلار شەكىلىنىشكە باشلىدى.

جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دائىرىدە مۇتەخەسسىسلىشىش مەيدانغا كەلدى، بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتېتلاردا مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، خىتاينىڭ سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى. شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن، مۇھاكىمە يىغىنى ئىشتىراكچىسى ۋە لېكسىيىچى بولۇپ مەنمۇ قاتناشتىم. كوپېنھاگېن ئۇنۋېرسىتېتى، ھېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتى، بېرلىن شەرقشۇناشلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، بېلگىيە ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، پولشا پوزنان ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىچ ئۇنىۋېرسىستېتى، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئالدى كەينىدىكى پائالىيەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قاراشلىرى، تەلەپلىرى ھەققىدە لېكسىيىلەرنى سۆزلىدىم. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 20 نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتناشقان <ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق> نامىدىكى پائالىيەتتە يىراقتىن ۋىدىئولۇق لېكسىيە سۆزلىدىم. تۇنىسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىسرائىلىيىنىڭ بىر  سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ، ھىندىستاننىڭ دېلھى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىدە ئ‍ۆز ھەركەتلىرىمنى تونۇشتۇرغان قىسقا لېكسىيەدىن كېيىن سۇئاللارغا جاۋاب بەردىم.

ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە چەتئەللەرنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە تەتقىقات تۈرلىردىن باشقا، نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن < ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى> رەسمىي باشلاندى ۋە كەسپىي شەكىلدە گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى. قازاقىستاندىكى گېن بۇنىن ئەپەندىم <ئۇيغۇر دولقۇنى> نامىدا گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى يىغىش پائالىيىتىنى باشلىدى.

مېدىيا تەشۋىقات ساھەسىدە ئىلگىرىلىگەن كەسىپلىشىش قەدىمى بېسىلىپ، ئىستانبۇلدىكى <ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى> دىن كېيىن ئابدۇسالام ئەپەندىمنىڭ باشچىلىقىدا <نىدا ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى> قۇرۇلدى ۋە تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن <دۇق تور تېلېۋىزىيىسى>، <ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى>، <نىدا تېلېۋىزىيىسى> قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيىلىرى بار بولدى.

مېدىيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جازالاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىش سىتراتېگىيىسىنى يېڭىلاپ، <ئۆزگەرتىپ تەبىيلەش مەركەزلىرى>نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، يىلنىڭ ئاخرىدا بارلىق <كۇرسانتلار>نىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ،  ئاتالمىش <تەربىيلەش>نىڭ <تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش> نىڭ ئەڭ <ئىلمىي ئۇسۇلى> قاتارىدا تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

2020-يىلىنىڭ بېشى بەھرام سىنتاش باشلىغان <تېخىچە خەۋەر يوق> ناملىق پائالىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تىققىنى تارتىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىندى. خىتاي بۇنىڭغا قارشى ھالدا كەڭ كۆلۈمدە ماقالىلەتنى، فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتتى. خىتاينىڭ بۇنداق بىر رېئاكسىيىدە بولۇشى ئۇنىڭ سىتراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بىزگە بىر سىگنالىنى بەرمەكتە ئىدى. خىتاينىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىل جەريانىدا توپلىغان ئۇچۇرلىرى بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىدىيە ماھىللىقى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەرقايسى ئېقىملار ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار ۋە زىددىيەتلەر سەۋەبلىك شەكىللەندۈرەلمىگەن ئىچكى دىئالوگ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھېسداشلىق ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرەلمىگەندە، بەلكىم بۇندىن كېيىنكى ھەركەتلىرىدە سېستىمىلىق ۋە تەشكىللىكلىكى كۈچلۈك بولغان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دېپلوماتىك دۆلەت خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرالماسلىقى مۇمكىن. ھازىر نۇرغۇن ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ كونتروللىقىدا ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى شەكىللىنىشى مۇمكىن بولغان دۇنيا تەرتىپىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكىدەك پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئ‍اچچىق رېئالىق شۇكى، دۆلەتسىز، ئىقتىساتسىز ئۇيغۇر كۈچلەنمەي تۇرۇپ رىقابەتلەرگە يۈزلىنىشى كۆپ چەكلىمىلىك بولىدۇ، يېڭى خىرىستلارغا تاقابىل تۇرالىشىمىز ئۈچۈن بىز بىزنى كۈچلۈندۈرىدىغانلارغا مۇھتاج.

نەپرەت بىزنى كۈچلۈندۈرەلمەيدۇ. دۇنيا بىزنىڭ فەسبۇكتا ئىپادىلىگەن غەزىپىمىزگە ۋە نەپرىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىزنى كۆرگەندە بىزنىڭ تەييار بولغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز، ساداقىتىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا قارىماي راستچىللىق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمىزنى كۆرگەندە، بىزنى ھەركەتلەندۈرگەننىڭ بىزگە زۇلۇم قىلغانلارغا بولغان نەپرىتىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەلنى ئۆتەشكە تەييارلىقىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز كۆپىيىدۇ. خۇددىي بالىسىنى سايىدە ئويناشقا قويۇپ قويۇپ، تەرلەپ نىمئەت ئۈچۈن ئىشلەۋەتقان دېھقاننىڭ قولىدىكى ئورغاق بىلەن قاۋانغا ئېتىلىپ بېرىشى، دېھقاننىڭ قاۋاننى چېپىشى ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىدىن ئەمەس، بەلكى غەمسىز ئويناۋاتقان ئۇماق بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىدىن، ئۇ ھاياتىنى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئېتىپ تۇرۇپ قاۋانغا تاشلىنىپ، ئۇنىڭ بالىسىغا خرىست بىلەن كېتىپ بارغان قاۋاننى پارانپارچە قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىرى ئىنسان ھېسداشلىقى قاۋانغا ئەمەس، ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنىڭغا مەجبۇر قالغان يۈزكۆزى قان دېھقانغا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەندە بىز زىيان تارتىمىز.

ئاددىي ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھىسسىياتىنى يوشۇرماسلىقى نورمال، ئەمما پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يەنە بىر مىللەتكە بولغان كوللىكتىپ نەپرەتنى ئىپادىلەش بىزنىڭ ئوبرازىمىزغا ماس كەلمەيدۇ ھەم بىزگە زىيانلىق. ئاجىزنىڭ غورۇرى ھەرىكەتتىدۇر، نەپرىتىنى ئاشكارىلىغان سۆزلىرىدە ياكى يازمىلىرىدا ئەمەس. بىزنى قۇتقۇزىدىغىنى ئەقىلدۇر، ھەرىكەتتە بەرىكەتتۇر، توردا ئىپادىلىگەن ھاياجان ياكى نەپرەت ئەمەس.بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەندە بىز زىيان تارتىمىز. بىزنى خۇشال قىلغىنى دۈشمەننىڭ ئازابى ئەمەس، بەلكى بىز سۆيگەن ئادەملەرنىڭ ھۆر ۋە غورۇرلۇق ياشىيالىشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، بىز يالغۇز قالمايمىز. ياردەم قەيەردىن كىلىدۇ دەپ تېڭىرقىمايمىز. بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەندە بىز داۋاملىق زىيان تارتىمىز. بىزنىڭ مەقستىمىز ئازابلاش ئەمەس، ئازاپنى قۇتلۇقلاش ئەمەس، ئەكسىچە بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئامانلىقى، ئىنسانلىق غورۇرى ۋە ھۆرلىكى بىلەن ياشىيالىشى. بىز ئازابنى ئالقىشلىمايمىز، ئەمما بىزگە ئازابنى ھەق كۆرگەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىز ياكى مىللەتپەرۋەرلىكىمىز دۈشمەنگە بولغان نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەشتە ئەمەس، تىنىمسىز ۋە ئۈنتۈنسىز پىداكارلىقتا ئۆلچىنىشى كېرەك. شۇندىلا زىيان تارتمايمىز، يولىمىز، سەبدىشىمىز ۋە ئىتتىپاقىمىز ئاۋۇيدۇ، ئىشىكلەر ئېچىلىدۇ. بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنى ئالقىشلىنىدۇ، غەزىپىمىزنىڭ نەپرەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئائىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزدىن ئىكەنلىكنى تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىنىدۇ. بىزنى قۇتقۇزىدىغىنى ۋە كۆكلىتىغىنى ئاللاھقا بولغان ئىمانىمىز، ئىنسانلىقىمىز، قېرىنداشلىقىمىز ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت، ئىبادىتىمىز.

بىزگە ئەقىل ۋە جاسارەت ئاللاھقا بولغان قورقۇنچىمىزدىن كېلىدۇ. نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ھىسسىياتىنى چۈشىنىمەن ۋە ئورتاقلىشىمەن. ئەمما پىكىردە پەرق بولۇشى بىربىرىمىزگە سۆز نەشتەرلىرىنى سانجىشىمىزغا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك، ھورمۇنلارنىڭ ھاياجىنىدا تۇنجۇققۇشتىن، ئەقىل ۋە پەم بىلەن داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكەت پالىيەتلەردە بولۇش بىزنىڭ تاللىشىمىز بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بىز زىيان تارتمايمىز، قېرىنداشلىقىمىز ئۇلغۇيىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەزكەزگە تارتىش كۈچى كۈچىيىدۇ.

كۈچلۈكلەرنىڭ بىز ئارزۇ قىلغان ئىنسانىي دۇنيا تەرتىپىنى ساقلىشىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى رېئاللىق ئاجىزلاشتۇرىشى مۇمكىن. ئەگەر تراپ، پۇتىن، شى، كىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغانلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت گەۋدىلىرىنى كۈچ دەپ قارىغىنىمىزدا ، ئىنسانىيلىق پىرىنسىپىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. ئامېرىكىنىڭ بىن سالمانغا ئوخشاش كۈچمەستانىلىرىغا ۋە خورلىغۇچىلارغا قۇرال سېتىپ بېرىپ، يەمەندە قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولۇشىنى، قانۇنسىز كۆچمەنلارنى ئالۋاستىلاشتۇرىشىنى ۋە ئۇلارنى لاگېرلارغا سولىشى بۇ گۇمانىمنىڭ سەۋەبى. مىللىي مەنپەئەت كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ئوخشىمىغان سىياسىي نەزەرىيىلەر ئارقىلىق ئىنسانىيلىققا تەبىر بېرىشكە ئۇرىنىۋاتقان ۋە شۇ خىل قاراشنى تارقىتىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەبىرىدىكى ئىنسانىيلىقنىڭ مەن ئىشىنىدىغان ئىنسانىيلىق ئەمەسلىكىدىن ھېچ شۈبھەم يوق. شۇنىڭغا ئوخشىغىنىدەك بىزنىڭ تەبىرلىرىمىز، چۈشەنچىمىز ۋە چۈشەندۈرىشىمىز، ئېجىندايىمىزنىڭ مۇھىم ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ قىممىتىمىزنى ۋە قىممەت قارىىشىمىزنى يارىتىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنىڭ كاپالىتى ئۇنىڭ بازاردىكى ئورنىنىڭ ساقلىنىشىدا مۇھىم ئامىل بولغىنىغا ئوخشاش، شۇ مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياج ۋە ئۇنىڭ تونۇلىشىمۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ قىممەت يارىتىشىدىكى مۇھىم ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى كۆزلىگەن ھالدا، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىمىزنىڭ قىممەت ۋە ھۆرمەت يارىتىشى بىزنىڭ قانچىلىك كۈچلىنەلىشىمىزگە ۋە قانچىلىك كۈچلەرگە ساھىپ چىقالىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنچە بۇ بىز تونۇشقا تېگىشلىك ھەقىقەت. پادىشاھنىڭ كىيىمىنى ئوقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، كۈچلەر شۇ پادىشاھقا ئوخشايدۇ، ئىنسانلار شۇلارنى ئالقىشلايدۇ، ئەمما پادىشاھنىڭ كۆڭلىگىمۇ، شۇ مەيداندا ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالدا مېڭىشىغا ھەيرانلىقتا ئەمما سۈكۈتتە قالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئايان، ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ رەڭگىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ. كۈچلۈكلەر قانداق رەڭلىك كىيىمنى كىيسە يارىشىدۇ، ئەمما ئۇلار شۇنداق پادىشاھنىڭ كىيىمىنى كىيىشى ئارقىلىق ئۆز ئىناۋىتىنى ۋە تەسىرىنى تەدرىجىي يۇقىتىدۇ، ئۇلارغا رىقابەت قىلغۇچىلار كۆپىيىدۇ. مەقسەت كۈچلۈكلەرگە ئوخشاش پادىشاھنىڭ كىيىنمىنى كىيىپ ئۇلاردىن كۈچ تەلەپ قىلىش ئەمەس، ئەكسىنچە نىمىنى كىيىشنى بىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىياپىتىنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈشتە. خاراكتېرى مۇقىم بولغانلارنىڭ ئۆز پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق جەلىپ قىلغان سەپداشلىرى ۋە يولداشلىرىدىن ئالغان كۈچى ۋە مۇناسىۋەت دائىرىسى شۇنداق كۈچلۈكلەرنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىشكە ۋەسىلە بولىدۇ. كۈچلىنىش ۋە كۈچلەندۈرۈلۈش ئېھتىياج ۋە ئورتاق مەنپەئەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئورتاق قىممەت قاراشتىكىلەرنىڭ ئورتاق سەپتە تۇرۇشقا بولغان راھەتلىك تۇيغۇسىدىن باشلىنىدۇ. دەسسەپ تۇرالايدىغان مۇستەھكەم ئەخلاق تۇپرىقىمىز بولغاندىلا، باشقىلارغا ئىگىلىپ، تەمە قىلىپ ئەمەس، بەلكى تىزىمىزنى ئەگمەي تۇرۇپ، كۆزىنىڭ ئىچىگە ھېچ ھېيىقماستىن قاراپ تۇرۇپ بىز بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش ئېھتىياجىنى كۈچلۈندۈرەلەيمىز ۋە بىزگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرالايمىز. مەيلى ئورتاق مەنپەتنى چىقىش قىلسۇن ياكى ئىستىراتىگىيىنى، كۈچلۈندۈرۈلۈش شۇنداق مۇرەككەپ كۆپ قىرلىق ئامىللاردىن تاللىنىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ. بىز شۇ مۇرەككەپلىكلەرنى چۈشىنەلىگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇلالىغىنىمىزدە كۈچلىنەلەيمىز، كۈچلەندۈرىلىنەلەيمىز.

ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىچكى ۋە سىرتقى ئىتتىپاققا مۇھتاج ئىدى. شۇنداق بىر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە فىنلاندىيىدىن يولغا چىققان <ئەركىنلىك كارۋىنى>نىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى 2018-يىلىنىڭ سىنتەبىر ئايلىرىدا داۋام قىلماقتا ئىدى. ستوكھولم شەھىرىدىكى نامايىشتىن كېيىن <شىۋىتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى>نىڭ ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلىندىم، بۇ يەر مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىملەردىن يادىكار يەرلەر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ھاياجانلانماقتا ئىدىم. مەرھۇمنىڭ <كۈرەش ئۆلمەيدۇ> دېگەن ناخشىسىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدە سۈكۈتتە مۆكۈنۈپ يۈرگەن گەۋدەم تىترەپ كېتەتتى. مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇر قاچقان شۇ كۈرەش دولقۇنلىرىغا قېتىلىپ كېتىش تەقدىرىگە جازالاگېرلىرىنىڭ ئاتا-ئانامنى يالماپ كەتكەنلىكىدەك نائىلاج ھەقىقەت سەۋەبىدىن تەنبېرىشكە مەجبۇر بولغانىدىم. ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق چۈش بولغان ئۇيغۇر دۆلىتى بولۇش چۈشىگە ئورتاق ئىدىم، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان كوللىكتىپ پوزىتسىيىگىمۇ ئورتاقلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك ئىدى، شۇنداق بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىغا ئۆز ھەسسەمنى قوشۇشقا پېتىنالمايتتىم، رېئالىستىك خاراكتېرىم شۇنداق شۇئارچىلىقلارغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارىشىمغا دالدا ئىدى. ئۇيغۇرلار شۇنداق ئۇلۇغۋات غايىلىك ۋە دەبدەبىلىك شۇئارلارنى توۋلايتىيۇ، رېئال دۇنيادا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە غەرىق بولغان ھالدا، <تېخى پەيتى ئەمەس> دېگەن تەسەللىدە <شۇنداق پۇرسىتى كېلىپ باقسۇن، مەن ھەممىنى قۇربان قىلىشقا رازى> دېگەن كۈچلۈك ئاڭلىنىدىغان، ئەمما ئاجىز شۇئارىنى ئۆزىگە جاكارلايتتى، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلەردە شۇنداق شۇئارلار ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇناتتى.

– ناھايىتى ياخشى ئىشنى باشلىدىڭىز، بىز بەك خۇش بولدۇق. سىزنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلىشىڭىزنى باشقىلاردىن ئاڭلىدۇق. بىلىشىمىزچە ياشلار بىلەن بىللە ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، بىز قانچە يىللاردىن بۇيان تەشكىلاتچىلىك ۋە جەمئىيەتچىلىك بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدۇق، سىزلەردەك ياشلارنىڭ چىقىشىنى قوللايمىز. شۇڭا، بىز بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز، بىز تەجرىبىلىرىمىز بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولاتتۇق،- دېدى بىر پىشقەدەم ئاكىمىز. مەن مۆكۈنۈپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىن بۇيان ۋەتەن ئاشىقلىقىنى ئ‍ۆز ھەركىتىدە كۆرسىتىپ كەلگەن پىشقەدەملەرنىڭ گەپلىرى ئورۇنلۇق ئىدى. ئۇلارغا فىنلاندىيىلىك دوستلىرىم بىلەن بىللە تۈزگەن <تالمۇت> بويىچە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىمنى چۈشەندۈرۈشىمگە ۋاقىت ۋە شارائىت كىرەك ئىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىرلەردە ئورتاقلىشىشتا بەزىدە قىينىلاتتىم، تەپەككۇر شەكلىدىكى ۋە مۇنازىرە ئۇسلۇبىدىكى پەرق مېنىڭ ئۆز مىللىتىم كىشىلىرى بىلەن پىكىرلىشىشىمگە كۆپ توسقۇنلۇق قىلاتتى. بەزىدە ئۆزەمنىڭ ئوخشىمىغان سېستىما قاچىلانغان بىرى ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم.

– خالمۇرات، سىياسىي ھەركەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىدە بەزىدە چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئۇلار بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى رېئاللىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلىشىغا كۆرسەتكەن سەۋەبى، باشقىلارغا تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ يالغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇھىم. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئېنىق ۋە بىر ھەقىقەت، بۇ جىنايەت ياكى گۇناھ ئەمەس. سېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يۇقىتىۋاتقان شارائىتتا ئۇنىڭغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك سادا. ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دېيىشىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالۋاستىلاشتۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئوبرازىنى، ئائىلەڭدىلەرنىڭ پاجىئەسىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئىنسانلاشتۇرىشىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئۇيغۇرغا بولغان تونۇشنى ئوبرازلاشتۇرىدۇ ۋە كىشىلەرگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلمايلا ئۇنىڭ يېشىمىنىڭ سېنىڭ ئارزۇيىڭ بويىچە بولۇشىنى تەشۋىق قىلىشىڭ مەقسىتىڭگە گۇمان تۇغدۇرىدۇ، ھەقلىقلىقىڭگە بولغان چۈشىنىش ۋە ھېسداشلىق ئاجىزلايدۇ، ئاخىرىدا سەن ئۇتتۇرىۋەتكەن بولىسەن. سېنىڭ سەمىمىيىتىڭگە گۇمان قوزغىلىدۇ، سېنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىقىڭ ئۇنتۇلۇپ، خۇددىي سەن ھەقسىزدەك، خىتاي ھاكىمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھەقلىقتەك بىلىدۇ. ئۇنداق بىر ئاممىۋى چۈشەنچىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىلىشى سىلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇيىڭلارغا توسالغۇ بولىدۇ. – دەپ چۈشەندۈردى فىنلاندىيىدىكى بىر شىركەتتە ئاممىۋىي ئوبراز مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان فىنلاندىيىلىك ياش يىگىت. ئۇ مېنىڭ فىنلاندىيىلىك بىمارىمنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسىنى داۋالىغانىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى مەن بىلەن مۇڭداش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئوغلىدىن بەك پەخىرلىنەتتى، ئۇنىڭ سايلام ۋاقتىدا فىنلاندىيىنىڭ مىللەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزەلىرى نامزاتلىرىغا ئوبراز مەسلىھەتچىسى بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، تۇيۇقسىزلا مېنىڭ يەرلىك فىن ئەمەسلىكىم يادىغا يېتىپ:

– ھاررى، بىلىسىز <موسا دېگەن موسا، سودا دېگەن سودا> – دەپ ئېنگلىسچە سۆزلەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۆچمەنلەرگە ياخشى قارىمايدىغان ئۇ پارتىيىنىڭ قوللىغۇچىسى ئەمەسلىكىنى، ئوغلىنىڭمۇ ئۇنى پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغانىدى.

– سىز بەك قىززىقچىكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ مىللەتچى ئىكەنلىكىڭىزدىن نومۇس قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مېنىڭ فىنلاندىيىلىك ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلسىڭىزلا، ئېرقچىلىق قىلمىسىڭىزلا مەن سىزنىڭ سىياسىي قارىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن،- دەپ بىر كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم. فىنلاردا ئۆزىنىڭ مىللەتچى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدىغان ئادەت ئېغىر ئىدى. چۈنكى فىنلاندىيىنىڭ ئېرقچىلىقى ھەققىدە باشقا دۆلەتلىكلەر كۆپ غەيۋەت قىلاتتى، فىنلار باشقىلارنىڭ  شۇنداق دەپ فىنلاندىيىلىكلەرنى سىروتىئوتىپلاشتۇرۇشلاردىن بىئارام بولاتتى. يېشى ئاتام بىلەن تەڭ بۇ دوستۇم بىلەن سىياسىي قاراشلىرىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى توغۇرلۇق كۆپ مۇنازىلەرنى قىلىشقانىدۇق. سىياسەت، دىن ۋە ئىقتىسادىي كىرىم توغۇرلۇق سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان ئورتاق خاراكتېرغا يات ھالدا، بۇ دوستۇم سىياسەت توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىشقا ئامىراق ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىي قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ شۇ مىللەتچى پارتىيىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرسەممۇ، ئۇنىڭ ئۇلارغا بېلەت تاشلايدىغان ياكى تاشلىمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇنازىرىلەر بىربىرىمىزنى قايىل قىلىش مەقسەت قىلىنىپ ئەمەس، بەلكى بىربىرىمىز قاراشلىرى ئارقىلىق ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەرلەرنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلاتتى. پۈتۈنلەي قارمۇ قارشى پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغۇچە كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق، چاقچاق بىلەن مەسخىرە قىلغاندەك سۆزلەرنى بىر بىرىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئاشۇرماسلىققا، شەخسىيىتىمىزگە تەككۈزمەسلىككە تىرىشىپ دېيىشىپ، ئوخشىماسلىقىمىزدىن ھوزۇرلىناتتۇق. بۇنداق بىر ساپا كوللىكتىپ ساپا بولۇشى ناتايىن، چۈنكى بەزىدە فىنلار بىلەن ئوخشىمىغان قاراشلىرىم سەۋەبلىك خۇددىي ئۇيغۇرلاردىكى مۇنازىلەرگە ئوخشاشلا ئېيتىشىپ قالاتتىم، ئۇلار مەندەك بىر قارا چاچلىقنىڭ ئۇلارغا تەپتارتماستىن رەددىيە بەرگەنلىكىمنى مەغرۇرلۇق دەپ چۈشۈنۈپ بىزار بولغان ۋاقىتلارمۇ بولغانىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر مەركەز تەپەككۇرىدىن بىزار بولاتتىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانداق بىر تەپەككۇردا ئىكەنلىكىنى بىلىشىدىن گۇمان قىلاتتىم، چۈنكى شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغانلارنىڭ ئۇنى ھېس قىلالماسلىقى تەبىئىي ئىدى.

– دولقۇن ئىسا ئەپەندىم كەلسە ھەممىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇنىڭدا سىياسەتچىگە خاس ساپا بار. سىزمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، ياشلارمۇ شۇنداق پىشقەدەملەردىن ئۆگۈنىشى كېرەك، ئاممىۋىي ئاساس تىكلىشىڭىز كېرەك، شۇنىڭدا ئېتىراپ قىلىنىسىز، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز،- دېدى بىر ئاكىمىز مېنىڭ پەقەتلا <قاراخانىلار> توپىدا تونۇشقان ياش ئۇيغۇر يىگىتى بىلەنلا ئالاقىلاشقانلىقىمنى ئەسكەرتىپ. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى، بىزنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىمىز ئىتتىپاق شەكىللەندۈرىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى. ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ مەۋجۇت تەشكىلاتلارغا بېقىنمىغان ياكى ئىچىگە كىرمىگەن ئاساستا ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىشىدىن ئۇلارنىڭ ئايرىم بىر يوللاردا مېڭىشىدىن ئەندىشە قىلىش پىشقەدەملەردە ئورتاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. شۇنداق گۇمانلاردىن خالاس بولۇشقا تىرىشاتتىم، يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆزەمنىڭ ھېچقانداق بىر مەۋجۇت سىياسىي تەشكىلاتقا ئارىلاشماي تۇرۇش لىنيەمدىن چەتنىمەسلىك پىرىنسىپىمدا تۇرۇشنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقانىدىم.

– مۇستەقىللىق شۇئارىنى ئېنىق ئېيتىپ چىقمىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇناپىقلار،- دېگەن پىكىرلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تارقىلىشىدىن شەكىللەنگەن خاس ئۆلچەملەر، مۇتلەقلەشتۇرۇشتىن راھەتلىنىدىغان پىسخىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشى ئىجتىمائىي بېسىم بولۇشقا باشلىغانىدى. ئاق ۋە قارا تەپەككۇرى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش تەسەۋۋۇر مېتودىغا ئايلىنىپ دوگمىلاشقانىدى. ئۇنداق بىر قېلىپقا رىقابەتتە بولۇش دىققەتنى، كۈچنى ۋە زېھىننى شۇنداق تالاش تارتىشلارغا ئىسراپ قىلاتتى. ئۇنداق شارائىت ھازىر رېئال ئەمەس ئىدى. مېنىڭ بىرەر سىياسىي ھەركەتتە رەھبەرلىك ياكى داھىي قىلىش چۈشۈم يوق ئىدى. چۈنكى مەن بىيۇكرات سېستىمىسى بولمىغان بىر قارشىلىق ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلاتتىم، ئەڭ مۇھىمى مەندە ئۇنداق بىر ساپانىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىغان ئاممىۋىي ئاساسنىڭ بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتىم، چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقىدا ئىجتىمائىي جەمئىيەتچىلىك بىلەن سىياسىي پائالىيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقۇملارنىڭ چىگراسى ئېنىق ئەمەس، چۈشەنچىلەر مۈجىمەل ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇيغۇر بولمىغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى نىشانلىق ئەمەس ۋە چېچىلاڭغۇ كۆرۈنەتتى.

– ئۇيغۇرلاردا تەشكىلارلار كۆپ، بۇ ياخشى ئىش، تەشكىللەنگەندە كۈچلەنگىلى بولىدۇ. ئەمما ھەركەت تۈر پىلانلىرى بويىچە ئۈنۈملىك بىر قارشىلىقنى كۆرمىدىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىش كېرەك ئىدى. <ئۇيغۇرلاردا ئۆزەڭنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزگىنى بىل > دەيدىغان گەپ بار، ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئ‍ۆزلىرى ياشاپ باققانلىقى ئۈچۈن بىلىدۇ، ئەمما ئۇنى چۈشىنەنمەيدۇ. مەسىلىلەرنى رېئاللىقتىن ھالقىغان ھالدا ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىدۇ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇنداق قىلسا باشقىلار چۈشەنمەيدۇ. – دەپ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغانىدى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىرى مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىگە ئائىت لېكسىيەمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىنكى تەنەپپۇس ئارىلىقىدا. ئۇنىڭ گەپلىرىگە قوشۇلمايتتىم، چۈنكى ئۇيغۇرلار غەرىپكە تېخى يېقىنقى يىگىرمە يىل مابەينىدە يەرلىشىشكە باشلىغان، ئەمدىلا جەمئىيەتلىشىش قەدىمىنى بېسىۋاتقان، كۆچمەنلىك ھاياتى تېخى مۇقىملاشمىغان ھالەتتە ئىدى.

– دۆلەتسىز ۋە ئىقتىساتسىز ئۇيغۇرلارغا فونكىسسىيىلىرى تولۇق بولغان دۆلەت ئاپىراتلىرىغا قويغان تەلەپنى قويۇشىڭىز مەنچە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇرلار كۆچمەن ھاياتىغا كۆنۈش، يەرلىشىش، جەمئىيەتلىشىش قەدەملىرى ئەمدىلا بېسىۋاتىدۇ، بىزدە كەسىپ ئەھلىلىرى كەمچىل. سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ بىزگە تۇتقان سىياسەتلىرىدە سىزگە ئوخشاش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكلىپلىرى ئەھمىيەتلىك، ھۆكۈمەت بىيۇكراتىيىسى بولمىغان بىر توپلۇمنىڭ ھازىرقىدەك ۋاقىتلاردا گاڭگىراپ قېلىشى نورمال. بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى چىقىش قىلىپ، ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ئىشىنىدىغانلارنى كۈچلەندۈرىشىڭلار كېرەك. سىزدىن سوراپ باقاي، يالتا كېلىشى ئارقىلىق بىزنىڭ ئىشتىراكىمىز ۋە ئىختىيارىمىزسىز تەقدىرىمىزنى بەلگىلىگەن شۇ دۆلەتلەر بىزنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقلىرىمىزنى قوغدىيالىشىمىزغا قانچىلىك ئەھمىيەت بەردى؟ سوۋىتلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداش بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدىن ئۇنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغان سىتراتېگىيىچىلىرىڭىزنىڭ بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزگە ئىگە چىقىپ ياشىيالىشىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى كېپىل قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە دېپلوماتىك كېلىشىملەر ۋە خەلقئارالىق تەرتىپلەرگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. شۇنى سوراي، قانچە ئۇيغۇر سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ ياكى كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاجىنداسى قىلغان باشقا دۆلەتلەر سىياسەت، قانۇن، ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە تەربىيلەپ بەردى؟ شۇنداق ئىقتىساسلىقلار بولمايدىكەن، بىزدە شۇنداق ئەھمىيەتلىك ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان، نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدىغان كىشىلەر ئاز ھەتتا يوق بولىدۇ. شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆز چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ شۇنداق ئىشلارنى قىلىشىغا پېتىنىشى تەس بولىدۇ. شۇنداق كىشىلەر شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقان پېتىنغاندا، شۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغان تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىجرا قىلالىشى مۇمكىن. بىزنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمىزدا سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك جاۋابكارلىقى بار، بۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. – دېدىم ئاچچىق قەھۋانى ئوتلىغاچ، تۇرپانلىقلارغا خاس كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ. ئۇيغۇرلار ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك قوللىغۇچى ئىتتىپاقدىشى بولمىغان ھالدا ئاجىز ئەمما ئىزچىل قارشىلىقنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانىدۇق. بىزدىكى پەرۋاسىزلىق، مۇنازىرە سۇپىسى يوق بولۇش، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئېقىملار ئارىسىدا چۈشىنىشنى خالىماسلىقلار قارشىلىق ھەركىتىمىزنىڭ كۈچلىنىشىگە ئىچكى قىسىمدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلار ئىدى. شىۋىتسىيىدىكى پىشقەدەملەردىن شۇنداق ئەندىشىلەرنى ھېس قىلىۋاتقان، ئۆزەمنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈتىدىن خۇدۇكسىرەۋاتقان، ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھۆرمىتىدىن ئەندىكىۋاتقانىدىم.

– ئۈكەم، مېڭقويپاقىنىمۇ ئەمدى،- دېدى بېشىغا شەپكىسىنى قوندۇرۇپ كىيىپ، چاپىنىنى كىيىۋاتقان تۇرپانلىق سەپەرداش ئاكام. ئۇ ماشىنامنى ھەيدىدى، مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ كۈن يورىماستىنلا نورۋىگىيىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى يوق ئۇزۇن ئىدى، مۇساپە، مۇمكىنچىلىكلەر ۋە كۆرۈشۈپ باقمىغان تەقدىرداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش ھاياجىنىدا ماشىنا دېرىزىسىدىن شىۋىتسىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ مەنزىرىسىگە قاراپ خىياللارغا چۆكمەكتە ئىدىم. تەسەۋۋۇرۇمدا تۇرپاننىڭ سايلىق يوللىرىدا قۇرغام ئىسسىق شاماللىرى يۈزلىرىمنى پۈۋلىمەكتە ئىدى. ئاتا-ئانا سېغىنىشى، ۋەتەن سېغىنىشى يۈرىكىمنى تىلغىماقتا. ئۇيغۇرنىڭ تۇيغۇسىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنى توشىۋاتقان ماشىنىلار غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە، ۋەتەن قاغچىرىقىدا روھلىرى ۋەتەن چاڭقىشىدا ئېشىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا نورۋىگىيىگە قاراپ چاپماپتا.

– بىزگە ياردەم قىلىدىغان بىر دۆلەت بولسا، بىز چوقۇم خىتاينى يېڭەلەيمىز. بىزنىڭ شۇنداق بىر كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىمىز بولۇشى كېرەك،- دېدى ئۇ ھاياجاندا. تۈركىيىگە گۇۋاھلىق ۋىدىئولىرىنى يىغقاچ، كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنىدىم. بۇنى جەمئىيەت تەكشۈرۈش دەمدۇق ياكى دەرتداشلىرىمنى چۈشىنىش دەمدۇق بىلمىدىم. شۇ ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا تەييارلانغان ماتېريالنى دېپلوماتلار بىلەن، تەتقىقاتچىلار بىلەن، سىياسىيون ۋە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارغا بېرەتتىم، ياكى سۆزلەپ بېرەتتىم. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە سۆزلىرىمنىڭ ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلار ئالدىدا ئىشەنچلىكلىكىمنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىسمەتلەر بېشىغا كەلگەن دەرتمەن مىللەتداشلىرىمنىڭ پاجىئەلىك ھىكايىلىرىنى ئاڭلىشىم لازىم ئىدى.

– بىزگە ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا يول يوق، جاننى تىكىپ قويدۇق، پىچاق سۆڭەككە يەتتى. ھازىرقى ھالىمىزدا ئادەم تاللاشقا شەرتىمىز يوق. مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ھەتتا يەھۇدىي بولسىمۇ بىزگە ياردەملا قىلسا، بىز ھەتتا ۋەتەندىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى شۇلارغا بېرىۋەتسەكمۇ مەيلىتى،- دېدى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يەنە بىرى.

– تاغقا بېرىپ مەشىقلىنىپ كەلگەنلەر بار، شۇنداق شارائىت يارىتىپ بەرسە، ۋەتەن چىگرىسىدىكى بىرەر يەردىن بىزگە ئورۇن بەرسە، شۇ يەردىن كىرىپ خىتاينىڭ ئانىمانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋېتەتتۇق.- دېدى مىۋە قويۇلغان تەقسىنىڭ قىرىنى بېگىز بارمىقى بىلەن سىلاپ ئولتۇرغان، قارىماققا مۇلايىم ۋە يېقىشلىق كۆرۈنىدىغان پاكار بىرى. بۇ كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئارقا كۆرۈنىشى ۋە كەچمىشلىرى ماڭا نامەلۇم ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوخشىمىغان ئوي پىكىرلىرىنى چۈشىنىش، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى، كەچمىشلىرىنى ئاڭلاش مېنىڭ مىللىتىمگە بولغان ئومۇمىي چۈشەنچەمنى تېخىمۇ مەنتىق ۋە رېئال قىلىشىغا ئىشىنەتتىم. مەن ئەڭ خالىمايدىغان گەپلەرنى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەنمۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان، ھەتتا قارشى تۇرىدىغان پىكىرلىرىنىمۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئاڭلىيالايتتىم. شۇنداق ئوخشىمىغان قاراشلار ئارىسىدا ئۆزەمنىڭ قاراشلىرى سەۋەبلىك ھېسسىيات داۋالغۇچى بولۇپ مۇنازىرىگە كىرمەي قارشى تەرەپنى چۈشىنىش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرالايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرىشىم ئۇزۇن يىللار شۇنداق قاراشلار بىلەن بولغان قارشىلىقلىرىمدىن كەلگەن تەجرىبەمدىن، فىنلاندىيىدەك سوغاققان كىشىلەرنىڭ دۆلىتىدە ياشىشىم، كەسپىم ۋە كېيىن ئالغان تەربىيە ۋە چېنىقىشلىرىمدىن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇيغۇرغا خاس ھاياجانلىنىشىمنى يوقىتالمىغان، شائىر مىللەتكە خاس خاراكتېرىم ئۇيغۇر جىسمىدىكى ئۇيغۇرغا خاس ھورمۇنلار قويۇقلىقىنىڭ تەسىرىدە ھچقاچان ئۆزگىرەلمەيدىغان، بەزىدە ھاياجىنىم ئەقلىمنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا كېيىن يېتىلدۈرگەن شۇ خاراكتېرىمنى ساقلاشقا تىرىشاتتىم.

– ھاررى ئەپەندىم، بايىقى لېكسىيىڭىزدە دېيىلگەن ئەھۋاللارنى مەنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ھازىرقىدەك بۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىددەتلىك قارشىلىقلارنى تەرغىپ قىلىشنىڭ كۆپىيىشىنى توغرا چۈشىنىمەن. ئەمما ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى ئەسكىرىي بىلىملەرنى بىلىدىغان كىشىلەر يوق دەپ ئويلايمەن. خىتاي بىلەن قۇرۇقلۇقتا چىگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرلا ئەمەس، باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەتمۇ ئۇنداق بىر شارائىتنى ئۇيغۇرلارغا يارىتىپ بېرىشكە ئىلاجىسىز. ئۇنداق قىلغانلىقى خىتايدەك ئەسكىرىي چوڭ دۆلەتكە بىۋاستە ئۇرۇش ئاچقانلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنتىزىم ئارمىيىسى بار بىر دۆلەتمۇ خىتاينىڭ قوشۇنلىرى بىلەن يۈزمۇ يۈز تىركىشىشكە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئۇنداق بىر مۇمكىنچىلىككە پېتىنالايدىغان باشقا دۆلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئىزچىل تەرەققىيات، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە مۇقىم ئىقتىساد تېنچ مۇھىتنىڭ بولۇشىغا، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ راۋانلىقىغا مۇھتاج. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چىگرىسىدىن خۇددىي مۇنتىزىم قوشۇنلارغا ئوخشاش كىرىشى ئازراق ئەسكىرىي بىلىم ۋە پەككۇرغا ئىگە كىشىلەرگە كۈلكىلىك بېلىنىدۇ. بىلمىدىم، بۇنى ئۇيغۇرلار قانچىلىك چۈشىنىدۇ،- دەپ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى مەن دېيىشنى خالىمايدىغان بىر يەردە بەرگەن لېكسىيەمنى ئاڭلىغان بىرى. جازا لاگېرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن پىكىر ئېقىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېشىمىگە بولغان ئىنتىلىش ئارزۇلىرى ھەققىدە سۆزلىگەنىدىم. بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگىنىمدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رىۋايەت تۈسى ئالغان بۇنداق بىر يەرگە كىرەلىگەنلىكىمدىن ھاياجانلىنىپ، خۇددىي بۇلار ھەممىنى تاييار قىلىپ قويغاندەك،- خالمۇرات ئەپەندىم، مانا، مۇشۇلار ئارقىلىق مەسىلەڭلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدىغان بولدۇق،- دەپ ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندەك ھسسىياتتا خام خىياللارنى قىلغانىدىم. بۇ يەرگە قانچە قېتىم تەكلىپ قىلىنىپ، قانچە قېتىم شۇنداق لېكسىيىلەرنى سۆزلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرغا خاس ئۇنداق ھاياجانلىرىم تۈگىگەن، رېئالىست بولۇپ قالغانىدىم. ئىنسانلار ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە تۈرلۈك تەسەۋۋۇرلارنى قىلىشىدىكەن، ئىنسان مېڭىسىنىڭ فونكىسسىيىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ ئۆزى چۈشەنمەيدىغان، بىلمەيدىغان، ھېچقانداق ئۇچۇرى يوق نەرسىلەر ھەققىدە رىۋايەتلەرنى توقۇشقا قادىر ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ تەبىئىي پەن تەرەققىياتى كەمچىل بولغان دەۋرلەردە ياكى رايۇنلاردا كىشىلەر تەبىئەت ھادىسىلىرىنى رىۋايەتلەر، چۆچەكلەر ۋە ئەپسانىلەر ئارقىلىق چۈشىنىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنىڭ يەرلەر ھەققىدە شۇنداق ئەپسانىلەر، رىۋايەتلەر ۋە چۆچەكلەر كۆپ ئىدى. ئەمما بىزنىڭ رىئاللىقىمىز تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. كۆز ئالدىمغا ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ تىرىك پورتېرىتى بولغان شۇ مەنزىرە كەلدى.

ئانا قىزىنىڭ رەسىمىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاپ كەتتى، كامېراغا ئېلىۋاتقىنى بىر تۈرك بالا ئىدى، ئۇيغۇرچىنى بەلكىم چۈشەنمەيتتى. ئۇيغۇر ئانىنىڭ يىغىسىغا بىزمۇ شېرىك بولدۇق. ئۇنىڭغا قارىدىم، كامېرانىڭ ئارقىدا تۇرغان بالا مەن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا كۆز يېشىنى ئەرتتى. ئانىنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن ئۆلسۈپ يىغلىشى، خۇددىي ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمى ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك جازا لاگېرىغا مەھكۇم بولغان يالغۇز قىزىنىڭ رەسىمنى چىڭ قۇچاقلاپ دۇغدۇيۇپ قېلىشى يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك پورترېت بولۇپ قېتىپ قالدى. كاشكى رەسسام بولسام ئىدىم، ئۇيغۇر ئانىنىڭ شۇ سىماسىنى سىزىپ چىققان بولسام، بۇ مىللەتنىڭ ئۇ قەدەر ئاجىز ۋە چارىسىز ھالدا يېتىم قالغان ھالىتىنى سىمالىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرەلىگەن بولسام. ئانىغا قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلمىدىم، <مەيلى، يىغلىۋالسۇن، يالغۇز يەردە ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغىنىدىن، يېنىدا ئادەم بار يەردە مۇشۇنداق تۆكۈلىۋالسۇن>، دېدىم بېرىپ تەسەللىي بىلەن ئانىنىڭ يىغىسىنى توختاتماقچى بولغان سىڭلىمىزغا. شۇ چاغدا لاگېرتا ھاياق ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلمەيدىغان ئاپام كۆز ئالدىمغا كەلدى، بەلكىم ئاپاممۇ مېنى شۇنداق سېغىنغاندۇ، مېنى كۆرگۈسى كەلگەندۇ، رەسىمىمنى قۇچاقلىغۇسى، نەۋرىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگۈسى كەلگەندۇ. ئاپام يىغلىسا جازالىنىپ قالارمۇ؟ ئاھ يۈرىكىم، ئاپامنىڭ قانداق يەردە قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر قىلغۇممۇ يوق، قورقىمەن، يامان تەسەۋۋۇرلارنىڭ مېنى يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مەن ئازاپلارغا تۇنجۇقۇپ كەتسەم بولمايدۇ. ئاپامنىڭ يالغۇز بالىسى، ئاپامنىڭ ئاتامنىڭ ئىز دېرىكىنى مەن قىلمىسان، ئۇلارغا مەن ئىگە چىقمىساق كىم چىقىدۇ؟

– ئانا، ئاللاھ بىزنى بۇ ئىمتىھانلاردىن تېز ئۆتۈپ كېتىشكە نېسىپ قىلسۇن، سىزگە ۋە شۇ ھەمشىرىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن.- دېدىم يىغلاپ دۇغدۇيۇپ قالغان ئۇيغۇر ئانىغا جاسارەت بېرىش ئۈچۈن. ئارىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئانىنىڭ، مېنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ يېشى قۇرۇپ قالغاندەك، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسى نەملىشىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئاۋازىم تىترەپ چىقتى، چۈنكى يۈرىكىم تىترەۋاتقانىدى.

ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى كىمگە ئاڭلىتىش كېرەك؟ ئۇيغۇرنىڭ ئازابىنى كىم چۈشىنىدۇ، كىم چۈشىنىشنى خالايدۇ؟ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، بەلكى سوغاققانلىق بىلەن پايدا- زىيان پاسىلىدا سېھىرگەرلىك قىلىدىغان سىياسەتچىلەر، قارار ئالغۇچىلارنىڭ دۇنيانى سانلار ئارقىلىق چۈشىنىىغانلىقىغا شاھىت بولىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتقانىدۇق. دۇنيا ئىنسانىيلىق تۇيغۇسىغا قاغچىرىغان، ئەمما ئىنسانىيلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، ئەمما ئىنسانىيلىقنى مۇراسىم كىيىملىرىگە ئايلاندۇرۋالغان كۈچلۈكلەر ئورمانلىقىدا ياشاۋاتقانىدۇق. ئۇلار دۆلەتلەر ۋە ئىنسانلار ئارىسىغا كۆرۈنمەس چىگرالارنى سىزغان، ئ‍ۆزىنىڭ ۋە ئۆزى تەۋە ۋە ۋەكىل بولغان توپلۇملارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ۋە ئادالەت چۈشەنچىلىرىنى سايلاملاردا سۆزلىنىدىغان دەپدەبىلىك نۇتۇقلارغا بېزەك بولغان بىر دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ھەققىنى كىممۇ ئۆز نەپسىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن كېچىپ ئېلىپ بەرسۇن؟ ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىن ئەندىككەن، ئەيمىنگەن ۋە گۇمانلانغان تولۇملار ياكى باشقا تولۇملار ئارىسىدا ئېرىپ كېتىش، ياكى شامالدا قالغان مامكاپتەك توزۇپ كېتىش تەغدىرىگە مەجبۇر بولىدىكەن. كىشىلەرنىڭ ئائىسىگە ئىگە چىقىش، ئۆز تولىمىغا ئىگە چىقىشىدىن شەكىللەنگەن ئىتتىپاق شۇنداق ئۆزىنى قوغداش ئېھتىياجلىرىدىن مەركەزگە تارتىش كۈچىگە ئېرىشىدىكەن.

2019-يىلى لوندونغا قانچە قېتىم باردىم،  بۇ قېتىم مانا يەنە قايتا كەلدىم، خىتاينىڭ مەكتەپلىرىدە بىزگە < قېرى جاھانگىر دۆلەت> دەپ ئ‍ۆگىتىپ شەكىللەندۈرگەن ئوبرازى بىلەن، تۈرك فىلىملىرىدە ئەپسانىۋىي سۈيقەست نەزەرىيىلىگە ئىلھام بولغان بۇ دۆلەت ماڭا يات ھەم تونۇش بىلىندى. سەپەرلىرىمنى سوتسىيال مېدىيادا ئاپتاپقا سېلىش ھەۋىسىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئەڭ سۆيگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بەزىدە ئۆزەمنى تارتىپ قالاتتىم. چۈنكى بۇ دەرتمەن مىللىتىمنىڭ كىشىلىرىنىڭ قىسمەتلىك كەچمىشلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، يۈرىكىم تىلغىلاندى، كۆزلىرىمدە ياش قۇرىدى، ئەمدىلىكتە قەلبىم تەسەللىيگە قاغچىرىغانىدى. كىشىلەرنىڭ مەن توغۇرلۇق توقىغان تۈرلۈك رىۋايەتلىرى بەزىدە كۈلكەمنى قىستىسا، بەزىدە چارچىغان نېرۋىلىرىمنى بىئارام قىلىپ، ئىرادەمنى بوشاشتۇرۇپ قوياتتى. ئەمما بېسىلغان مۇساپە، ئېچىلغان ئىشىكلەر ماڭا تەسەللىي بولاتتى، ئ‍ۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇراتتى. شۇ خىل ھىسسىياتىمنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشقىمۇ پېتىنالماس بولۇپ قېلىۋاتقانىدىم. <ئاللاھ كۆتۈرەلمەيدىغانغا سالمايدۇ> دەپ تەسەللىي بېرەتتىم ئۇزۇن دۇئالاردىن كېيىن. مېنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىم، ئاللاھقا بولغان قوچقۇنچۇم ئىدى.

– بۇ يولدىن يېنىش بىزنى ئىماندىن چىقىرىدۇ، مىڭ يىللىق ئىسلام ئۈممىتى بولغان ئۇيغۇرلار قىلىنىۋاتقان بۇ خىزمەتلەر ئەڭ چوڭ ئىبادەتلەرنىڭ بىرى سانىلىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن يېنىش بىزنى ئىماندىن چىقىرىدۇ، ئاللاھ بىزنى ئۇنداق ئازغۇنلۇق ۋە ئاجىزلىقلاردىن ساقلىسۇن،- دېگەنىدى ماڭا ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم. فىنلاندىيىدە يىللاردىن بۇيان ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك تەشكىلاتچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئاكىمىزغا:

– ھاجىم ئاكا، مىللىتىم دەپ ھەممە يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ بەرسىلىمۇ بۇنداق ئىشلار بولسا، قانداقمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان يانماي داۋاملاشتۇرغانلا؟- دەپ سورىغىنىمدا.

– ئاللاھ يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن، ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز،- دەپ ماڭا كۆپ دۇئا قىلاتتى ھايات ھىكايىلىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىشىمگە سەۋەب بولغانلاردىن بىرى بولغان بۇ ئاددىي، ئەمما ئىرادىلىك ئىنسان. ئىشىلەر ئېچىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بەلكىم مەندىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئولتۇرۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن، قاچاندىن قالغانلىقى ئېنىق بولمىغان خۇرۇم سافادا تاممەشتە كۆيىۋاتقان قارغاينىڭ كۆتىكىگە قاراپ ئولتۇرىمەن، ئىستاكاندىكى قىزىل چاينىڭ ھىدى ئۇيغۇرنىڭ چېيىدەك خۇشپۇراق بولمىسىمۇ، ئەركىنلىكنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ چوڭ بولغانلارنىڭ تۇيغۇلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇيغۇرنىڭ نىمىسىنى كىم ئويلايدۇ، ئۇيغۇر خۇددىي مەھەللىدىكى توي سورىنىدىكى يىتىم بالىغا ئوخشايدۇ، بارلىقىنى ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ھېچكىم پولونىڭ گۆشلۈك ۋە قاقلىق يېرىدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا بالام مانىڭدىن يەۋەلغىن دەپ ئوچاقنىڭ يېنىغا ئوتقۇزۇپ ئوغۇرلۇقچە بېقىپ قويمايدۇ.

– كەچۈرۈڭ، مەن سىزنىڭ تىلىڭىزدا قانداق گەپ قىلسام سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزگە ماس گەپ قىلغانلىق بولغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيمەن. تەكلىماكاننىڭ قىرلىرىدىكى بوستانلىقتا ئۇدۇل گەپ قىلىپ چوڭ بولۇپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىدا <مەرھەمەت> دېگەن سۆز بولمىغان فىنلاندىيىنىڭ ۋەتەندىشىمەن، شۇڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويسام خاپا بولۇپ كەتمىسىڭىز. – دەپ باشلىدىم گېپىمنى بىر ھازا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن.

– قېنى مەرھەمەت، قۇلىقىم سىزدە،- دەپ جاۋاب بەردى ئىككى رومكا ئىچكەندىن كېيىن سالاپەت سۆلىتىنى ئازراق يوقاتقان بۇ جاناب.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۇنيانىڭ مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدا پېرقىرايدىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر كۆپ ئېيتىلاتتى. نىمىشقىكىن، مەن ئۇلارنىڭ سۆلىتىگە ئىبادەت قىلىپ كەتمەيتتىم، راستىمنى دېسەم ھەممىسىگە ئېگىلىشى پەرزدەك بولۇپ قالغان ناتىۋان بىر مىللەتنىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنداق قىلىش ماڭا تېخىمۇ بەك ھار كېلەتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، ياكى قانداقتۇر شاھانىي مۇھتەشەم تارىخنىڭ ساھىپى بولغان مىللەتنىڭ پۇشتى بولغانلىقىمدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئەمدى يۇقىتىدىغان ھېچنېمىسى قالمىغان بىر توپلۇمنىڭ يەككىلىكى بولغانلىقىم ئۈچۈن جانابلارنىڭ ھەيۋىسىدىن ئۈركۈپ كەتمەيتتىم، ئۇنداق قىلىشىمنىڭمۇ ھېچنىمنىگە پايدىسى بولمايتتى. بەلكىم بۇ ئورۇندا ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلغان قايسىدۇر جانابلار پۇتلىرىنى ئالماپ قويۇپ ئولتۇرۇپ تاماكىسىنى شوراپ ئولتۇرغاچ قانداقتۇر بۈيۈك ئىشلارنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشىپ، قانداقتۇر بۈيۈك پىلانلارنى قىلىشقان، قارارلارنى ئېلىشقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرغا خاس مەنمەنچىلىكىم بىلەن مەنمۇ كونىرىغان خۇرۇم سافاغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، پۇتۇمنى يېنىمدا پۇتىنى ئالماپ قويۇپ ئولتۇرغان بۇ جانابقا ئوخشاش ئالماپ قويۇپ ئولتۇردۇپ سۆزىمنى داۋام قىلدىم.

– ئۇيغۇرنىڭ ئەمدى يوقىتىدىغان نەرسىسى قالمىدى، مەدەنىيەت ياكى بايلىق دېگەنلەرنى ئويلاشقا چولىمىزمۇ يوق. بىزنىڭ خەلقىمىز ھازىر جان قايغۇسىدا قالدى. شۇڭا بىزدە نە شان – شۆھرەت قايغۇسى بار، نە نومۇس چەكلىمىسى. مەن ئۇيغۇرلار سايلاپ چىققان ۋەكىل ئەمەس، ياكى ۋەكىللىك ئورگانلارنىڭ بېشى ئەمەس، مەن پەقەت جان قايغۇسىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ ئاچچىقى يامان ئوغلى، شۇڭا دېپلوماتىك گەپلەرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. بىز ھازىر ئىنسانىيەت ئەزەلدىن دۇچار بولۇپ باقمىغان بىر رەزىل كۈچ بىلەن قارشىلىشىۋاتىمىز، خۇددىي <مۇقەددەس كىتاب>تا دېيىلگىنىدەك دەرەخنىڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭ مېۋىسىدىن بىلىۋالىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىر ياخشى مىۋە چۈشۈپ باقمىدى، ئۇنىڭ ھازىر سېنىڭ دۆلىتىڭگە ۋە باشقىلارغا بايلىق بېرەلىشى خۇددىي ئىسانىڭ قىرىق كۈن روزىسىدىن كېيىن بۈيۈك ئىبادەتخانىنىڭ ئۆگزىسىدە شەيتاننىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىگە ئوخشايدۇ. شەيتان ئەيساغا <ساڭا بايلىق بېرەي، مەنسەپدار قىلاي، بۇ يولۇڭدىن ۋەز كەچ> دېگەنىدى، ئەمما ئۇ ھەممىنى رەت قىلدى. تەڭرىنى سىناشنى ئەمەس، بەلكى ساداقەتنى تاللىدى. ھازىر سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا شۇنداق تاللاش كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خۇددىي داۋۇتنىڭ قۇلىدىكى قالقانغا ئوخشايدۇ، قالقانسىز داۋۇت ئۆلمەيدۇ، ئەمما قانانلىقنىڭ نەيزىسىگە مەيدىسىنى ھېچقانداق دوبۇلغا-ساۋۇتنىڭ قوغدىشىسىز تىك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇم خىتاينىڭ مۇستەملىكە زېمىننى ئۆز تۇپراققا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ئەڭ مۇھىم جۇغراپىيىلەردىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا مىراس تۇپرىقى ئۇيغۇرسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچكى قىسىمدىكى ئەڭ چوڭ خىرىستتىن قۇتۇلغان بولىدۇ. بەلكىم گۈللەنگەن بىر خىتاينىڭ سىلەرگە بەكرەك پايدىسى بارلىقىنى ئويلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما تەڭرىگە ئىشەنمەيدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ، خىرىستوسنىڭ يولىدا مېڭىۋاتقان تەقۋالارنى خۇددىي پىتىرنى، پاۋلوسنى، يەھيانى سولىغاندەك قاراڭغۇ زىندانلارغا تاشلاۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماڭ. ئۇيغۇرلار مەسىھكە سىز ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقاد قىلمىسىمۇ، ئەمما ئ‍ۆزىنى ئىبراھىمنىڭ مىللىتى دەپ تونۇيدىغان، بىر خۇداغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلار سىزلەر ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلگەن شاپائەت. چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى رەزىللىك بىلەن ياخشىلىقنىڭ ئارىسىدىكى پاسىلنى كۆرۈۋېلىشىڭىزلارنى مۇمكىن قىلدى، ئۇيغۇر سىزلەرگە رەزىلنى توسۇشنىڭ پۇرسىتى. خىتاي بۈيۈك، ئەمما مۇسا بەنى ئىسرائىلنى باشلاپ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كەلگەندە، بەنى ئىسرائىلمۇ ئېتىزلىرى مول، تاملىرى ئېگىز قانانلىقلاردىن قورققانىدى. ئۇلار دېڭىزنى يېرىپ ئۆتۈشتەك مۆجىزىلەرگە شاھىت بولۇپ سىنايغا كەلگەنلەر تۇرۇپ قورققانىدى، بەنى ئىسرائىلنى مۇسا ئەمەس، بەلكى جوشۇئا قېرىپ قالغاندا قانانغا باشلاپ كىردى. ئەمدى قورقۇنچ ئۇيغۇرنى ھالاكەتكە باشلىسا، سىزنى شەرىپىڭىز بىلەن ياشاشتىن مەھرۇم قىلىدۇ، خىتاي ئۆزىدىن ئاجىزلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە دۇنيانى ئالتە كۈندە ياراتقان بىر تەڭرىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. – دېدىم ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ. مېنى تونۇشتۇرغان كىشى بۇ زاتنىڭ تەقۋا خىرىستىئان مۇرتى ئىكەنلىكىنى، ياشقا چوڭ بولغانسېرى دۇئا-ئىبادەتتە كۆپ بولىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى گەپ سۆزدە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەنىدى. تەۋراتتىن ۋە ئىنجىلدىن مىساللارنى كەلتۈرۈپ سۆزلىگەن سۆزلىرىم ئۇنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇنىڭغا تەسىر قىلغاندەك قىلاتتى. ئەمما يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرىدىن مېنىڭ ئۇنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىنىڭ كىتابىدىن مىساللارنى ئېلىپ سۆزلىشىمگە بولغان تىركىشىشنى ھېس قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى پۈتۈن دۇنياغا خىرىستىئان ئېتىقادىنى تارقىتىشتا ئاۋانگارت بولغان ئەنگىلىيىدەك بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازلىق ئەرباپى بولغان بۇ كىشىنىڭ مىڭ يىللاپ تىركىشىپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار تۇپرىقى بولغان تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىن كەلگەن بىرىنىڭ ئاغزىدىن بۇلارنى ئاڭلىشى ئۇنى چۆچۈتكەنىدى. ئۇ ئىستاكانىدىكى شاراپىنى بىر ئوتلىۋېلىپ، ئالدىرماي سۆزىنى باشلىدى.

– خالمۇرات، غەزەپلىنىش ۋە نەپرەت تەڭرىدىن ئەمەس، شەيتاندىن كېلىدۇ،- دېدى. ئۇ مۇسۇلمانلارغا قارىتا شەكىللىنىپ بولغان بىتەرەپلىمە كۆز قاراشلىرى بىلەن مېنى نەپرەت قىلغۇچى، غەزەپلەنگۈچى دەپ ھۆكۈم قىلىۋاتقانىدى.

– جانابلىرى، ھۆكۈم قىلماڭلار، سىلەرمۇ شۇنداق ھۆكۈملىنىسىلەر،- دېدىم ئىنجىلدىكى سۆزنى ئارىيەت قىلىپ. – غەزەپ ئەمەس، بەلكى غەزەپنى يەڭگۈچى مېھىر مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئەسلەتكىم كەلدى. يادىڭىزدىمۇ، بىر يەھۇدى سودىگەر بۇلىنىپ، قاتتىق دۇمبالانغاندىن كېيىن يېتىپ قالغانىدى، بىر رابباي يولدىن ئۆتتى، ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ داجىپ ئۆتۈپ كەتتى، بىر سەمەرىيىلىك كەلدى، ئۇنى ئېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ جاراھىتىنى داۋالىدى. ئەيسا مەسىھ سورىدى، كىم ئۇ يەھۇدى سودىگەرنىڭ قوشنىسى؟ ھۆرمەتكە سازاۋەت دىندار راببايمۇ ياكى دىنسىز دەپ قارىلىدىغان سەمەرىيىلىكمۇ؟ ئۇيغۇرلار ھازىر شۇ يېتىپ قالغان سودىگەرگە ئوخشايمىز، بىزگە سەمەرىيىلىك قوشنىمىز لازىم. – دېدىم گېپىمگە ئۇلاپلا. بۇ زات كۆزۈمنىڭ چوڭقۇرىغا قاراپ، مەندىن نېمىلەرنىدۇر ئىزدىگەندەك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا سۇئاللار چۆرگىلىمەكتە، خۇددىي مېنىڭ كاللامدا ئىستەكلەر قۇيۇن ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاش. شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە، تارىخ ۋە كەلگۈسى مۇمكىنچىلىكلەر ھەققىدە ئۇزاق مۇڭداشتۇق. بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر ھەققىدە گەرچە ئۇيغۇرلاردا مودا بولىۋاتقان رىۋايەتلەرگە ئىشەنمىسەممۇ، شۇ رىۋايەتلەرنىڭ راست بولۇشىنى، مۇشۇنداق دىئالوگلار ۋە مۇڭدىشىشلار ئارقىلىق مۆجىزىدەك ئۆزگۈرۈشنىڭ يۈز بېرىپ، ئاھۇ زاردا بىزگە تەلمۈرۈپ نىجاتلىق تىلەۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرۇمنىڭ، قازىقىمنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى، ھەتتا دۆلەتسىز ئۇيغۇرنىڭ بىردىنلا دۆلەتلىك بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىردىنبىر رەببىم ئاللاھ، بىزگە شۇنداق مۆجىزىلەرنى پات يېقىندا نىسىپ قىلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

كەچ كۈزنىڭ غازاڭلارغا تولغان كوچىسىدا ياتاققا قاراپ ياياق ماڭدىم، ئېسىل زاتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆزەمنى دۇنيانىڭ رېئاللىقىغا چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر ئىدىم. رەھمەتلىك دادام بىلەن شۇنداق مۇڭدىشاتتۇق، ماڭا ھەمدۇل بوۋامنىڭ، قادىر بوۋامنىڭ ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتى. بوۋىلىرىمنىڭ ئىسمىنى ھىكايىلىرىگە سىڭدۈرۈپ ماڭا چاندۇرماي ياتلاتقۇزاتتى. ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، تولۇق ياستۇققا يۆلۈنۈپ ھىكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقان دادام (ئاتامنىڭ ئاتىسى) رەھمەتلىكنىڭ بىر شىللىڭ ئۈزۈمنى قولىغا ئېلىۋېلىپ پەخىرلىنىپ ھىكايە ئېيتىپ بېرىشىنى ئاڭلايتتىم. ھىكايىسىنىڭ ئارىلىقىدا يۈزىگە قونىۋالغان چىۋىننى قورۇيتتى، كېگىزگە قونىۋالسا شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ تۇپا چىقىرىۋېتەتتى، شۇ چاغلاردا كۈلۈپ كېتەتتىم، خۇددىي ھەمدۇل بوۋامنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋاقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا تۈتۈنلەرنى كۆرگەندەكلا.

(ئەسەرنىڭ داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. <ئاپامنى ئىزدەپ> ناملىق كىتابنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بىلوگىمدا ئوقۇشىڭىزغا تەكلىپ قىلىمەن. )

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ